كۆز ئاغرىقلىرىنىڭ سەۋەبلىرى تۆت خىل بولغىنىدەك ئۇنى داۋالاشتىمۇ تۆۋەندىكى تۆت خىل تەدبىرنى قوللىنىش لازىم: 1) مىزاجنى ئۆزگەرتىش: ئىسسىق مىزاج بولسا ئىتئۈزۈمى سۈيى، كاسىنە، ئوسۇڭ سۈيى، قىزىلگۈل ئەرەقى، تۇخۇم ئېقى ياكى بىنەپشە گۈلىنىڭ يېغى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش كېرەك. ئەگەر سوغۇق مىزاج بولسا ئىپار، مامىرانچىنى، ئېگىر، پىلپىللەرنى قوللىنىش لازىم. نەملىك ئارتۇق بولغاندا تۇتىيا، ئىقلىمىياغا ئوخشاش سۇيۇقلۇقنى تارتقۇچى دورىلار بېرىلىدۇ. قۇرۇق بولسا بادام مېغىزى، تۇخۇم ئېقى، قىزىلگۈل گۇلابى، ئادەم سۈتى ئىشلىتىلىدۇ. مىزاجنى ئۆزگەرتىشتە يېمەك - ئىچمەكلەرگىمۇ دىققەت قىلىش لازىم. 2) ماددىنى چىقىرىپ تاشلاش: ماددا كۆز ياكى مېڭىدە بولسا تازىلىغۇچى دورىلارنى بېرىش ياكى ھىجامەت قويۇش، كۆز كېسەللىرىدە قان ئېلىشقا بەلگىلەنگەن تومۇرلاردىن قان ئېلىش كېرەك. چۈشكۈرتكۈچى دورىلارنى بۇرۇنغا تارتىش ياكى كۆزدىن ياش ئاققۇزۇش چارىلىرى ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. ئەمما ئالدى بىلەن بەدەننى تازىلاش لازىم. ئۇنداق قىلمىغاندا ماددا يەنە كۆزگە يىغىلىپ قالىدۇ. 3) كۆز جاراھەتلەنگەندە سۇيۇق دورىلارنى كۆپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك ھەم بەكمۇ قۇرۇق بولماسلىقى لازىم. كۆزنى كۆيدۈرگۈچى، قاتتىق ئېچىشتۇرغۇچى دورىلارنى بېرىشكە بولمايدۇ. كۆزگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلار دائىم كۆزنىڭ مىزاجى بىلەن قارىمۇ قارشى بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا كۆزگە زەھەرلىك مەسىلەن: كۆزنىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولسا بېرىلگەن دورىمۇ ھۆل ئىسسىق بولسا بولمايدۇ. 4) ئالدى بىلەن كۆزدىكى زەھەرلىنىشنىڭ قايسى خىلىتتىن كەلگەنلىكىنى ئېنىقلاش لازىم ھەم ماددا ئومۇمىي بەدەندىمۇ ياكى باشتىمۇ بۇنى كۆرۈش كېرەك. ئەگەر پۈتۈن بەدەندە بولسا ئومۇمىي بەدەنلىك سۈرگە بېرىش، خاس باشتا بولسا مېڭىنى تازىلاش چارىسىنى قىلىش، ئۇنىڭدىن كېيىن كۆزنى تازىلاش بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەك. ماددىنى سۈرۈپ چىقارماي تۇرۇپ ھەرگىز داۋالاشقا قول تىقماسلىق، كۆز ئاغرىقى بىلەن باش ئاغرىش بىللە كەلسە تارقاتقۇچى )مۇھەللىل( دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك لازىم. چۈنكى ئۇنداق قىلغاندا ئاغرىقنى كۈچلەندۈرۈپ قويۇش بىلەن خەتەر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئومۇمىي بەدەننى تازىلاش ئۈچۈن ئەينۇلا، بىنەپشە، سېرىق ھېلىلە، قارا ھېلىلە، سانا، نېلۇپەر، گاۋزىبان، بەدىيان، ئەفتىمۇن، ئۇستقۇددۇس، بىستىپايەج قاتارلىق دورىلار ياكى ھەببى سەبرە )تەركىبى: سەبرە 20 گرام، سېرىق ھېلىلە پوستى ئون گرام، قىزىلگۈل ۋە رۇم بەدىيان بەش گرامدىن، كەتىرادىن يەتتە گرامدىن ئېلىپ، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئازراق قايناق سۇ بىلەن يۇغۇرۇپ ھەب )كۇمىلاچ( قىلىپ سايىدا قۇرۇتۇلۇپ تەييارلىنىدۇ( دىن 3 ~ 5 دانىغىچە ياكى يەتتە دانىدىن ھەر كۈنى ئاخشامدا ئىستېمال قىلىنىدۇ. يەرلىك تازىلاش ئۈچۈن كۆزگە مۇناسىپ دورىلارنى تامغۇزۇش، شۇمشا قايناتقان سۇ ياكى تازا سۈت بىلەن كۆزنى چايقاش، چۈشكۈرتكۈچى دورىلارنى ئىشلىتىش كېرەك. 5) ئەگەر كۆزدىكى ماددا سۇيۇق بولۇپ، قان ياكى سەپرادىن بولسا ياكى بىرىكىپ كەلگەن بولسا قىيپال تومۇردىن قان ئېلىش لازىم. قان ئالغاندىن كېيىن سۈرگە دورىلار بېرىلىدۇ. ئەگەر يەلدىن بولسا مۇنچىغا كىرىش ۋە يەلنى تارتقۇچى دورىلارنى كۆزگە تېڭىش كېرەك. كۆزنىڭ ھەرخىل ئاغرىقلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆزگە ئۆتكۈر تەسىر قىلىدىغان يېمەك - ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىش، چاڭ - توزان ۋە تۈتۈندە ئۇزۇن تۇرماسلىق، كۆپ يىغلىماسلىق، يورۇق تارقاتقۇچى نەرسىلەر )مەسىلەن: ئاپتاپ( گە ئۇزۇن قارىماسلىق لازىم. كۆزنىڭ مىزاجىنى بىلىش كۆز كېسەللىكىنى داۋالاشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇلار تۆۋەندىكىچە ئىپادىلىنىدۇ: كۆزنىڭ ئىسسىقلىقى ئاشقانلىق بەلگىسى — كۆز قىزىل، ھەرىكىتى تېز بولۇشتۇر. تومۇرلار قىزارغان بولۇپ تۇتۇپ كۆرگەندە قىزىق بىلىنىدۇ. كۆزنىڭ سوغۇقلۇقى بۇنىڭ ئەكسىچە، كۆز يوغان، رەڭگى ئاق بولۇپ، كۆزنىڭ ھەرىكىتى سۇس بولىدۇ. قۇرۇقلۇقنىڭ بەلگىسى - كۆز كىچىكلەپ قالغان بولىدۇ، چاپاق ۋە ياش بولمايدۇ |