كۆزنىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسىقتۇر. كۆز ھەرىكىتىنىڭ تېزلىكى، قاپاق ئېچىلىش ۋە يېپىلىشنىڭ تېزلىكى، كۆز ئىچىنىڭ ئىسسىق ۋە نەم بولۇشىمۇ بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. كۆك كۆزنىڭ ھۆل ئىسسىقى كەمرەك، قارا كۆزنىڭ ھۆل ئىسسىقلىقى باشقا رەڭدىكى كۆزلەردىن كۆپرەك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆزگە سۇ چۈشۈش نۇزۇلۇلما قاتارلىق كېسەللەر كۆپ ئۇچرايدۇ. قىزىلغا مايىل كەلگەن كۆز مۆتىدىل مىزاجدىكى كۆز بولىدۇ. كۆز كېسەللىكى كۆزنىڭ تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن تۆت تۈرگە بۆلۈنگەن. مەسىلەن: كۆز مىزاجىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن بولغان كۆز كېسەللىكلىرى؛ ماددىلار سەۋەبىدىن بولغان كۆز كېسەللىكلىرى؛ ھەرخىل ۋەرەم ۋە جاراھەتلەر تۈپەيلىدىن بولغان كۆز كېسەللىكلىرى؛ كۆز قىسىملىرىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولغان كۆز كېسەللىكلىرى. مەسىلەن: كۆزگە بىر نەرسىنىڭ ئىككى كۆرۈنۈشى، كۆز قارىچۇقىنىڭ سىرتىغا چىقىپ تۇرۇشى قاتارلىقلار |