>سىل< دېگەن سۆز ئورۇقلاش ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدۇ. ئۆپكە سىلى — ئۆپكىنىڭ ئۆز جىسمىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىش، كاۋاك ھاسىل بولۇش ۋە پۈتۈن بەدەننى ئورۇقلىتىپ ئاجىزلىتىش بىلەن ئۆتىدىغان كېسەلدىن ئىبارەت. ئۇنىڭدا يۆتەل، نەپەس قىيىنلىشىش، قىزىتما قاتارلىق ئالامەتلەر دائىم ئۇچرايدۇ. بۇ كېسەل بالىلاردا، سوغۇق مىزاج كىشىلەردە ھەم ئاياللاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ. سەۋەبى: ئۆپكە سىلىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ئاساسەن تۆۋەندىكى ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ. 1. پىشقان نەزلە ماددىلىرى مېڭىدىن ئۆپكىگە تۆكۈلىدۇ. بۇ ماددىلار ئۆپكىنىڭ نېپىز قەۋەتلىرىنى كۆيدۈرۈپ يارا ھاسىل قىلىدۇ. 2. كۆكرەك پەردە ياللۇغى ياكى ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ماددىلىرى ئۆپكە يوللىرىنى زەھەرلەپ سىلغا ئۆزگىرىشى مۇمكىن. 3. بۇلاردىن باشقا ئۆپكىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبلەردىن بولغان يارىلىنىشلىرىمۇ سىلغا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. ئالامىتى: سۇس قىزىتمىنىڭ بولۇشى بىلەن كېسەل كىشى يۈزىنىڭ ياڭاق قىسمى قىزارغان ھالدا بولىدۇ، بولۇپمۇ بۇ ئەھۋال چۈشتىن كېيىن روشەن كۆرۈنىدۇ. تەبىئەتنىڭ زەئىپ بولۇشىغا ئەگىشىپ، كېچىدە ۋە ئادەتتىكى چاغلاردىمۇ تەرلەيدۇ. كېسەلنىڭ پۇت - دۈمبىسىگە قىسمەن ۋاقىتلاردا ئىششىق پەيدا بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئالامەتلەر >تەپى دىق< )جۈدەتكۈچى قىزىتما( دېگەن ئاتالغۇ بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ. ئۆپكە سىلىدە بەلغەمنىڭ ئاجراپ چىقىشى تەسرەك بولۇپ، شىلىمشىق ئاق، سېرىق سۇيۇق، بەزىدە كۆكۈچ رەڭلىك بەلغەم چىقىدۇ. ھەتتا يىرىڭلىق بەلغەممۇ چىقىشى مۇمكىن. يىرىڭلىق بەلغەم كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ. بەزى تېۋىپلار بەلغەمنىڭ شىرىلىك ۋە تەسلىك بىلەن ئاجراپ چىققىنىغا قاراپ پىشقان ماددا )ماددەئى نەزجى( دەپ خاتا ئويلاپ، ئۆپكىنى قويۇق بەلغەمدىن تازىلاشقا تىرىشماي، نەتىجىدە ئاغرىق ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. بەلغەمنىڭ يىرىڭلىق ياكى يىرىڭسىز ئىكەنلىكىنى ئاددىي ئۇسۇلدا تۆۋەندىكىدەك ئايرىشقا بولىدۇ. يەنى، خاس يىرىڭلىق بەلغەم دائىم سېسىق پۇرايدۇ. بۇنى ئايرىش ئانچە قىيىن ئەمەس، ئەمما