مېڭە ئۆسمىسىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى 
 ئىلگىرى ، مېڭە ئۆسمىسى ياش - ئۆسمۈرلەردە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ ، دەپ قارىلاتتى . چۈنكى ياش ئۆسمۈرلەر گىرىپتار بولىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەر تۇرى ۋە سان جەھەتتىن بىر قەدەر ئاز بولغاچقا ، مېڭە ئۆسمىسى بەك گەۋدىلىك بولاتتى . ئەمەلىيەتتە ، ئوتتۇرا ياشلىقلار ، ياشانغانلاردا مېڭە ئۆسمىسىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ . مېڭە ئۆسمىسىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىقلانغىنى يوق . شۇڭا ، تۆۋەندىكى ئالامەتلەر بايقالغان ھامان ، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش لازىم :                 1. باش ئاغرىش ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قۇسۇش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىش ؛                 2. تۇيۇقسىز تارتىشىپ قىلىش ، بولۇپمۇ تارتىشىش بىر تەرەپتىكى پۇت - قولدىن باشلىنىپ ، ئاخىرىدا بارا - بارا تەرەققى قىلىپ پۈتۈن بەدەن تارتىشىش .                 3. يىرىم بەدەن پالەچ بولۇپ ياكى ماغدۇرسىزلىنىپ بارا- بارا ئېغىرلىشىش ؛                 4. كۆزىنى ئاچالماسلىق ، مەۋھۇم تەسۋىر پەيدا بولۇش ، سۆزلەش ياكى يۇتۇش قىيىنلىشىش ؛                 5. باش قىيىش ، مەزمۇت قەدەم تاشلىيالماسلىق ، ھەرىكىتى ئاستا ، مەستكە ئوخشاش ئەلەڭ - سەلەڭ بولۇپ قىلىش ؛                 6. ئىچكى ئاجراتمىلار تەڭپۇڭسىزلىشىش ، ئالايلۇق يۇقىرى قان بىسىم ، سېمىزلىك ، دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ، ئەرلىك جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىزلىشىش ، ئاياللارنىڭ ھەيز توختاش ياكى پۇت - قول يوغىناپ كېتىش ، شەكلى كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش ؛                 7. خاراكتېرىدە ئۆزگىرىش يۇز بېرىش . ئىلگىرى بىر ئىش بىلەن شۇغۇللانغاندا كەمتەر ، ئېھتىياتچان ئادەم قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىش قىلىدىغان بولۇش ياكى كەلسە - كەلمەس چاقچاق قىلىش ، كۈنبويى ھىجىيىپ ، بىر ئىشلارغا ئېرەن قىلماسلىق  |