قىچىشىششى ئېغىر بولىدۇ، تېرە ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، قىزىرىش، مودو چىقىش، سۇلۇق قاپارتقۇ ياكى يىرىڭلىق قاپارىتقۇ چىقىش ئەھۋاللىرى جىددى ھەم ئېغىر بولىدۇ. شىلىمشىق سۇيۇقلۇق چىقىدۇ، چىگرىسى ئېنىق بولمايدۇ، ئەتراپىغا ئۇششاق قاپارتقۇلار چىقىدۇ، شەلۋەرش، قاقاش تۇتۇش بىللە كىلىدۇ، ئەتراپقا تېز يامرايدۇ، يىرىڭ چىقىدۇ ياكى قېلىن قاسراق تۇتىدۇ. دەسلەپ پەيدا بولغاندا ئۇششاق چىكىتسىمان ياكى چېچىلاڭغۇ قىزىل داغلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئەتراپقا كىڭەيگەندىن كىيىن بىر-بىرىگە قۇشۇلۇپ كىتىدۇ. چەك-چىگىرلىرى ئېنىق بولمايدۇ، تەدرىجى ھالدا نۇرمال تېرىلەرگە قاراپ يۆتكىلىدۇ.ئۇنىڭ يېقىن ئەتراپىدا تارقاق قىزىل داغلار بولۇپ، ئارالسىمان تارقالغان بولىدۇ. قىزىل داغلار بىلەن بىللە ھەمىشە يەرلىك ئورۇن ئىششىيدۇ.خۇسۇسەن تېرە ئاستى توقۇلمىلىرىنىڭ بوش ساھەلىرى، مەسلەن: قاپاق، تۇخۇم خالتىسى، قول دۇمبىسى ھەم پۇت دۇمبىسى قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ رۇشەن بولۇپ، قىزىل داغلىق دەۋىرى ياكى قىزىل داغلىق ھۆل تەمرەتكە دىيىلىدۇ. قىزىل داغلار ساقايغاندا ئۇششاق تەڭگىچىلەر پەيدا بولىدۇ. قىزىرىشلار بەكمۇ رۇشەن كۈرەنگەنلەردە پەردىسىمان تەڭگىچىلەر بارلىققا كىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن پەيدىن-پەي ساقىيىدۇ.ياللۇغ ئەدىگەن بولسا قىزىل داغ ئۈستىگە ئۇششاق دۆڭچىلەر(تېرە يۈزىدىن كۈتىرلىپ چىققان ئەسۋە) پەيدا بولىدۇ، ئېغىرلىرىدا توپلانغان، يىنىكلىرىدە تارقاق ھالدا پەيدا بولىدۇ، بۇ دۆڭچە دەۋىرى ياكى دۆڭچىلىك ھۆل تەمرەتكە دىيىلىدۇ. تاتلىغاندا دۆڭچە ئۈستىدە تاتۇق ۋە قانلىق قەقەشلەر شەكىللىنىدۇ. قىزىل داغلىق دەۋىرىنىڭ بەلگۈلىرى كۈچلۈك، شۇنداقلا قاتتىق ئىششىق بىللە كەلگەندە قىزىل داغ ئۈستىدە توپ توپ ئۇششاق سۇلۇق قاپارىتقۇلار ۋە زىدىلىنىشلەر پەيدا بولىدۇ. سۇلۇق قاپارىتقۇلارنىڭ دىيامىتىرى 1-2 م م بولۇپ، سۇلۇق قاپارىتقۇلۇق دەۋرى ياكى سۇلۇق قاپارىتقۇلۇق ھۆل تەمرەتكە دىيىلىدۇ. سۈركۈلۈش ياكى قاشلاشلار ئارقىلىق تېرە يۈزى زىدىلىنىپ، كۆپ مىقداردا شىلىمشىق سۇيۇقلۇقلار ئاجىرلىپ چىقىپ، زىدىلىنىش ياكى شەلۋەرەش دەۋرىگە ئۈتىدۇ. شەلۋەرەش خارەكتېرلىك ياكى زىدىلىك ھۆل تەمرەتكە دىيىلىدۇ. ئاجرالمىلار قۇرۇغاندىن كىيىن سېرىق رەڭدە قەقەش باغلايدۇ، قەقەشنىڭ قېلىنلىغى ھەرخىل بولىدۇ، بۇ قەقەشلىك ھۆل تەمرەتكە دىيىلىدۇ. ئۆتكۈر ھۆل تەمرەتكىنىڭ ھەرقايسى دەۋىرىدىكى ياللۇغلىنىش ئەھۋاللىرى داۋالاشتىن كېيىن ياخشىلىنىپ، قىزىل ئىششىقلار قايتىدۇ، زىدىلىنىشلەر ساقىيىدۇ، قەقەشلەر چۈشىدۇ. بەلگىلىك مەزگىل ئىچىدە ھۆل تەمرەتكىنىڭ ئۈستۈنكى يۈزىدە پارچە ۋە كىپەكسىمان تەڭگىچىلەر بولۇپ، ئاندىن تەدرىجى رەۋىشتە ئۆز ئەكسىگە قايتىدۇ.
يۇقۇردىكى ھەر خىل شەكىللەرنىڭ يەككە ئۇچۇرىشى ئاز بولۇپ، كۈپىنچە 2-3 خىل شەكىللىرى بىرلىشىپ پەيدا بولىدۇ ياكى بىرىدىن يەنە بىرىگە ئۈتىدۇ. ھەر دەۋىرىنىڭ پەيدا بولىشىمۇ يۇقۇردىكى تەرتىپ بىلەن ئوخشاش بولۇشى ناتايىن.مەسلەن: قىزىل داغلىق دەۋىرىدىن كىيىن سۇلۇق قاپارىتمىلىق ياكى زىدىلىك بولىشى مۇمكىن.
مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنسا ياللۇغ تېز قايتىدۇ، تېردىكى زەخمىسىمۇ 2-3 ھەپتىدە يۇقايدۇ، ئەسلىگە كىلىشىنىڭ تېز ئاستىلىغى تارقىلىش كۈلىمىگە، ئېغىرلىق دەرىجىسى ۋە بىمارنىڭ بەدەن ساپاسىغا باغلىق بولىدۇ.
ئۆتكۈر ھۆل تەمرەتكە ئاسانلا قايتا قوزغۇلۇپ، ساختا ئۆتكۇر ياللۇغلۇق ھۆل تەمرەتكە ياكى ئاستا خارەكتېرلىك ھۆل تەمرەتكىگە ئۆزگىرىدۇ. |