باشقا شىلىمشىقلار بىلەن قوشۇلۇپ كەلگەندە پۇرىماسلىقى مۇمكىن. بۇ چاغدا بەلغەمنى سۇغا سالغاندا چۆكسە يىرىڭ، چۆكمىسە يىرىڭ ئەمەس ياكى ئوتقا سالغاندا دەرھال كۆيۈپ سېسىق پۇراق چىقارسا يىرىڭ، كۆيمەي قايناپ تارقاپ كەتسە يىرىڭ بولمايدۇ. داۋاسى: ئۆپكە سىلىنى داۋالاشنىڭ نەتىجىسىگە تېۋىپلارنىڭ كۆزقارىشى بىردەك ئەمەس. بەزىلەر ئۆپكىدىكى جاراھەت ساقايمايدۇ، چۈنكى ئۆپكىنىڭ ساقىيىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ دائىم ھەرىكەتلىنىپ تۇرۇشى تەسىر كۆرسىتىپ ساقايغىلى قويمايدۇ دېيىشىدۇ. جالىنۇس ھېكىم بولسا جاراھەتنىڭ ساقىيىشى ئۈچۈن شۇ ئەزانىڭ ھەرىكەتسىز تۇرۇشى ھاجەت ئەمەس دەيدۇ. ئەستايىدىل داۋالاش، ياخشى ئوزۇقلاندۇرۇش بىلەن تولۇق ساقىيىشى مۇمكىن، لېكىن ۋاقىت ئۇزۇنغا سوزۇلۇشى ئېھتىمال. ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا بىر ئايالنىڭ 23 يىل سىل بىلەن ئاغرىپ يۈرگەنلىكىنى يازغان. ئارپا سۈيىدە دەريا قىسقۇچپاقىسى )سەرتان( نى پىشۇرۇپ يېگۈزۈش سىل ئۈچۈن بەكمۇ ياخشى پايدا قىلىدۇ. ھارارەتنى پەسەيتىش ۋە يۆتەلگە ئارام بېرىپ كۆكرەكتىكى ماددىلارنى تازىلاش ئۈچۈن ئۆپكە كېسەللىكلىرى ھەققىدە ئىلگىرىكى پەسىلدە كۆرسىتىلگەن دورىلارنى تاللاپ بېرىش كېرەك. مەسىلەن: لوئۇقى خەشخاش )تەركىبى: ئاق كۆكنار )خەشخاش سەفىد(، قارا كۆكنار ھەرقايسىسى يەتتە گرامدىن، ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزى 26 گرام، ناۋات 132 گرام، سەمغى ئەرەبىدىن ئون گرامدىن ئېلىپ، كۆكنار ۋە چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنى سۇدا قاينىتىپ، ناۋات بىلەن قىيام قىلىپ، قالغان دورىلارنى سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ( دىن كۈنىگە ئىككى قېتىم 3 ~ 7 گرامغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ. كىچىك بالىلارغا بېرىشتە دىققەت قىلىش كېرەك. ئەسكەرتىش: كۆكنار >خەشخاش< نىڭ تىلىپ ئەپيۈنى ئېلىنمىغىنى ياخشى ھېسابلىنىدۇ قەۋزىيەت بولسا كۈچلۈك سۈرگىلەرنى بەرمەي، ئىچىنى يۇمشىتىدىغان خىيارى شەنبەرنى كاشكاپ قىلىپ بەرسە بولىدۇ. ئەگەر ئىچى سۈرۈپ كەتكەن بولسا شەربىتى ھەببۇلئاس بېرىلىدۇ. گۈلقەنتنىڭ ئۆپكە سىلىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەبۇئەلى ئىبىن سىنا ئۆز ئەسەرلىرىدە ئالاھىدە توختالغان. مەسىلەن: بىر ئايالنىڭ سىل كېسىلى بىلەن ئاغرىپ، داۋالاش نەتىجە بەرمەي ئۆلەر ھالەتكە يەتكەندە گۈلقەنت بىلەن داۋالىنىپ ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ساقىيىپ ئۆز ئەسلىگە كەلگەنلىكى ھەققىدە يازغان. گۈلقەنتنىڭ شۇ يىلقى يېڭى بولغىنى ئەڭ ياخشى ھېسابلىنىدۇ. مىقدارى جەھەتتە چەكلىمە يوق. نان بىلەن قوشۇپ ئەتىگەن ناشتىدا بېرىلسە تېخىمۇ ياخشى. سۈت بىلەن داۋالاشتا ئاساسەن ئۆچكە ۋە تۆگە سۈتى بېرىلىدۇ. بۇ ھايۋانلار ئالما يوپۇرمىقى، گاۋزىبان، پاقىيوپۇرمىقى ۋە مەستىكىلەر بىلەن بېقىلىپ، سۈتى سېغىلىدۇ. سۈتىنى سېغىشتىن بۇرۇن ھايۋاننىڭ ئەمچەكلىرىنى ئۈچ قېتىم پاكىز يۇيۇپ قۇرۇتۇپ، يەنە يۇيۇپ تازىلاش كېرەك. سۈت ساغىدىغان قاچا پاكىز بولۇشى، ھايۋاننىڭ ئۆزى ساغلام بولۇشى شەرت.تۆگىنىڭ بالىسى تۆت - بەش ئايلىقتىن چوڭ بولۇشى لازىم.تۆگە سۈتى دەسلەپتە 05 گرامدىن بېرىلىپ، تەدرىجىي ھالدا كۆپەيتىلىشى لازىم. يۇقىرى مىقدارىنىڭ چەكلىمىسى يوق، كېسەلنىڭ تەبىئىتى كۆتۈرگۈدەك بولسا بولىدۇ. بەك ئىچەلمىسە سۈتكە ئىككى گرام تۇز، ئۈچ گرام نىشاستە )بۇغداي كراخمالى( قوشۇپ بېرىلىدۇ. بەزىلەر ئەگەر مەنپەئەت كۆرۈلسە، ئېشەك سۈتىنى بىر ھەپتىگىچە بېرىشكە بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئۆچكە سۈتىنى بەرگەندە قاشتېشىنى تاۋلاپ، سۈتكە چىلاپ )يەتتە قېتىم شۇ خىلدا تەكرارلاپ(، تەييارلانغان سۈتنى بېرىش كېرەك. دەريا قىسقۇچپاقىسى )سەرتان( نى بېرىش ئۇسۇلى — سەرتاننىڭ پۇتلىرىنى كېسىۋېتىپ تازىلاپ، ئارپا سۈيىگە سېلىپ ئاشتەك پىشۇرۇپ بېرىلىدۇ. گۈلقەنت بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بەرسىمۇ ياكى يۆتەل توختاتقۇچى شىرىلىك دورىلار بىلەن بىرگە قوشۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ. شۇنداقلا قىسقۇچپاقا تالقىنى )سۇفۇپى سەرتان( قىلىپ بېرىشمۇ مۇمكىن. كۆيدۈرۈلگەن قىسقۇچپاقاقىسقۇچپاقىنى كۆيدۈرۈش ئۇسۇلى: قىسقۇچپاقىنى تازىلاپ كوزىغا سېلىپ ئاغزىنى گىل بىلەن ياخشىلاپ بېكىتكەندىن كېيىن ئوتى توختىغان تونۇر ئىچىدە بىر كېچە تۇرغۇزۇپ ئېلىنىدۇ. قىسقۇچپاقا كۈل ھالىتىگە كېلىپ قالىدۇ ئۈچ گرام، ئاق كۆكنار، قارا كۆكنار ھەربىرى سەككىز گرامدىن، كەتىرا ئون گرام، ئەرەب يېلىمى، قېبرىس ئارىلىنىڭ گىلى 16 گرامدىن، قۇرۇق ئۈزۈمدىن يەتتە گرام ئېلىپ، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىپ، خەشخاش شەربىتى ياكى تۆگە سۈتى بىلەن بىللە بېرىلىدۇ. تاماق جەھەتتىن ئۇلاي، كەكلىك، تورۇلغا، كاككۇك ياكى قۇشقاچ قاتارلىق ئۇچار - قاناتلارنىڭ گۆشىنى كاۋاپ ياكى شورپا قىلىپ )ياغسىزراق( بېرىلىدۇ. |