زۇكام، نەزلە سەۋەبچى بولىدۇ. كۆزنى ئېچىش قىيىن بولۇپ، قاپاق ئاستىنى قول بىلەن قايرىپ كۆرگەندە كىرگىتكە ئوخشاش نەرسە ئۆسۈپ قالغانلىقى كۆرۈنىدۇ. كۆز ئىچى دائىم ھۆللىنىپ تۇرغان بولۇپ، يورۇقلۇقتىن قاچىدۇ. كۈنگە قارىيالمايدۇ. داۋاسى: كېسەلنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ قان ئېلىنىدۇ. ھەزىم قىلىش قىيىن بولغان يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىدۇ. مۇنچىغا كىرىپ تەرلىنىش، ياشاڭغىراتقۇچى دورىلارنى تارتقۇزۇش ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. سەبرە، ئاقاقىيا، ھۇزۇن )رۇسۇت(، مامىشا شىيافى، زەپەرلەرنى تېگىشلىك مىقداردا ئېلىپ، ئەرمىدۇن سۈيى بىلەن يۇغۇرۇپ، شامچە قىلىپ قۇرۇتۇپ ساقلاپ، كېرەك بولغاندا بىرئاز نەم قىلىپ كۆزگە سۈرمە تارتقاندەك تارتىش كېرەك |