سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئومۇرتقا تەخسىلىرى ۋە چوڭ بوغۇملار ھەمدە تاپان قاتارلىق ئورۇنلاردا ناھايىتى كىچىك كۆمۈرچەكسىمان سۆڭەك ئۆسۈپ چىقىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: نېرۋىلارنىڭ بېسىلىشى تۈپەيلىدىن ئوخشاشمىغان دەرىجىدىكى ئىزچىل ئاغرىق ۋە ھەرىكەتنىڭ قىيىنلىشىشى قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. - رېتسېپ تەركىبى: سېرىق ھېلىلە پوستى، سەبرە سۇقۇترى، سۆرۈنجان مىسىرى 20 گرامدىن، پوستى ئاقلانغان تاتلىق بادام مېغىزى 32 گرام، سانا، مەستىكى رۇمى، زەپەر تۆت گرامدىن. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەرەقى بەدىيان بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 9 تالدىن ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىستېمال قىلىنىدۇ. - رېتسېپ تەركىبى: سۆرۈنجان، گۈلى بىنەپشە، بىستىپايەج، سېرىق ئوت، بادرەنجى بۇ، ئىتئۈزۈمى، شاھتەررە، قىزىلگۈل 15 گرامدىن، بوزىدان، رۇم بەدىيان، دۇرۇنەج ئەقرەبى سەككىز گرامدىن، گۈلقەنت 100 گرام. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى قايناق سۇغا مەلۇم ۋاقىت چىلاپ، ئاندىن سۈزۈپ، تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ. - رېتسېپ تەركىبى: سۆرۈنجان، گۈل بىنەپشە، بىستىپايەج، سېرىق ئوت، بادرەنجى بۇ، ئىتئۈزۈمى، شاھتەررە، قىزىلگۈلنىڭ ھەربىرىدىن سەككىز گرامدىن، گۈلقەنتتىن 60 گرام. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى مەلۇم ۋاقىت قايناق سۇغا چىلاپ قويۇپ، ئاندىن قاينىتىپ، سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. |