xjtiwip.biz

1
جەمئىي مىكروبلوگ 73 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • كارىل 2016-2-9 19:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، قېرىندىشىم، دادامنىڭ قولى تىترەيدىغان بولۇپ قالدى، بۇنىڭغا بىرەر داۋا بارمىدۇ؟؟

  • مېھر 2016-1-14 11:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسالاممۇ  ئەلەيكۇم  مۇشۇ  ۋختىڭلار خەيرلىك بولسۇن

  • 甜蜜的爱情 2015-10-13 22:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم :مۇنبەردىكى بارلىق ئەزىز  قېرىنداشلار ،مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن!

  • nuraziz 2015-10-10 18:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    kandakilganda danihorakni yokatkiliboldu

  • تېۋىبە 2015-10-6 21:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ! كىچىككەن بولسىمۇ ئايىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • TIWIP 2015-9-21 13:32 [ئىنكاس(2)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .قېرىنداشلار،ھەمىڭلار سالامەت تۇرۇپسىلەرمۇ؟

  • تەجەللي 2015-7-1 16:49 [ئىنكاس(2)] [...]

    مۇنبار ئيگيسسى،بىلەن كانداك كۇرشىمىز

  • مېھر 2016-2-3 10:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالاممۇ  ئەلەيكۇم  سالامەت  تۇردلمۇ

  • دېڭىز 2016-1-5 15:02 [ئىنكاس(0)] [...]

    مىنىڭ كۇزۇم يىراقنى كۈرەلمەيدۇ. قېرىنداشلار بىلىدىغان رىتسىپلىرىڭلاردىن بولسا دەپ بەرگەن بولساڭلار

  • 甜蜜的爱情 2015-10-13 22:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم :مۇنبەردىكى بارلىق ئەزىز  قېرىنداشلار ،مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن!

  • TIWIP 2015-10-9 23:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

  • بىگىم217 2015-10-5 16:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئانانىزىمنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك دورىللىرى  بامۇ

  • تېۋىبە 2015-9-20 13:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋۇ تىۋىپ تورىنى باشقىچە بىر جانلاندۇرۋېتەيلى جامائەت!‘

  • تەجەللي 2015-7-1 16:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوسلا،ئاراڭلاردا دييابيت بيمارليري بولسامەندە100تال دييابيت،كوميليچيني،ھەقسيزتە.....

كۆرۈش: 4705|ئىنكاس: 0

ئۆپكە راكى ۋە ئۇنى داۋالاش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەسئۇل تىۋىپ

711

تېما

8

ئەگەشكۈچى

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 1404
نادىر تېمىسى: 23
تىللا: 5188
تۆھپە : 5000
توردا: 1257
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2016-4-11

تېما ماھىرىمۇنەۋۋەر مەسئۇل

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-9 10:49:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆپكە راكى ۋە ئۇنى داۋالاش

ئۆپكە سەرتانى تېبابىتىمىزدە سەپرا ماددىلىرىنىڭ كۆپىيىشىدىن ، سەۋدا ماددىسى ۋە قان ماددىلىرىنىڭ كۆپۈيىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئۆپكە ھاۋادىكى چاڭ-توزان، بۇلغانغان ، غىدىقلىغۇچى نەرسىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدىغان ئەزا بولغاچقا ، بۇنداق ھاۋالار بىلەن نەپەسلىنىش ۋە ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چېكىش ئۆپكە سەرتانىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تىزلىتىشى مۇمكىن. ئۆپكىدىكى كونا كېسەللەر  مەسىلەن ، زاتىررىيە ، ئۆپكە سىلى، بەزىدە كاناي شاخچىلىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى، ئۆپكىدىكى كونا يارا كاۋاكلىرىدىن سەرتان كىلىپ چىقىشى مۇمكىن. ئۆپكە سەرتانى كۆپىنچە شاخ كاناينىڭ ئۆپكىگە كىرىش جايىدا (ئۆپكە دەرۋازىسىدا ) ، ئۆپكە بۆلەكچىلىرىنىڭ سىرتقى تېرىسىدە ھاسىل بولىدۇ.

