سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، يېمەك - ئىچمەك ۋە شەخسىي تازىلىققا رىئايە قىلماسلىقتىن، يېمەكلىك ماددىلىرى بىلەن ئۈچەيگە كىرگەن مەددە قۇرت تۇخۇمىنىڭ مەددىگە ئايلىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: كۆپرەك ئۇچرايدىغىنى قىلقۇرت، يەنى تۈتۈ مەددە بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بىر سانتىمېتىر بولغان قىلدەك ئىنچىكە مەددە چوڭ تەرەت بىلەن چىقىش، سوڭى قىچىشىش، قورساق ئاغرىش، كېچىسى بىائرام بولۇپ ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ تەركىبى: ھەشقىپىچەك ئۇرۇقى، تۇربۇت 20 گرامدىن، سەبرىدىن ئالتە گرام. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ (دورا ئىستېمال قىلىنىپ ئىككى سائەتتىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا سۈرگە دورىسى ئىستېمال قىلىش كېرەك). 2 - رېتسېپ تەركىبى: بىخ كەبىر، تاغ يالپۇزى، پىپننە، ئوبھەل، قىزىل لوبىيا، سېرىق ئوت 15 گرامدىن، قۇندۇز قەھرى ئالتە گرام، ئۈزۈم 30 گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سۇدا يۇغۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىمدا ئۈچ تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 3 - رېتسېپ تەركىبى: بەرەڭگى كابىلى، تۇربۇت، قەمبىل 15 گرامدىن، قىزىل لوبىيا، ئاچچىق قۇستە 20 گرامدىن، ئەپسەنتىن رۇمى 30 گرام، تاش تۇز ئۈچ گرام. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ ھەر قېتىمدا بەش گرام دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا سۈت بىلەن ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلىنىدۇ |