xjtiwip.biz

1
جەمئىي مىكروبلوگ 73 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • كارىل 2016-2-9 19:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، قېرىندىشىم، دادامنىڭ قولى تىترەيدىغان بولۇپ قالدى، بۇنىڭغا بىرەر داۋا بارمىدۇ؟؟

  • مېھر 2016-1-14 11:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسالاممۇ  ئەلەيكۇم  مۇشۇ  ۋختىڭلار خەيرلىك بولسۇن

  • 甜蜜的爱情 2015-10-13 22:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم :مۇنبەردىكى بارلىق ئەزىز  قېرىنداشلار ،مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن!

  • nuraziz 2015-10-10 18:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    kandakilganda danihorakni yokatkiliboldu

  • تېۋىبە 2015-10-6 21:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ! كىچىككەن بولسىمۇ ئايىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • TIWIP 2015-9-21 13:32 [ئىنكاس(2)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .قېرىنداشلار،ھەمىڭلار سالامەت تۇرۇپسىلەرمۇ؟

  • تەجەللي 2015-7-1 16:49 [ئىنكاس(2)] [...]

    مۇنبار ئيگيسسى،بىلەن كانداك كۇرشىمىز

  • مېھر 2016-2-3 10:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالاممۇ  ئەلەيكۇم  سالامەت  تۇردلمۇ

  • دېڭىز 2016-1-5 15:02 [ئىنكاس(0)] [...]

    مىنىڭ كۇزۇم يىراقنى كۈرەلمەيدۇ. قېرىنداشلار بىلىدىغان رىتسىپلىرىڭلاردىن بولسا دەپ بەرگەن بولساڭلار

  • 甜蜜的爱情 2015-10-13 22:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم :مۇنبەردىكى بارلىق ئەزىز  قېرىنداشلار ،مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن!

  • TIWIP 2015-10-9 23:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

  • بىگىم217 2015-10-5 16:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئانانىزىمنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك دورىللىرى  بامۇ

  • تېۋىبە 2015-9-20 13:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋۇ تىۋىپ تورىنى باشقىچە بىر جانلاندۇرۋېتەيلى جامائەت!‘

  • تەجەللي 2015-7-1 16:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوسلا،ئاراڭلاردا دييابيت بيمارليري بولسامەندە100تال دييابيت،كوميليچيني،ھەقسيزتە.....

كۆرۈش: 997|ئىنكاس: 0

كۆكيۆتەل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

87

تېما

1

ئەگەشكۈچى

803

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1580
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 663
تۆھپە : 0
توردا: 114
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2016-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-14 10:42:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تونۇش
بۇ كاناي كېكىردەك شىللىق پەردىلىرىدە ياللۇغلىنىش بولۇپ سىپازمىلىنىشتىن كلىنكىدا تۇتقاقلىق يۆتىلىش ۋە خوراز چىللىغاندەك نەپەس ئېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكىدىن ئىبارەت.
سەۋەبى: كۆكيۆتەل :تاياقچە جاراسىمنىڭ سىرتقى ئامىللارغا قارىتا قارشىلىق كۈچى بىر قەدەر ئاجىز بولۇپ كۈن نۇرىدا بىر سائەتتە 55 سىلسىيە گرادۇس 30 مىنۇتتا كۆرۇلىدۇ.لېكىن 10 سىسلسىيە گرادۇستىن 0 سىلسىيە گرادۇس مۇھىتتا نىسبەتەن ئۇزۇن ياشىيالايدۇ.قۇرغاق شارائىتتا بىر قانچە سائەتتە ئۆلىدۇ.
ھەر خىل سەۋەپلەردىن نەپەس يوللىرى ئارقىلىق بەدەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن كۆكيۆتەل تاياقچە جاراسىملىرى كېكىردەك كانەي كانەيچە ۋە ئۇششاق كانەيچە قاتارلىقلارنىڭ شىللىق پەردىلىرىدە ئۆسۈپ كۆپىيىپ توكسىن ئاجرىتىپ چىقىرىپ شىللىق پەردىلىرى ياللۇغلىنىدۇ ۋە ئىپتىلىيە ھۈجەيرە تۈكلىرىنى پالەچلەندۇرۇپ ياكى بۇزۇپ ياللۇغلىنىشتىن بولغان قويۇق يېپىشقاق ئاجرالمىلارنىڭ سىرتقى چىقىشغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. نەتىجىدە يەرلىك ئورۇنلاردىكى ياللۇغلانغان بۇزۇلغان ئىپتىلىيە ھۈجەيرىلىردىكى بىر قىسىم جاراسىملار ۋە يەرلىك ئورۇندىكى قويۇق يېپىشقاق ئاجرالما ماددىلار ئىنچىكە قىل قان تومۇرلار ئارقىلىق قان ئېقىمىغا قوشۇلۇپ قان خىلتىغا تەسىر قىلىپ ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلتىنى پەيدا قىلىدۇ.نەتىجىدە ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلتى نەپەس يولى شىللىق پەردىلىرىنى ياللۇغلاندۇرۇپ شىللىق پەردىدىكى نېرۋا ئۇچلىرىنى غىدىقلاپ نەپەس مۇسكۇللىرى سىپازمىلاندۇرۇپ بۇ كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تارقىلىش ئالاھىدىلىكى
1.يۇقۇش مەنبەسى : ئاساسلىقى كۆكيۆتەل بىلەن ئاغرىغۇچىلار بىردىنبىر يۇقۇش مەنبەسى بولۇپ يوشۇرۇن دەۋرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن دەسلەپكى ئالتە ھەپتىگىچە بولغان ئارىلىقتا يۇقشچانلىقى بولىدۇ.تىپىك بولمىغان ياكى يەڭگىل تىپتىكى ئاغرىغانلارنىڭ يۇقۇش مەنبەسى بولۇشنىڭ ئەھمىيىتى تىپىك ئاغرىغانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم بولىدۇ.
2. يۇقۇش يولى: ئاساسلىقى ھاۋادىكى تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق يۇقۇپ تارقىلىدۇ.
3.ئاسان يۇقۇملانغۇچى كىشىلەر توپى :
بارلىق كىشىلەر ئومۇميۈزلۇك يۇقۇملىنىشقا مايىل كېلىدۇ بولۇپمۇ سوغۇقتن مىزاجى بۇزۇلغان تېنى ئاجىز بالىلار ئاسان يۇقۇملىنىدۇ.
4.تارقىلىش پەسلى: كېسەل پەيدا بولغاندىن كېيىن مەڭگۈلۈك تەبىئەت كۈچى شەكىللىنىدۇ.شۇڭا بىر قىسىم يۇقۇملانغۇچىلىرى قايتا يۇقۇملانمايدۇ.
ئالامىتى
كۆكيۆتەلنىڭ يۇشۇرۇن دەۋرى 3-21 كۈن ئەتراپىدا بولۇپ ئادەتتە 10-7 كۈنگىچە بولىدۇ.
1.دەسلەپكى دەۋرى:
دەسلەپكى دەۋرىدىكى ئالامەتلىرى زۈكامغا ئوخشاپ كېتىدۇ تۆۋەن قىزىتما ماغدۇرسىزلىق قۇرۇق يۆتەل بۇرۇندىن سۇ ئېقىش كۆز شىللىق پەردىلىرى قىزىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۇلۇپ 3-4 كۈن ئىچىدە تەدرىجىي شىلىمشىق بەلغەم چىقىرىدۇ.يۆتەل كېچىدە كۈچىيىدۇ.7-10 كۈن ئەتراپىدا ئاستا سىپازىملىق تۇتقاقلىق يۆتىلىش دەۋرىگە كىرىدۇ.
2.تۇتقاقلىق (سىپازىملىق)يۆتىلىش دەۋرى:
بۇ دەۋر كېسەللىك كۈچىيىپ راسا ئەۋجىگە چىققان دەۋر بولۇپ بىمار تۇتقاقلىق خاراكتېرىدە يۆتىلىدۇ. يەنى تۇتقاقلىق سىپازىملىق يۆتىلىش ئاساسى ئالاھىدىلىك بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. دەسلەپتە كالتە تۇتقاقلىق يۆتەل بولۇپ ئاندىن تەدرىجىي سوغۇق ئۆتۇش ئىس تۈتەككە يولۇقۇش شامالداش جىددىلىشش يىغلاش قاتارلىق ئامىللار تەسىرىدىن يۆتەل قوزغىلىپ تۈتقاقلىق يۆتەل شەكىللىنىدۇ.بۇ دەۋردە يۆتەلىنڭ قوزغىلىش قېتىم سانى كېچىسى كۈندۇزگە قارىغاندا كۆپرەك بولۇپ ئون نەچچە قېتىمغا يېتىدۇ.يۆتەل تۇتقاندا خېلى ئۇزۇنغىچە يۆتەلنى توختىتالماي كېسەل توختىماي نەپەس چىقارغانلىقتىن ئۆپكىدىكى ھاۋا مىقدارى بارغانسېرى ئازىيىپ ئاغرىقنىڭ نەپسى قىسىتاپ يۈزلىرى قىزىرىپ كۆكىرىپ كېتىدۇ. بۇيۇن ۋېنالىرى كۆپۇپ كالپۇكلىرى كۆكىرىدۇ كۆز ئېقىغا قان چۈشىدۇ بەزىدە يۆتەلگەندە چوڭ كىچىك تەرىتىنى تۇتالمايدۇ.يۆتىلىپ مەلۇم دەرىجىگە بارغاندا بىمار چۇڭقۇر ھەم ئۇزۇن نەپەس ئالىدۇ.كېكىردەك كانايچىلار سىپازىما ھالىتىدە بولغانلىقتىن ھاۋا بۇ يەردىن ئۆتكەن چاغدا يىرىك سۈركىلىپ خۇددى خوراز چىللىغاندەك ئاۋاز چىقىرىدۇ . ئاندىن ھو بولۇپ قۇسىدۇ.نەپەس يولىدىكى شىلىمشىق ماددىلارنى ياندۇرۋەتكەندىن كېيىن ئارام تاپىدۇ.
بوۋاقلارنىڭ نەپەس مۇسكۇلى تولۇق تەرەققى قىلمىغانلقتىن ھەم يۆتىلىپ ماغدۇردىن كەتكەنلىكتىن تىپىك تۇتقاقلىق يۆتەل بولمايدۇ.كېكىردەك سىپازىمىسى ياكى شىلىملىق ماددىلار بىلەن توسۇلۇپ قېلىش سەۋەبىدىن تۇنجۇقۇش ھەتتا تارتىشىپ قىلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.يۆتەل توختىغاندا بالا ناھايىتى ھالسىزلانغانلىقتىن تىنچ ئۇخلايدۇ. ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇتقاقلىق يۆتەل تىل بېغىشىدا جارائەت كەلتۇرۇپ چىقىرىش بىلەن بىللە كېسەلنىڭ يۈز-كۆز قاپاقلىرى ئېششىپ قالىدۇ.كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردە ۋە بۇرۇن شىللىق پەردىلىرىگە قان چۈشىدۇ.
بۇ دەۋر 5-6 ھەپتىگىچە داۋام قىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن كېسەللىك ئالامەتلىرى يەڭگىللەشكە باشلايدۇ. كېسەللىك تۇتقاندا ئۆپكە باش قورساق ئىچكى بېسىمى ئۆرلەپ كەتكەنلىكتىن مېڭە كېسىلى چۇقۇق (گىرىژ) مەقئەت چىقۇقى) قاتارلىق ھادىسىلەر كۆرۇلىشى مۇمكىن.
3 .ئەسلىگە كېلىش دەۋرى:
بۇ كېسەلنىڭ ئۆتكۇرلۇكى پەسىيىپ بىمارنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ياخشىلىنىشقا باشلىغان باسقۇچ بولۇپ كېسەللىكنىڭ تۇتۇش قېتىم سانى بارغانسېرى ئازىيىدۇ بەلغەممۇ ئاسان ئاجرىلىپ چىقىدۇ.قوسۇش توختايدۇ.تۇتقاق يۆتەلنىڭ ئالاھىدىلىكى تەدرىجىي يوقىلىپ ئاخىرىدا يۆتەل پۈتۈنلەي توختاپ كېسەل ساقىيىپ كېتىدۇ .
بۇ كېسەللىك 4-6 ھەپتە قىسمەن ئەھۋاللاردا 2-3 ئايغىچە سوزۇلۇپ كېتىدىغان بولغاچقا ساقىيىپ بولغاندىن كېيىنمۇ سوغۇق تېگىپ قېلىش ئوزۇقلىنىشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن قايتا قوزغىلىشى شۇنىڭدەك بىمارنىڭ بەدىنى ئاجىزلاپ كەتكەچكە ئوڭاي باشقا قوشۇمچە كېسەللىك يۈز بېرىشى مۇمكىن.
1.دىئاگىنوز ئاساسى :
1.كېسەللىك تارخىغا ئاسان دىئاگنوز قويۇلىدۇ.كېسەللىك تارقالغان پەسىل تارقىلىش ئالاھىدىلىكى ئۇچرىشش تارىخى ئالدىنى ئېلىش ئەملەش تارىخى قاتارلىقلار ئاساس قىلىنىدۇ.
2.تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.
يۆتەل كۈندۈزى يەڭگىل كېچىسى ئېغىر بولۇپ تەدرىجىي ئېغىرلىشىدۇ. يۆتەلنىڭ خاراكتېرى تۇتقاقلىق يۆتەل بولۇپ يۆتەلدىن كېيىن شىلىملىق بەلغەم تۆكۇرىدۇ.
نەپەس ئالغاندا خوراز چىللىغاندەك ئاۋاز چىقىدۇ.بەدەن تېمپىراتۇرسى نورمال بولىدۇ.ئۆپكىدە باشقا كېسەللىك ئۆزگىرشى بولمايدۇ.
3.قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.
1.قان رايىنى تەكشۈرۈش:
كېسەلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئاق قان ھۈجەيرىسى (WBC ) ۋە لىمفا ھۈجەيرىسىنىڭ ئومۇمى سانى ئۆرلەيدۇ.
2.جاراسىم بىلەن بۇرۇن يۇتقۇنچاقتىن .ئەۋرىشكە ئېلىپ ياكى تەخسىگە يۆتەلدۇرۇپ جاراسىم ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.دەسلەپكى يۆتىلىش دەۋرى بىلەن بوغۇلۇپ يۆتىلىشنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە جاراسىم ئۆستۇرۇشنىڭمۇسبىلىق نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.
3.ئىممۇنىت جۇلالىق ئۇسۇلى بىلەن تەكشۈرۈش:
بۇرۇن يۇتقۇنچاقتىن پەلكۈچ بىلەن ئەۋرىشكە ئېلىپ سۇۋالما ياساپ جۇلالىق نۇردا ئانتىتېلانى تەكشۈرگەندە كېسەللىك جاراسىملىرىنى تاپقىلى بولىدۇ.
4.كېسەللىكنىڭ 3- ھەپتىسى قان زەرداۋى ئۇيۇش تەجىربىسى ئىشلىگەندە مۇسپى (+) بولىدۇ.
سېلىشتۇرما دىئاگىنوزى
1.ئۆپكە قاپقا لىمفا تۈگۈن سىلىدىن پەرىقلەندۈرۈلىدۇ.
ئششىغان ئۆپكە قاپقا لىمفا تۈگۈنلىرى كانايچىنى بېسىۋالغاچقا تۇتقاقلىق قۇرۇق يۆتەلنى پەيدا قىلىدۇ.بۇ كۆكيۆتەلگە ئوخشاپ كېتىدۇ. لېكىن كۆپىنچە سىل كېسەللىكى بىلەن ئۇچراشقان ياكى سىل كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان تارىخى بولىدۇ.يۆتەلگەندە خوراز چىللىغاندەك ئاۋاز چىقمايدۇ. سىلدىن زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى بولىدۇ.
يەنە قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن پەرىقلەندۈرۈلىدۇ
2.كانەي ۋە كانەيچىغا يات جىسىم تۇرۇپ قېلىشتىن پەرىقلەندۈرۈلىدۇ.
يات نەرسە كىرىپ كەتكەن تارىخى بولىدۇ.تۇيۇقسىز قوزغىلىدۇ.يۆتەلگەندە ھۆركىرىگەن ئاۋاز چىقمايدۇ.قان رايىنى تەكشۈرگەندە نورمال بولىدۇ.كۆكرەكنى رېنتىگېندە تەكشۈرگەندە غەيرى جىسىم بايقىلىدۇ.
3. باشقىلار :
زۇكام كاناي ياللۇغى ھەم كانەيچە ياللۇغىدىن پەرىقلەندۈرۈلىدۇ.
ئەگەشمە كېسەللىكلەر :
كانەيچە ئۆپكە ياللۇغى كۆپ ئۇچرايدۇ.يەنە ئۆپكە كېڭىيەلمەسلىك ئۆپكە ھاۋالىق ئېششىقى كانەيچە كېڭىيىش قاتارلىقلارمۇ كۆرۇلىدۇ.ئەسلىدە بار بولغان ئۆپكە سىل كېسەللىك ئوچىقىدا يامانلىشش تەرەپكە قاراپ مېڭىشى مۇمكىن.

2.يۈرەك قان تومۇر سېستىمىسىدىكى ئەگەشمە كېسەللىكلەر :
يۈرەك كېڭىيىش يۈرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىق ئېغىرلىرىدا قان تۆكۈرۈش چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش ھەتتا قان ئايلىنىش ئۆتكۈر زەئىپلىشش قاتارلىقلار كۆرۇلىشى مۇمكىن.
3.نىرۋا سېستىمىسىدىكى ئەگەشمە كېسەللىكلەر :
قاتتىق سىپازمىلىق يۆتىلىش سەۋەبىدىن قان تومۇر سىپازمىلىنىش مىڭە قان تومۇرلىرىدا قان يىتىشمەسلىك ۋە قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كلىنكىدا تەكرار تەكرار ھالدا تارتىشش ئەس ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش يۇقىرى قىزىتما ھەتتا نەپەس زەئىپلىشش قاتارلىق ئالاھىدىلىكى بولۇپ بۇ <كۆكيۆتەل مىڭە كېسەللىكى> دەپ ئاتىلىدۇ.يەنە مىڭە تىقىلمىسى دۆلىنىش پالەچلىنىش ھوشسىزلىنىش قوشۇلۇپ كېلىشمۇ مۇمكىن.
4.باشقىلار:مەقئەت چىقۇقى مېڭە كېسىلى ئورۇقلاش چوقۇق(گىراژا) قان ئازلىق ۋىتامىن يېتىشمەسلىك كۆرۇلىدۇ.

ئاقىۋىتى:بۇ كېسللىكنىڭ ئاقىۋىتى ئەسلىدە بەك خەتەرلىك ئەمەس لېكىن كېسەللىك بەك ئېغىر ئۆتۈپ ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەر بىلەن بىللە كەلسە ياكى بوۋاقلار بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولسا كۆپىنچە خەتەرلىك ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ قىزىل كېسەللىكىدىن كېيىن يۈز بەرگەن كۆكيۆتەل خەتەرلىك ئاقىۋەت قىلىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش :يۇقۇش مەنبەسىنى باشقۇرۇش لازىم.
بىمارنى كېسەل 40 كۈن ياكى تۇتقاقلىق يۆتىلىش باشلانغاندىن تارتىپ 40 كۈن ئايرىش كېرەك.بىمارغا يېقىنلاشقان يۇقۇملىنىشقا مايىل كىشىلەر 21 كۈن كۆزىتىلىدۇ.غەيرى نورمال ئەھۋال كۆرۈلسە ساقلاردىن ئايرىپ داۋالاش لازىم.
2 يۇقۇش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاش لازىم
ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇش كۈن نۈرىدىن تولۇق پايدىلىنىش.ئاغرىقلارنىڭ ئاجرالمىلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ئىشلەتكەن بۇيۇملىرىنى ئاپتاپقا سېلىش لازىم
3.ئاسان يۇقۇملانغۇچى كىشىلەر توپىنى قوغداش لازىم
ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسىنى ئۇرۇش لازىم
1.دستىرلەنگەن سۇدا ئېرىتىلگەن كۆكيۆتەل ۋاكسىنىسىنى بىرىنچى قېتىم تېرە ئاستىغا 0.5 مىللىلىتىر ئوكۇل قىلىنىدۇ.ئىككىنچى ئۈچىنچى قېتىم بىر مىللىلىتىردىن ئوكۇل قىلىنىدۇ. ھەر قېتىملىق ئوكۇل ئۇرۇش ۋاقتى 7-10 كۈنگىچە بولىدۇ.كۆكيۆتەل ۋاكسىنىسى بوغما ئاناتوكسىنى قاتما ئاناتوكسىندىن ئىبارەت ئۈچ خىل ۋاكسىنىنىڭ ئارلاشمىسى ئوكۈل قىلىنىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى :ھەر ئايدا بىر قېتىم ھەر قېتىمدا 0.5 مىللىلتىردىن تېرە ئاستىغا ئۇدا ئۈچ ئاي ئۆكۇل قىلىنىدۇ.ئۆكۇل قىلغاندىن كېيىن بىر قانچە ھەپتىدە تەبىئەت ئىممۇنىت كۈچى پەيدا بولۇپ3-5 يىلغىچە ساقلىنىدۇ.بوۋاق تۈغۈلۈپ ئۈچ ئايلىق بولغاندا ئاندىن ئالدىنى ئېلىش ئوكۇلى ئۇكۇلسا بولىدۇ.
2 پاسسىپ ئىممۇنىتلاش :بۇ خىل ئۇسۇل ئىككى ياشتىن تۆۋەن ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئۇرۇلمىغان بوۋاقلارغا يۇقىرى ۋالېنىتلىق ئىممۇنىت شارچە ئاقسىلدىن 2-4 مىللىلىتىدىن مۇسكۇلغا ئوكۇل قىلسا بولىدۇ.بەش كۈندىن كېيىن قايتا بىر قېتىم ئوكۇل قىلىنىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى:
1.ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلتىغا قارىتا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2.سىپازما قايتۇرۇش بەلغەم بوشىتىپ يۆتەل پەسەيتىش ياللۇغ قايتۇرۇش نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش مەقستىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
.تەستە ھەزىم بولىدىغان غىدىقلىغۇچى يەل پەيدا قىلغۇچى زىيادە ئسسىق ياكى زىيادە سوغۇق تەبئەتلىك يېمەك ئېچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.ئەگەر سۈت ئېمىتىۋاتقان بالا بولۇپ قالسا ئانىسى چوقۇم پەرھىزگە دىققەت قىلىش كېرەك.
مەسىلەن:لازا ئاچچىقسۇ مايدا پىشۇرۇلغان تاماقلار ياكى تۇخۇم قۇرۇلغان.ھوردا پىشۇرۇلغان قىيمىلىق تائاملاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.
2.ئاسان ھەزىم بولىدىغان قۇۋۋىتى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ.
مەسىلەن:پاخلان گۆشى شورپىسى توخۇ شورپىسى كۆك كەپتەر شورپىسى .ئۆردەك غاز گۆشلىرىنىڭ شورپىلىرى شويلا ئۈگرە سەۋزە.چامغۇر ئانار بېھى قۇرۇتۇلغان
كۆك ئۈزۈم ئەنجۈر.قاتارلىقلار.
3.سوغۇق ئۆتۇپ كېتىشتىن سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
4.ئىس -تۈتەك مۈھىتتىن .شاۋقۇن -سۈرەنلەردىن ساقلىنىش لازىم.


ئۇيغۇر تېبابىتى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىلمى ناملىق كېتابتىن ئېلىندى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

2779009524
在线咨询
ئابدۇللاھ تىۋىپ
13199972967 15509032247

ئۇلىنىش قوشوڭ|يانفون نۇسخىسى| تىۋىپ ئۇيغۇر تىبابەت تورى|  

GMT+8, 2016-7-3 01:24, Processed in 0.118528 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش