كۆزنىڭ قاپاق قىرى ياكى بۇرجەكلىرىدە ئارپا چوڭلۇقىدا مۇدۇر پەيدا بولۇپ، يىرىڭلاپ قىزىرىپ ئىششىيدۇ. قاپاق ھەرىكىتىگە تەسىر بېرىدۇ، قاتتىق ئاغرىيدۇ، سەۋەبى بۇزۇلغان قاندىن ئىبارەتتۇر. داۋاسى: سۈرگە بېرىش بىلەن كاسىنە، سەبرە، رۇسۇت، گىل ئەرمىنىلەرنى ئېھتىياجغا لايىق ئېلىپ، يىڭناسقۇ ئۈستىگە چېپىش كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن قىزىتىلغان دۈمبە ياغنى قويۇش لازىم. بۇلارمۇ نەتىجە بەرمىگەندە يىڭناسقۇ قېپى بىلەن كېسىلىدۇ. قان بىرئاز ئېقىپ توختىغاندىن كېيىن ئۈستىگە زورۇرى ئەسفەر سېپىلىدۇ |