سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئومۇمىي بەدەننىڭ سوغۇقى ئېشىپ كېتىش ياكى نېرۋىنىڭ باشقۇرۇشى ئاجىزلىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: كېچىسى ئۇخلاۋېتىپ ئورنىغا سىيىپ قويۇش، بەزىدە ئويغاق ھالەتتىمۇ سۈيدۈكىنى تۇتالماي، سىيىپ سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ تەركىبى: كۇندۇر، ئانارگۈلى، بەللۇت، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى 12 گرامدىن، زىرە، تاغ زىرىسى، جۇۋىنە ئالتە گرامدىن، ئامىلە، بەلىلە، سېرىق ھېلىلە، قارا ھېلىلە تۆت گرامدىن، سىيادان سەككىز گرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل ئۈستىگە سېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ تەركىبى: مۇرمەككى، كۇندۇر، ئاقاقىيا، شىيافى سامسا ئالتە گرامدىن، زەمچە توققۇز گرام، ئاق لەيلى ئۇرۇقى 21 گرام، ئاق زەنجىۋىل، زىغىر، كابۇل ھېلىلىسى پوستى 30 گرامدىن، ھەسەل ئىككى ھەسسە. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ). 3 - رېتسېپ تەركىبى: چىگىت مېغىزى، ياڭاق مېغىزى مۇۋاپىق مىقداردا، تۇخۇم ئىككى دانە، سۇ ئىككى چىنە. تەييارلاش ئۇسۇلى: مېغىزلارنى تۇخۇم بىلەن سۇدا قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم تەييارلاپ تۇخۇمىنى يەپ، سۈيى ئىچىلىدۇ |