xjtiwip.biz

1
جەمئىي مىكروبلوگ 73 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • كارىل 2016-2-9 19:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، قېرىندىشىم، دادامنىڭ قولى تىترەيدىغان بولۇپ قالدى، بۇنىڭغا بىرەر داۋا بارمىدۇ؟؟

  • مېھر 2016-1-14 11:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسالاممۇ  ئەلەيكۇم  مۇشۇ  ۋختىڭلار خەيرلىك بولسۇن

  • 甜蜜的爱情 2015-10-13 22:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم :مۇنبەردىكى بارلىق ئەزىز  قېرىنداشلار ،مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن!

  • nuraziz 2015-10-10 18:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    kandakilganda danihorakni yokatkiliboldu

  • تېۋىبە 2015-10-6 21:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ! كىچىككەن بولسىمۇ ئايىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • TIWIP 2015-9-21 13:32 [ئىنكاس(2)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .قېرىنداشلار،ھەمىڭلار سالامەت تۇرۇپسىلەرمۇ؟

  • تەجەللي 2015-7-1 16:49 [ئىنكاس(2)] [...]

    مۇنبار ئيگيسسى،بىلەن كانداك كۇرشىمىز

  • مېھر 2016-2-3 10:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالاممۇ  ئەلەيكۇم  سالامەت  تۇردلمۇ

  • دېڭىز 2016-1-5 15:02 [ئىنكاس(0)] [...]

    مىنىڭ كۇزۇم يىراقنى كۈرەلمەيدۇ. قېرىنداشلار بىلىدىغان رىتسىپلىرىڭلاردىن بولسا دەپ بەرگەن بولساڭلار

  • 甜蜜的爱情 2015-10-13 22:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم :مۇنبەردىكى بارلىق ئەزىز  قېرىنداشلار ،مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن!

  • TIWIP 2015-10-9 23:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

  • بىگىم217 2015-10-5 16:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئانانىزىمنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك دورىللىرى  بامۇ

  • تېۋىبە 2015-9-20 13:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋۇ تىۋىپ تورىنى باشقىچە بىر جانلاندۇرۋېتەيلى جامائەت!‘

  • تەجەللي 2015-7-1 16:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوسلا،ئاراڭلاردا دييابيت بيمارليري بولسامەندە100تال دييابيت،كوميليچيني،ھەقسيزتە.....

كۆرۈش: 3402|ئىنكاس: 2

جىنسىي ئاجىزلىق ۋە ئۇنى داۋالاش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەسئۇل تىۋىپ

711

تېما

8

ئەگەشكۈچى

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 1404
نادىر تېمىسى: 23
تىللا: 5192
تۆھپە : 5000
توردا: 1259
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2016-4-13

تېما ماھىرىمۇنەۋۋەر مەسئۇل

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 11:18:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كۆپىنچە بەدەن ئاجىزلىق، بۆرەك ئاجىزلىق، باشقۇرغۇچى ئەزالارنىڭ ئاجىزلىشىشى، سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسەللەرنىڭ ئاسارىتى، جىنسىي ئەزانىڭ مىجەزى ئىسسىقلىق ۋە سوغۇقلۇقتىن بۇزۇلۇشى،جىنسىي ئەزانىڭ پالەچلىنىشى ياكى ئۇرۇقداننىڭ زەخمىلىنىشىدىن، يەنە بەزىدە مەست قىلغۇچى ئىچىملىك چېكىملىكلەرنىڭ تەسىرى ۋە روھىي زەربە، پىسخولوگىيلىك ئامىللار تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك بولۇپ، پەيدىنپەي ئېغىرلىشىپ بارىدىغان جىنسىي ئىنتىلىشنىڭ سۇسلىشىشى، رىغبەتنىڭ ئازىيىشى، لەززەتلىنىشنىڭ كەمچىل بولىشى، قوزغىلىشنىڭ بارا بارا سۇسلىشىشى ۋە پۈتۈنلەي يوقىلىشى قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى

جىنسىي ئاجىزلىقنىڭ سەۋەبى نۇرغۇن، شۇڭا خۇسۇسىيتى ۋە ئالامەتلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. تولۇق داۋالاش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى توغرا تەھلىل قىلىپ، توغرا دىئاگنوز قويۇش كېرەك. دىئاگنوز توغرا بولسا ئۈنۈملۈك ھالدا داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ.
جىنسىي ئاجىزلىق بەدەن ئاجىزلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا :

1. ئومۇمىي بەدەننى كۈچلەندۈرىدىغان، قان كۆپەيتىدىغان ئوزۇقلۇق ۋە دورىلار ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەركەك قوي گۆشى، موزاي گۆشى، بۆدۈنە، كەكلىك، قۇشقاچ گۆشلىرى بىلەن ئوزۇقلاندۇرىلىدۇ. يىلىتىلغان تۇخۇم، زىخ كاۋىپى، ياڭاق، پىستە، بادام مېغىزلىرى، چىلىغوزا، پىندۇق، نارجىل قاتارلىقلار بەدەننى قۇۋەتلەش، قاننى كۆپەيتىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك تەسىر بېرىدۇ. يۇقىرقى ئوزۇقلۇقلار بۇغداي نېنى ۋە بۇغداي ئۇنى تاماقلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ توغرا ئوزۇقلاندۇرۇش تەرتىپى بىلەن ئىستىمال قىلدۇرۇلسا ياخشى نەتىجە بېرىدۇ.

2. ئەتىگەنلىك ناشتىدا قىزىل كىشمىش، ياڭاق مېغىزى، بدادم مېغىزى ھەر بىرىدىن 20 گىرامدىن، ھەسەلدىن 100 گىرام، تۇخۇمدىن 1 دانە ئۈزمەي يېيىشكە بۇيرۇلىدۇ
.
3. ئوزۇقلىنىشنى ياخىلاش بىلەنلا قانائەتلەنمەي، بەدەننى چېنىقتۇرۇش، ماددا ئالمىشىشىنى كۈچەيتىش، مۇۋاپىق جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش، روھىي كەيپىياتنى جانلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار تەڭ قوللىنىلىدۇ.

4. مائۇللەھمى 50 مىللىلىتىردىن كۈندە 3 ۋاخ، ھالۋايى بەيزە15گىرامدىن كۈندە 3 ۋاخ ئاساسلىق بېرىلىدۇ. بۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ مەجۈنى ماددەتۇلھايات 6 گىرامدىن كۈندە 2 ۋاخ بېرىلىدۇ.
5. جىنسىي ئاجىزلىق بەدەننىڭ ئورۇقلۇقى ۋە قۇرۇقلۇقىدىن كېلىپ چىققان بولسا داۋائىل تەرەنجىۋىل بېرىلىدۇ.

جىنسىي ئاجىزلىق مېڭىنىڭ ئاجىزلىقى ياكى مېڭە مىجەزىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا، جىنسىي ئىنتىلىش سۇسلىشىدۇ،ھەتتا يوقىلىدۇ، جىنسىي ئەزادا قوزغىلىش سۇس بولىدۇ، جىنسىي ئالاقىدە لەززەتلىنىش يېتەرلىك بولمايدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى

1. ئالدى بىلەن مېڭە مىجەزىنى تەڭشەش، خلىتلارنىڭ تەڭشىكى بۇزۇلغان بولسا غەيرى نورمال خلىتنى سۈرۈپ چىقىرىش ۋە مېڭىنى تازىلاش تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ.

2. مېڭە مىجەزىنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن مېڭىنى قۇۋەتلىگۈچى تۆۋەندىكى دورىلار بېرىلىدۇ:
شەربىتى ئەبرىشىم 30 مىللىلىتىردىن كۈندە 3 ۋاخ، مۇپەررىھى ئەبرىشىم 6 گىرامدىن كۈندە 3 قېتىم، مۇپەررىھى ئەزەم 5گىرامدىن كۈندە 3 قېتىم، داۋائىلمىشكى شېرىن 3 گىرامدىن كۈندە 3 قېتىم، داۋائىلمىشكى مۆتىدىل 3 گىرامدىن كۈندە 3 قېتىم، مۇپەررىھى مەسھا 5 گىرامدىن كۈندە 2 قېتىم، مۇپەررىھى مۇنشىت 6 گىرامدىن كۈندە 2 قېتىم بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كېسەلنىڭ مىجەزىگە ماس كېلىدىغان مۇپەررىھاتلاردىن بىرى ياكى ئىككىسى تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

جىنسىي ئاجىزلىق يۈرەك ئاجىزلىقتىن كېلىپ چىققان بولسا، قوزغىلىش كۆپ بولسىمۇ، جىنسىي ئالاقە جەريانىدا يۈرەك تىترەش، يۈرەك سېلىپ كېتىش، يۈرەك ئېغىش، جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن ھالسىزلىنىپ قېلىش، بارا بارا جىنسىي تەلەپ ئازىيىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى

1. يۈرەك مىجەزىنى تەڭشەش، يۈرەكنى قۇۋەتلەش تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىدا سۆزلەنگەن مېڭە ئاجىزلىقىدىن كېلىپ چىققان جىنسىي ئاجىزلىققا ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنىڭ ھەممىسى بۇ خىل تۈردىكىگىمۇ ماس كېلىدۇ، شۇلاردىن بىر ياكى ئىككىسى تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

2. مەجۈنى مۇپەررىھى ياقۇتى مۆتىدىل، مەجۈنى مۇپەررىھى ھار، مۇپەررىھى بۇئەلى، مۇپەررىھى دىلكۇشا مۆتىدىل، مۇپەررىھى دىلكۇشا ھار، مۇپەررىھى دىلكۇشا بارىد قاتارلىقلاردىن بىرى سەۋەپچى خىلىتقا قاراپ تاللاپ ئۆز مىقدارى بويىچە ئىشلىتىلىدۇ.

3. خەمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى 5 گىرامدىن كۈندە 3 ۋاخ ئىچۈرىلىدۇ.
جىنسىي ئاجىزلىق بۆرەك ئاجىزلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، جىنسىي ئىنتىلىش سۇس بولۇپ قوزغىلىش بولماي تۇرۇپلا مەنىي ئېقىپ كېتىدىغان ئالامەتلەر يۈز بېرىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى

1. جىنسىي ئالاقە چەكلىنىدۇ. ئوزۇقلۇقىغا مۇراببايى گىردىگان، مۇرابباىي سۆئلەب،مۇراببايى شاقاقۇل قاتارلىقلار قوشۇپ بېرىلىدۇ.

2. داۋائىلتەرەنجىۋىل، ھالۋايى بەيزە قاتارلىقلارمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. مەجۈنى پۈنبەدانە تەييارلاپ بېرىلىدۇ.

جىنسىي ئاجىزلىق جىگەر ئاجىزلىقىدىن كېلىپ چىققان بولسا، جىنسىي ئىنتىلىش ۋە قايىملىشىش نورمال بولسىمۇ، جىنسىي ئالاقە جەريانىدا ئۆزلۈكىدىنلا بوشاپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى

1. بۇنى داۋالاشتا جىگەر قۇۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش، جىگەر مىجەزىنى مۆتىدىللەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.
(1) قىزىلگۈلدىن 6 گىرام، ئاچچىق ئانار سۈيىدىن 60 گىرام، ناۋاتتىن 25گىرام تەييارلاپ، ناۋاتنى ئاچچىق ئانار سۈيىدە ئېرىتىپ، ئۈستىگە تالقانلانغان قىزىلگۈل سېلىپ ئىچۈرىلىدۇ.

(2) ھەببى جەدۋار5 تالدىن، خەمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى 3 گىرامدىن كۈنىگە قېتىم بېرىلىدۇ.

(3) ھەببى جالىنۇس 3 تالدىن كۈنىگە 2 ۋاخ بېرىلىدۇ.
(4)مەجۈنى مۇقەۋۋى 5 گىرامدىن كۈنىگە 2 ۋاخ بېرىلىدۇ.

جىنسىي ئاجىزلىق روھىي ئامىللار ( غەم قايغۇ، روھىي زەربە، ئۆچمەنلىك، خاپىلىق، قورقۇش، زىيادە ھۆرمەتلەش،زىيادە تارتىنىش) تەسىرىدىن بولغان بولسا، ئىنتىلىش سۇس، قايىملىشىش بوش، قايىملاشقاندىمۇ جىنسىي ئالاقە جەريانىدا سەۋەبچى ئامىللاردىن بىرەرى يادىغا يەتسىلا بوشاپ كېتىش، بەزىدە يۈرەك سېلىپ كېتىش، چىرايى تاتىرىش ئالامەتلىرى يۈز بېرىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى

مۇۋاپىق تىنىچلاندۇرۇش، كەيپىياتنى مۇقىملاشتۇرۇش، زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىش، نېرۋىنى قۇۋەتلەش تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ. كۆپ ھاللاردا بۇ خىل سەۋەبچى ئامىلار يوقالسا بۇ كېسەللىكمۇ ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ. دورىلاردىن شەربىتى ئەبرىشىم، داۋائىلمىشكى مۆتىدىل،خەمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى قاتارلىقلار بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىگە ئىشىنىش، ھاياتقا بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش لازىم.

جىنسىي ئاجىزلىق مەنىينىڭ ئازلىقىدىن كېلىپ چىققان بولسا، بۇ كەم قانلىق، بەدەن ئاجىزلىق ۋە كۆپ ئېھتىلام بولۇش كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغانلاردا يۈز بېرىپ،جىنسىي ئىنتىلىش يوقىلىش ۋە قوزغالماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى

1. مەنىينىڭ ئازلىقى كەم قانلىقتىن كېلىپ چىققان بولسا قان كوپەيتكۈچى دورىلار ۋە ئوزۇقلۇقلار بېرىلىدۇ.

2. مەنىينىڭ ئازلىقى كۆپ چىقىم بولغانلىقتىن كېلىپ چىققان بولسا، جىنسىي ئالاقە قەتئىي چەكلىنىدۇ. ئېھتىلام بولىدىغانلارنىڭ كېسەللىكى مەخسۇس داۋالىنىدۇ. مەجۈنى ماددەتۇلھايات، مۇراببايى سۆئلەب، مۇراببايى شاقاقۇل قاتارلىقلاردىن بىرى بېرىلىدۇ.

