سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، سىرتقى زەخىم، كۆپ تۇغۇش، قىيىن تۇغۇت، سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆپ قېتىم بالا ئالدۇرۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: دوۋسۇن، بەل قاتتىق ئاغرىش ۋە چىڭقىلىش، جىنسىي يولدىن گۆش يۇيغان سۇدەك سېسىق پۇراقلىق قان كېلىش، بەزىدە قان بىلەن يىرىڭ ئارىلاش كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ تەركىبى: ئوغرىتىكەن، قوغۇن ئۇرۇقى، سۆئلەپ 15 گرامدىن، قەنت ئالتە تال، ئاق تۇدەرى، قىزىلگۈل 12 گرامدىن. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ تەركىبى: بابۇنە، شۇمشا ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، مۇرمەككى، ئانارگۈلى 30 گرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇدا قاينىتپ، تېرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم جىنسىي يول يۇيۇلىدۇ. 3 - رېتسېپ تەركىبى: مامىرانچىنى، كەتىرا، قىزىلگۈل خەمىكى، موزا 20 گرامدىن، گۈل يېغى، 15 گرام. تەييارلاش ئۇسۇلى: گۈل يېغىدىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، گۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ شامچە تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، بالىياتقۇ ئاغزىغا قويۇلىدۇ |