كېسەللىك ئالامەتلىرى :
ۋاقتىدا سېزىلمەيدۇ، كۆپىنچە كېچىككەندە بىلىنىدۇ. تۇيۇقسىز قېقىلىپ قاتتىق  يۆتىلىپ كېتىش، ھاسىراش ، كۆكسى قادىلىپ ئاغرىش، قارامتۇل ياكى جىگەررەڭ قان تۈكۈرۈش يۈز بېرىدۇ.  يۆتەلگە قىلىنغان دورىلار كار قىلمايدۇ. ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇقلايدۇ. رېنتىگىنلىك تەكشۈرۈشلەردىمۇ ئۆپكە راكى ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ ياكى گۇمان پەيدا بولىدۇ. بىمارنىڭ تېنى ئاجىزلاپ قان ئازلايدۇ. تۆۋەن قىزىتما بولىدۇ. دېمى سىقىلىدۇ. بىئارام بولىدۇ. بەزىدە ئۆپكىدىكى سەرتان ئۆسمىسى جاراھەتكە ئايلىنىپ ، سېسىق يىرىڭلىق بەلغەم چىقىدۇ. بەزى كىشىلەردە ئاسانىقچە بىلىنمەي ئۇزاققىچە ئۆپكىنىڭ باشقا كېسەللىكلىرىدىن گۇمانلىنىپ قېلىش تۈپەيلىدىن ۋاقىت ئۆتۈپ داۋالاش كېچىكىدۇ.

يۆتەل ئۆپكە راكىنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى سېگنالى . قان ئارىلاش بەلغەم تۈكۈرۈش، مەيدە چىڭقىلىپ ئاغرىش، نەپەس قىيىنلىشىش راك ئۆسمىسىنىڭ ئۆپە دەرۋازىسىدا توساق پەيدا قىلغانلىقىنىڭ ئالامىتى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا قىزىش ، بۇغۇملار ئاغرىش باشلىنىدۇ . بەدەن ئاجىزلاش ، ئورۇقلاش تېزلىتىدۇ.

يەنە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك.

بىرىنچى: ئاغرىقنىڭ يېشى 35 تىن ئاشقان، ئۇدا قېقىلىپ يۆتىلىشنىڭ سەۋەبى ئېنىق بولمىغان، دورا كار قىلمىغان بولسا؛

ئىككىنچى : زۇكام ، كاناي ياللۇغى داۋالىغانسىرى ئېغىرلاشسا؛

ئۈچىنچى: قانلىق بەلغەم قايتا-قايتا كۆرۈلسە ، مەيدىنىڭ مۇقىم بىر جايى ئىزچىل ئاغرىسا؛

تۆتىنچى: ئىلگىرى ئۆپكە سىلى ، كاناي ياللۇغى بىلەن ئاغرىغان بولۇپ، ئەسلىدىلا بار يۆتەل تۇيۇقسىز كۈچىيىپ كەتسە؛

بەشىنچى : كاناي ياكى ئۆپكە ياللۇغى قانچە داۋالىسىمۇ ساقايمىسا؛

ئالتىنچى: ئۇزاق مەزگىل تاماكا چەككەن تارىخى بولسا؛

داۋالاش ئۇسۇلى:

ئكپكە سەرتانى يېڭى باشلانغاندا ئوڭايلىقچە بىلگىلى بولمايدىغان ، بىلىنگەندە ئاللىقاچان ئېغىرلاشقان ھالەتكە ئۆتۈپ باشقا ئەزالارغىمۇ زەھىرى تارقاپ كېتىدىغان كېسەللىك بولغاچقا ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بالدۇر ئېنىقلاپ بالدۇر داۋالاشنى قولغا كەلتۈرۈش زۆرۈر . شۇنىڭدەك ئاغرىقنىڭ قۇۋۋىتىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىش لازىم.

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە سەرتان كېسەللىكلىرىنى ئوق يىلان مەجۈنى يەنى مەجۈنى مارى ئەفئا بىلەن داۋالاش ، سىماب كۈشتىسى بىلەن داۋالاش، يىلان تالقىنى ، يىلان گۆشى شورپىسى بىلەن داۋالاش ، كۇچۇلا بىلەن داۋالاش ئۇسۇللىرى بار .

تۆۋەندە بىز جاھىل خارەكتىرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاپ مۇئەييەن نەتىجىلەرنى قازانغان مەرھۇم ئۆمەرجان ئىسمايىلنىڭ بۇ ھەقتىكى قوللانغان داۋالاش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز؛

مۇرەككەپ سەرتان مەجۈنى بېرىلىدۇ ،
ئىشلىتىلىشى : ئەتىگەن – كەچ تاماقتىن كېيىن 5-8 گرامغىچە ئەھۋالغا قاراپ يەيدۇ. بەك بوشىشىپ كەتكەن ئەھۋالدا بىرەر ۋاخ ياكى 1-2 كۈن توختىتىپ يېسە بولىدۇ.

ئۆپكە راكىنى داۋالاشنىڭ بۇ رېتسىپى باشقا ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايتىشنىڭمۇ ئالاھىدە ئۈنۈملۈك رېتسىپى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن ؛ ئۆپكە ، ئاشقازان، رېماتىزىم كېسەللىكلىرى ، كاناي ياللۇغى ۋە جاراھەت قاتارلىقلار، يەنە ئۈچەي ۋە بۇۋاسىر كېسەللىكلىرىمۇ ناھايىتى ئۈنۈملۈك ساقىيىدۇ.

بۇ دورا بىلەن بىرگە كۈندە ئۈچ ۋاخ بەش گرامدىن ھەسەل جەۋھىرى ئىچىش ، كۈندە بىر قېتىم بىر ئامپۇل پانتوكرىن يەنى بۇغا مۈڭگۈز ئۇكۇلى ئۇردۇرۇش ، مۇمكىن بولمىسا ماغدۇرلاندۇرۇش شەربىتى ياساپ ئىچىش لازىم؛

ماغدۇر كىرگۈزۈش شەربىتى بىرىلىدۇ
ئىچىش ئۇسۇلى : تەييارلانغان شەربەتنى كۈندە ئۈچ قېتىمدىن 20 كۈندە ئىچىپ بولۇش كېرەك.

تەسىرى: بەدەننى ، يۈرەكنى ، مېڭىنى ، بۆرەكنى كۈچلەندۈرۈش، نەپەسنى ۋە ئىشتىھانى ياخشىلاش، ئۇمۇمىي ئەزالارنى جانلاندۇرۇش، قان ئىشلەش ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بەدەنگە قان تولۇقلاش رولى بار . بۇ قۇۋۋەتلەندۈرۈش شەربىتى ھەر خىل شەكىلدىكى راك ھۈجەيرىلىرى بىر قەدەر تىزگىنلەنگەندىن كېيىن ئىشلىتىلسە تېخىمۇ ياخشى.

تور بېكەت باشلىقى :ئابدۇللاھ تىۋىپ. دۇرا زاكاس قىلىش ۋە تىببى مەسلىھەت سوراش يانفۇن نۇمۇرى:13199972967 كوت كوت :2779009524 سودا سانائەت بانكا كارتا نۇمۇرى:6212263015000405303 پوچتا بانكا كارتا نۇمۇرى:62179988000550407 يېزا ئامانەت قەرز بانكا كارتا نۇمۇرى:6212872032418280 كا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

2779009524
在线咨询
ئابدۇللاھ تىۋىپ
13199972967 15509032247

ئۇلىنىش قوشوڭ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى| تىۋىپ ئۇيغۇر تىبابەت تورى|  

GMT+8, 2016-4-11 07:00, Processed in 0.325158 second(s), 45 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش