xjtiwip.biz

1
جەمئىي مىكروبلوگ 73 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • كارىل 2016-2-9 19:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، قېرىندىشىم، دادامنىڭ قولى تىترەيدىغان بولۇپ قالدى، بۇنىڭغا بىرەر داۋا بارمىدۇ؟؟

  • مېھر 2016-1-14 11:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسالاممۇ  ئەلەيكۇم  مۇشۇ  ۋختىڭلار خەيرلىك بولسۇن

  • 甜蜜的爱情 2015-10-13 22:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم :مۇنبەردىكى بارلىق ئەزىز  قېرىنداشلار ،مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن!

  • nuraziz 2015-10-10 18:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    kandakilganda danihorakni yokatkiliboldu

  • تېۋىبە 2015-10-6 21:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ! كىچىككەن بولسىمۇ ئايىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • TIWIP 2015-9-21 13:32 [ئىنكاس(2)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .قېرىنداشلار،ھەمىڭلار سالامەت تۇرۇپسىلەرمۇ؟

  • تەجەللي 2015-7-1 16:49 [ئىنكاس(2)] [...]

    مۇنبار ئيگيسسى،بىلەن كانداك كۇرشىمىز

  • مېھر 2016-2-3 10:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالاممۇ  ئەلەيكۇم  سالامەت  تۇردلمۇ

  • دېڭىز 2016-1-5 15:02 [ئىنكاس(0)] [...]

    مىنىڭ كۇزۇم يىراقنى كۈرەلمەيدۇ. قېرىنداشلار بىلىدىغان رىتسىپلىرىڭلاردىن بولسا دەپ بەرگەن بولساڭلار

  • 甜蜜的爱情 2015-10-13 22:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم :مۇنبەردىكى بارلىق ئەزىز  قېرىنداشلار ،مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن!

  • TIWIP 2015-10-9 23:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

  • بىگىم217 2015-10-5 16:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئانانىزىمنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك دورىللىرى  بامۇ

  • تېۋىبە 2015-9-20 13:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋۇ تىۋىپ تورىنى باشقىچە بىر جانلاندۇرۋېتەيلى جامائەت!‘

  • تەجەللي 2015-7-1 16:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوسلا،ئاراڭلاردا دييابيت بيمارليري بولسامەندە100تال دييابيت،كوميليچيني،ھەقسيزتە.....

كۆرۈش: 1224|ئىنكاس: 1

ئۇيغۇر تېبابىتىدەكۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەسئۇل تىۋىپ

711

تېما

8

ئەگەشكۈچى

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 1407
نادىر تېمىسى: 23
تىللا: 5197
تۆھپە : 5000
توردا: 1259
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2016-4-14

تېما ماھىرىمۇنەۋۋەر مەسئۇل

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 10:59:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېسەللىك ئالامىتـى بـولسا كېـسەللىك سـەۋەبىدىن بـەدەنـدە كـۆرۈلىدىغـان بـەلگە، ھالەت،كەيپىياتتىن ئىبارەت.كىسەللىك ئالامەتلىرى بەدەننىڭ تەبىئىي خىزمىتى بۇزۇلغاندا مىزاج ۋە خىلىت تەڭپۇڭلىغى بۇزۇلغاندا كۆرۈلىدۇ.كېسەللىك ئالامەتلىرى كېسەللىكلەرنى تونۇپ پەرق ئېتىشنىڭ يېتەكچى يىپ ئۇچى، شۇڭا كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى پىششىق ئىگەللەش، ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇش تەرەققىي قىلىش قانۇنىيەتلىرىنى، كېلىنكىلىق ئەھمىيىتىنى پىششىق بىلىش زۆرۈر.ئۇيغۇر تېبابىتىدە كېسەللىك ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە خىل بولىدۇ.

1. خىلىتقا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر

قان خىلىتى غالىپلىقنىڭ ئالامىتى - باشنىڭ ئېغىر، ئېغىز تەمىنىڭ تاتلىق بولىشى، تولا ئەسنەيدىغان، ئۇيقۇسى كۆپرەك، رەڭگى روھى، چىرايى، تىلىنىڭ قىزىل بولىـشى، سـۈيـدۈكىنـىڭ قىـزىلـغـا مايىـل سېـرىق بولـىشـى، تومـۇرىنـىڭ توم،چوڭ،دولقۇنلۇق سېلىشىدىن ئىبارەت.

بەلغەم خىلىتى غالىپلىقنىڭ ئالامىتى - بەدەن رەڭگىنىڭ ئاق، لەۋلىرىنىڭ توم، تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى ياخشى تەرەققى قىلمىغان، مۇسكۇللىرى بوش، تىلىدا ئاق گەزنىڭ بولىشى، زېھنى كۈچى تۆۋەن بولۇش، سۈيدۈك مىقدارى كۆپ، ئاق كېلىشى، تومۇرى توم، ئاستا سوقىشىدىن ئىبارەت.

سەپرا خىلىتى غالىپلىقنىڭ ئالامىتى - بەدەن تېرە رەڭگىنىڭ سېرىق بولىشى، تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرىنىڭ ئاز بولىشى، ئۇيقۇسى ئاز بولىشى، كۆز ئېقى سېرىق، ئېغىز تەمى ئاچچىق بولۇش، تىلىدا سېرىق گەز بولۇش، ئۇسسۇزلۇقى كۆپ بولۇش، سۈيدۈك رەڭگى سېرىققا مايىل بولۇش، ئاسان ھۆ بولۇش، بەدەنلىرى سانجىپ ئاغرىش، ئېچىشىپ ئاغرىش، تومۇرىنىڭ ئىنچىكە، تېز سوقۇشى، ئاچچىقىنىڭ يامان بولىشىدىن ئىبارەت.

سەۋدا خىلىتى غالىپلىقنىڭ ئالامىتى-بەدەن تېرە رەڭگى قارامتۇل بولۇش، بەدەن ئورۇق بولۇش، يالغان ئىشتىھا بولۇش، پىكىر خىيال كۆپ بولۇش، قان قارامتۇل ۋە قويۇق بولۇش، سۈيدۈكى كۆككە مايىل ئاق بولۇش، تومۇرى ئاستا ۋە ئىنچىكە سوقۇش، ئېغىز تەمى ئاچچىق بولۇشتىن ئىبارەت.

2.مىزاجغا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر

تېرە رەڭگى قىزىلغا مايىل، بۇغدايئۆڭ، نۇرلۇق، يۇمشاق، سىلىق بولۇش، تېرىنىڭ ئىلاسيىكىلىقى ياخشى، سېزىمچانلىقى ياخشى بولۇش، تېرىنىڭ ھارارىتى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇش، چاچ مويلار قويۇق، يىرىك، رەڭگى قارامتۇل، پارقىراق بولۇش، بەدىنى چىڭ، تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى ۋە مۇسكۇللار ياخشى تەرەققى قىلغان بولۇش ھۆل ئىسسىق مىزاجغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

تېرە رەڭـگى ئاق، سـۈزۈك، يۇمـشاق، پارقـىراق بولۇش، ئەمـما ئىلاستىكىلىقى يۇقىرى، ئەۋرىشىملىكى تۆۋەن بولۇش، تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى كۆپ، بەدىنى سېمىز، مۇسكۇللىرى بوش بولۇش، چاچ مويلىرى يۇمشاق، مايلىشاڭغۇ، جانسىز بولۇش ھۆل سوغۇق مىزاجغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

تېرە رەڭـگى نىسـبەتەن سـارغۇچ، سۈزۈك، ئەمما قـۇرغـاق بولـۇش، تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقى تۆۋەن، سېـزىمچانلىـقـى يۇقىرى بولۇش، ھارارىتى يۇقىرى بولۇش، بەدىنى ئورۇق، تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى بەك ياخشى تەرەققى قىلمىغان بولۇش، چاچ-مويلىرى يىرىك، قۇرغاق، قوۇق-شالاڭلىقى نورمال بولۇش، باش ئاسان كېپەكلىشىپ قىچىشىـش، چاچ يېرىلىش قاتارلىقلار قۇرۇق ئىسسىق مىزاجغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

بەدەن تېرىسىنىڭ رەڭگى نىسبەتەن قارامتۇل، يېرىك، قۇرغاق، نۇرسىز، خۇنۈك بولۇش، تېرە ھارارىتى ۋە سېزىمچانلىقى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇش، بەدىنى ئورۇقراق ۋىجىك بولۇش، تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى ۋە مۇسكۇللىرى بەك ياخشى تەرەققى قىلغان بولۇش، چاچ-مويلار دانە-دانە ئۆسۈش، چاچلىرى قۇرغاق، يىرىك بولۇش، چاچ چۈشۈش ۋە چاچ ئاقىرىش ئەھۋالىنىڭ بولىشى، چاچنىڭ رەڭگى قوڭۇر ياكى سۇس قارىغا مايىل بولۇش قاتارلىقلار قۇرۇق سوغۇق مىزاجغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

3.كېسەللىككە مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر

1) ئومۇمى بەدەنلىك ئالامەتلەر: بەدەننىڭ ھەممە يېرىدە يۈز بەرگەن ئالامەتلەر مەسىلەن: قىزىتما ۋە باشقىلار.

2) يەرلىك ئالامەتلەر: بەدەننىڭ مەلۇم بىر يېرىدىلا يۈز بەرگەن ئالامەتلەر مەسىلەن: يەرلىك ئىششىق، ياللۇغلىنىش، جاراھەت ۋە باشقىلار.

3) تاشقى ئالامەتلەر: بەدەن سىرتىدا ئېنىق كۆرىنىپ تۇرغان ئالامەتلەر، مەسىلەن: جاراھەت، ئىششىق ۋە باشقىلار.

4) ئىچكى ئالامەتلەر: بىمارنىڭ ئۆزىگىلا بىلىنىدىغان ئالامەتلەر مەسىلەن: ئاغرىش سېزىمى قاتارلىقلار.

5) بىۋاستە ئالامەتلەر: ھەر بىر كېسەللىككە خاس بولغان بىۋاستە ئالامەتلەر مەسىلەن: قىزىل كېسەللىكىدە دەسلەپتە بالىلاردا زۇكامدىغاندەك ئالامەتلەر بولغاندىن كېيىن ئەسۋە چىقىش، ئەسۋىنىڭ دەسلەپتە باش تەرەپكە، قۇلاق كەينىگە چىقىپ، ئاندىن بەدەنگە تارقىلىشىغا ئوخشاش نىسبەتەن مۇقىم بولغان ئالامەتلەر. بۇنىڭدىن باشقا كېسەللىكلەردىكى كۆيۈشكەندەك سېزىلىش، ئاغرىش، ئىششىش، قىزىرىش قاتارلىق تۈپ بەلگىلەرمۇ بىۋاستە ئالامەتلەر ياكى ئەسلى ئالامەت دەپ ئاتىلىدۇ.

6) خەۋەرچى ئالامەتلەر: مەلۇم كېسەللىك يۈز بېرىشتىن بۇرۇن كۆرىلىپ، شۇ كېسەللىكنىڭ پەيدا بولىشىدىن ئالدىنئالا خەۋەر بېرىدىغان ئالامەتلەر مەسىلەن: مېڭىگە قان چۈشۈشتىن بىر قانچە سائەت (بىرەر كۈن) بۇرۇن باش قېيىش بولىدۇ، كۆپ ھالدا بۇ خىل باش قېيىش شوك (سەكتە)نىڭ خەۋەرچى بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ. يەنە باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش (شەقىقە) باشلىنىشتىن ئاۋۋال كۆڭۈل ئېلىشىدۇ، كۆز ئالدىدا چاقماق چاققاندەك ئالامەتلەر بولىدۇ.

7) خاس ئالامەتلەر: مەلۇم كېسەللىككە خاس بولغان ئالامەت مەسىلەن: كۆكيۆتەلدە ئاغرىق بالا ئۇزاققىچە چىڭقىلىپ كۈچەپ يۆتەلگەندىن كېيىن، ئارقىدىن خوراز چىللىغاندەك غەلىتە ئاۋاز چىقىرىپ (قۇسۇپ تاشلاپ)، ئاندىن نەپەسلىنىش ئازادىلاشقانغا ئوخشاش كۆكيۆتەلدىلا بولىدىغان ئالامەتلەر. ئۇندىن باشقا، نەپەسلىنىش ئەزا كېسەللىكلىرىدىكى قان تۈكۈرۈش، ھەزىم ئەزا كېسەللىكلىرىدىكى قان قۇسۇش قاتارلىقلار.

8) سېلىشتۇرما ئالامەتلەر: بىر كېسەللىككە دىئاگنوز قويۇشتا باشقا كېسەللىكلەرنىڭ شۇ خىل ئالامەتلىرىگە سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشكە تېگىشلىك ئالامەتلەر.

9) يۆتكەلمە ئالامەتلەر: كېسەللەنگەن ئورۇن ياكى ئەزادىن يىراق جاي ياكى ئەزادا يۈز بېرىدىغان ئالامەتلەر مەسىلەن: بۆرەك كېسەللىكىدە قاپاقنىڭ ئىششىپ قېلىشى، يۈرەك كېسەللىكلىرىدە تۆۋەندىكى مۆچىلەردە ئىششىق شەكىللىنىش.

10) ئورتاق ئالامەتلەر: بىر قانچىلىغان كېسەللىك ئۈچۈن ئورتاق بولغان ئالامەتلەر مەسىلەن: قىزىتما نۇرغۇن يۇقۇملۇق كېسەللىك ئۈچۈن ئورتاق ئالامەت ھېسابلىنىدۇ. قۇسۇش (قەي قىلىش) ئاشقازان كېسەللىكلىرى، ئۈچەي كېسەللىكلىرى، مېڭە كېسەللىكلىرى ۋە ھامىلدارلىق ئۈچۈن ئورتاق ئالامەت بولغىنىغا ئوخشاش.

11) رېفلىكىسلىق ئالامەتلەر: ئەسلى كېسەللىك تەسىرىگە ئىنكاس شەكىلدە يۈز بېرىدىغان ئالامەتلەر مەسىلەن: مېڭە كېسەللىكلىرىدە كۆرىلىدىغان رېفلىكىسلىق قۇسۇشقا ئوخشاش.

12) كەسپى ئالامەتلەر: مەلۇم كەسپى شارائىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇ كەسىپ شارائىتنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن ئىبارەت. مەسىلەن: قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشتە كۆز ئېقى، قاپاق، يۈز تېرىسى قاتارلىقلارنىڭ كۆكىرىپ قېلىشى، چىرايىنىڭ تۇتۇقلىشىپ، چىشلىرىنىڭ چۈرۈكلىشىشى ۋە كۆكىرىشى... قاتارلىقلار.
تور بېكەت باشلىقى :ئابدۇللاھ تىۋىپ. دۇرا زاكاس قىلىش ۋە تىببى مەسلىھەت سوراش يانفۇن نۇمۇرى:13199972967 كوت كوت :2779009524 سودا سانائەت بانكا كارتا نۇمۇرى:6212263015000405303 پوچتا بانكا كارتا نۇمۇرى:62179988000550407 يېزا ئامانەت قەرز بانكا كارتا نۇمۇرى:6212872032418280 كا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

2779009524
在线咨询
ئابدۇللاھ تىۋىپ
13199972967 15509032247

ئۇلىنىش قوشوڭ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى| تىۋىپ ئۇيغۇر تىبابەت تورى|  

GMT+8, 2016-4-14 12:12, Processed in 0.145977 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش