سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، تازىلىققا رىئايە قىلماسلىق ۋە خام يېيىلگەن كالا گۆشىدىن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: چوڭ تەرىتىدىن قاپاق ئۇرۇقىدەك ياپىلاق ئاق رەڭلىك مەددەت بوغۇملىرى كېلىش، بەزىدە تەرەت قىلمىغان چاغلاردىمۇ ئۆزلۈكۈدىن كېلىپ قېلىش، يۇقۇملانغۇچى ئورۇقلاش، تېرىلىرى قۇرغاقلىشىش، بەزىدە ئىچى سۈرۈشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ تەركىبى: قەمبىل، بەرەڭگى كابىلى، سەرخەس، دەرمىنى تۈركى، ھەببۇلنىل، تۇربۇت، قىزىل لوۋى، شاپتۇل يوپۇرمىقى، ئۇسارىسى 10 گرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ تەركىبى: ئانار پوستى ئۈچ گرام، سەرخەس توققۇز گرام. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى بىر چىنە سۇغا بىر كېچە چىلاپ، ئەتىسى قاينىتىپ، يېرىمى قالغاندا سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم تەييارلاپ، ئاچ قورساققا ئىچىلىدۇ. 3 - رېتسېپ تەركىبى: كاۋا ئۇرۇقى 100 گرام، سۇ بىر چىنە. تەييارلاش ئۇسۇلى: كاۋا ئۇرۇقىنى چالا سوقۇپ، سۇدا قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم تەييارلاپ ئاچ قورساققا بىراقلا ئىچىلىدۇ |