كۆز سۇيۇقلۇقىنىڭ تەبىئىتى شور بولۇشى بىلەن قاپاق قىرلىرى قىزىرىپ قېلىنلىشىپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋال تەرەققىي قىلسا، كىرپىكلەر تۆكۈلۈپ كېتىپ، قايتا چىققانلىرى تەتۈر چىقىپ، كۆز قارىچۇقىغا قادىلىپ ئۇنى زەھەرلەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ھەر ئىككىلا كۆزدە بولىدۇ. داۋاسى: سۇماق سۈيى تېمىتىلىدۇ ياكى ئاچچىق ئانارنىڭ دانىسىنى قاپلاپ تۇرغان نېپىز پەردە، قىزىلگۈل، ئاقلىغان سۇماقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ پىشۇرۇپ، كۆزگە قويۇلىدۇ. كاسىنە، سېمىزئوت ئۇرۇقى (ياكى كۆكى) نى سوقۇپ، بىرئاز گۈل يېغى بىلەن كۆزگە قويسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ ۋە ھەركۈنى ئەتىگەندە مۇنچىغا كىرىشكە بۇيرۇش لازىم. بۇلار ئۈنۈم بەرمىگەندە پاچاق ئەتراپىغا ھىجامەت قويۇش، پېشانە تومۇرىدىن قان ئېلىش بىلەن قىزىل شامچە )شىيافى ئەھمەر( بېرىلىدۇ |