سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، تازىلىققا رىئايە قىلماسلىق نەتىجىسىدە سازاڭسىمان مەددە تۇخۇمىنىڭ ئۈچەيگە ئورۇنلىشىپ تىرىلىشى ۋە كۆپىيىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: بالىلاردا ئىشتىھا تۇتۇلۇش، چىشلىرىنى كاراسلىتىپ ئۇخلاش، ئۇخلىغاندا ئېغىزدىن شال ئېقىش، بەزىدە قورساق ئاغرىش ۋە ئۈچەي توسۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ تەركىبى: قەمبىل، بەرەڭگى كابىلى، سەرخەس، دەرمىنى تۈركى، ھەببۇلنىل، تۇربۇت، قىزىل لوۋى، شاپتۇل يوپۇرمىقى ئۇسارىسى 10 گرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ تەركىبى: تۇربۇت، مۇقەل ھەربىرى ئالتە گرامدىن، سەرخەس، بەرەڭگى كابىلى ھەربىرى ئۈچ گرامدىن، ھەسەلدىن 60 گرام. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرام 200 مىللىلىتىر كالا سۈتى بىلەن ئىچىلىدۇ. 3 - رېتسېپ تەركىبى: شاپتۇل چېچىكى 15 گرام، شېكەر 50 گرام. تەييارلاش ئۇسۇلى: شاپتۇل چېچىكىنى بىر لىتىر سۇدا قاينىتىپ، 300 مىللىلىتىر قالغاندا شېكەرنى سېلىپ سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم تەييارلاپ، ئاچ قورساققا بىراقلا ئىچىلىدۇ |