سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، زۇكام، قىزىتمىلىق كېسەللىكلەر ۋە كۆز ئاغرىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: سوغۇق ھاۋاغا چىققاندا ياكى سوغۇقلۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، كۆزدىن ياش ئېقىش كۈچىيىپ قېلىش ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ تەركىبى: بىنەپشە 12 گرام، تۇربۇت ئالتە گرام، ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزى ئۈچ گرام، سوقمۇنىيا سەككىز گرام، كەتىرا ئىككى گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، پارلاندۇرۇلغان سۇ بىلەن يۇغۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: 2 - رېتسېپ تەركىبى: ھۆل رەيھان 60 گرام، نۆشۈدۈر ئۈچ گرام، بەدىيان، زەنجىۋىل، قارىمۇچ، مامرانچىنى ئالتە گرامدىن، تۇتىيا ئىككى گرام. تەييارلاش ئۇسۇلى: رەيھاننى ئېزىپ، سۈيىنى سۈزۈپ تۇتىيادىن باشقا دورىلارنى چىلاپ مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن سۈزۈپ قۇرۇتۇپ، يۇمشاق سوقۇپ ئۇپا ھالىتىگە كەلگەندىن كېيىن، تۇتىيانى سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم كۆزگە سۈرمە ئورنىدا تارتىلىدۇ. 3 - رېتسېپ تەركىبى: تۇتىيا يەتتە گرام، بىخ مارجان، سېرىق ھېلىلە پوستى، سەبرە سۇقۇترى ئۈچ گرامدىن، قارا ھېلىلە، پىلپىل 0.7 گرامدىن. تەييارلاش ئۇسۇلى: تۇتىيانى قىزىتىپ، يەتتە قېتىم ئەرىقى گۇلابتا سۇغىرىپ، ئاندىن باشقا دورىلار بىلەن يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كۆزگە سۈرمە ئورنىدا تارتىلىدۇ |