جىنسىي ئەزا ۋە ئومۇمىي بەدەن مىجەزىنىڭ بۇزۇلىشىدىن كېلىپ چىققان جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالاش ئۇسۇلى:

1. ئالدى بىلەن كەيپىياتنى نورماللاشتۇرۇپ ئۇنىڭدىن كېيىن بىمارنىڭ مىجەزىگە ماس كېلىدىغان مەنىينى قويۇلدۇرۇش، مەنىينى كۆپەيتىش ۋە باھنى قۇۋەتلەش تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ. مەنىي كۆپەيتكۈچى دورىلارنى ئىشلەتكەندىن باشقا يەنە ياڭاق ، بادام، پىستە، ئۆرۈك مېغىزى قاتارلىق ياغلىق مېغىزلار،پىندۇق، چىلىغوزا، ھەببەتۇلخۇززا قاتارلىق دەرەخ ئۇرۇقلىرى، كۈنجۈت، بېدە، چامغۇر، پىياز، زاراڭزا ئۇرۇقلىرى قاتارلىقلاردىن بىر - ئىككىسى قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ.

2. مۇرەككەپ دورىلاردىن سۆئلەب، چىلىغوزا، نارجىل قوشۇلغان ياسالمىلار مەنىينى كۆپەيتىدۇ. بۇلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى مەجۈنى لوبوبى كەبىر، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە لوبوبى مۆتىدىل، لوبوبى سەغىر قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلارنى بىمارنىڭ مىجەزىگە ماس كېلىدىغانلىرىدىن تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

مەنىينىڭ سۇيۇقلىنىشىدىن كېلىپ چىققان جىنسىي ئاجىزلىققا سۇفۇفى مۇغەللىز 2 گىرامدىن كۈندە 3 ۋاخ بېرىلىدۇ. يەنە مەجۈنى مۇغەللىز تەييارلاپ بېرىلىدۇ.

مىجەزنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان جىنسىي ئاجىزلىقنىڭ داۋالاش ئۇسۇلى

1. بۇنىڭغا مۇۋاپىق تەڭشەش ۋە قۇۋەتلەش تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن 5 گىرام زەنجىۋىلنى تەلقانلاپ، كالا سۈتى بىلەن ئىچىش، 6 گىرام چىڭسەي ئۇرۇقىنى سوقۇپ شېكەر ياكى كالا مەسكىسى بىلەن قوشۇپ ئىچىش.زاغۇن ئۇرۇقىدىن 4 گىرامنى تۇخۇم بىلەن چالا پىشۇرۇپ يېيىش، خولىنجاندىن 4 گىرامنى كالا سۈتى بىلەن قاينىتىپ ئىچىش لازىم.

2. دورىلاردىن ھەببى رىگى ماھى بىلەن مەجۈنى پۈنبەدانە مەنپەئەت قىلىدۇ.
تور بېكەت باشلىقى :ئابدۇللاھ تىۋىپ. دۇرا زاكاس قىلىش ۋە تىببى مەسلىھەت سوراش يانفۇن نۇمۇرى:13199972967 كوت كوت :2779009524 سودا سانائەت بانكا كارتا نۇمۇرى:6212263015000405303 پوچتا بانكا كارتا نۇمۇرى:62179988000550407 يېزا ئامانەت قەرز بانكا كارتا نۇمۇرى:6212872032418280 كا

1

تېما

0

ئەگەشكۈچى

14

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  266
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 9
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 10:19:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەسئۇل تىۋىپ

711

تېما

8

ئەگەشكۈچى

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 1404
نادىر تېمىسى: 23
تىللا: 5192
تۆھپە : 5000
توردا: 1259
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2016-4-13

تېما ماھىرىمۇنەۋۋەر مەسئۇل

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 11:31:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنەم يوللىغان ۋاقتى  2013-1-13 10:19

ئالامەت كۈلۋېتىپسىز غۇ ھە ھې ھې ھې
تور بېكەت باشلىقى :ئابدۇللاھ تىۋىپ. دۇرا زاكاس قىلىش ۋە تىببى مەسلىھەت سوراش يانفۇن نۇمۇرى:13199972967 كوت كوت :2779009524 سودا سانائەت بانكا كارتا نۇمۇرى:6212263015000405303 پوچتا بانكا كارتا نۇمۇرى:62179988000550407 يېزا ئامانەت قەرز بانكا كارتا نۇمۇرى:6212872032418280 كا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

2779009524
在线咨询
ئابدۇللاھ تىۋىپ
13199972967 15509032247

ئۇلىنىش قوشوڭ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى| تىۋىپ ئۇيغۇر تىبابەت تورى|  

GMT+8, 2016-4-14 10:06, Processed in 0.377169 second(s), 35 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش