xjtiwip.biz

1
جەمئىي مىكروبلوگ 73 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • كارىل 2016-2-9 19:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، قېرىندىشىم، دادامنىڭ قولى تىترەيدىغان بولۇپ قالدى، بۇنىڭغا بىرەر داۋا بارمىدۇ؟؟

  • مېھر 2016-1-14 11:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسالاممۇ  ئەلەيكۇم  مۇشۇ  ۋختىڭلار خەيرلىك بولسۇن

  • 甜蜜的爱情 2015-10-13 22:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم :مۇنبەردىكى بارلىق ئەزىز  قېرىنداشلار ،مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن!

  • nuraziz 2015-10-10 18:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    kandakilganda danihorakni yokatkiliboldu

  • تېۋىبە 2015-10-6 21:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ! كىچىككەن بولسىمۇ ئايىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • TIWIP 2015-9-21 13:32 [ئىنكاس(2)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .قېرىنداشلار،ھەمىڭلار سالامەت تۇرۇپسىلەرمۇ؟

  • تەجەللي 2015-7-1 16:49 [ئىنكاس(2)] [...]

    مۇنبار ئيگيسسى،بىلەن كانداك كۇرشىمىز

  • مېھر 2016-2-3 10:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالاممۇ  ئەلەيكۇم  سالامەت  تۇردلمۇ

  • دېڭىز 2016-1-5 15:02 [ئىنكاس(0)] [...]

    مىنىڭ كۇزۇم يىراقنى كۈرەلمەيدۇ. قېرىنداشلار بىلىدىغان رىتسىپلىرىڭلاردىن بولسا دەپ بەرگەن بولساڭلار

  • 甜蜜的爱情 2015-10-13 22:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم :مۇنبەردىكى بارلىق ئەزىز  قېرىنداشلار ،مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن!

  • TIWIP 2015-10-9 23:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

  • بىگىم217 2015-10-5 16:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئانانىزىمنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك دورىللىرى  بامۇ

  • تېۋىبە 2015-9-20 13:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋۇ تىۋىپ تورىنى باشقىچە بىر جانلاندۇرۋېتەيلى جامائەت!‘

  • تەجەللي 2015-7-1 16:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوسلا،ئاراڭلاردا دييابيت بيمارليري بولسامەندە100تال دييابيت،كوميليچيني،ھەقسيزتە.....

كۆرۈش: 346|ئىنكاس: 0

سۇڭپىيازنىڭ شىپالىق رولى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

78

تېما

0

ئەگەشكۈچى

674

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1580
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 556
تۆھپە : 0
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2016-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-13 10:30:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇڭپىيازنىڭ شىپالىق رولى
سۇڭپىيازنىڭ ئاساسلىق رولى تەم تەڭشەش بولۇپ، ئېيتىلىشچە، 3000 يىل بۇرۇنلا كىشىلەر سۇڭپىياز ئۆستۈرۈشنى باشلىغان ئىكەن. يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، سۇڭپىيازنىڭ دورىلىق قىممىتى تەدرىجىي بايقالغان. سۇڭپىيازدا كاروتىن ۋە ۋىتامىن C مول بولۇپ، ناھايىتى يۇۇقىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە، ئۇيقۇسىزلىق، باش ئاغرىقى، تولغاق قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ياردەمچى رول ئوينايدۇ. سۇڭپىياز تەركىبىدىكى پىروپېنىل سۇلفىد ھەزىمنى ياخشىلاپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە بەدەندىكى باكتېرىيەنى ئۆلتۈرۈش رولىغا ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا سۇڭپىياز تەركىبىدە غىدىقلىغۇچى پۇراققا ئىگە ئۇچۇچان ماددا بولۇپ، كاناي شىللىق پەردىسىنى يېنىك دەرىجىدە غىدىقلاپ، دىماق پۈتۈپ قېلىش قاتارلىق زۇكام ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىدۇ.

1.سۇڭپىياز شورپىسى زۇكام ئالامەتلىرىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىدۇ.
بىر تال سۇڭپىيازنى توغراپ، بىر قوشۇق مونوناترىي گىلۇتامات (味精) قوشۇپ، قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ تولۇق ئارىلاشتۇرۇرغاندىن كېيىن، بىر كۈندە بىر قانچە قېتىم ئىچىپ بەرسە بەدەننى ئىللىتىپ، تەرلىتىپ قىززىتمىنى قايتۇرىدۇ. سوغۇقتىن قورقۇش، چۈشكۈرۈش، پوتلا ئېقىش قاتارلىق زۇكامنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئالامەتلەرنى ئۈنۈملۈك ياخشىلايدۇ.
دىققەت: ئامالنىڭ بارىچە يېتىپ ياخشى ئارام ئېلىش تەرلىگەندىن كېيىن ۋاقتىدا ئىچ كىيىم ئالماشتۇرۇش لازىم. بەدەن تېمپىراتۇرىسى زىيادە ئۆرلەپ كەتكەندە سۇڭپىياز شورپىسىنىڭ روشەن ئۈنۈمى كۆرۈلمەيدۇ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
2.سۇڭپىيازنى قاينىتىپ ئىچسە باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
زۇكام تۈپەيلىدىن باش ئاغرىغاندا، بىر تال سۇڭپىياز ئېقى بىلەن بىر تال زەنجىۋىلنى 500 مىللىلىتىر سۇغا قوشۇپ سۇنىڭ يېرىمى قالغۇچە سۇس ئوتتا قاينىتىپ، ئۈچكە بۆلۈپ ئاچ قورساققا ئىچىپ بەرسە، بەدەننى ئىللىتىپ ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.
3.سۇڭپىياز مۈرە تېلىپ ئاغرىشنى پەسەيتىدۇ .
سۇڭپىياز تەركىبىدىكى پىروپىنىل سۇلفىدنىڭ سۈمۈرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىتابولىزىمنى ياخشىلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن مۇسكۇللار بوشىشىپ ئاغرىق پەسىيىدۇ. قورۇما تەييارلىغاندا سۇڭپىيازنىڭ نىسبىتىنى نورمىدىن سەل ئاشۇرسا، ئېغىر دەرىجىدىكى مۈرە تېلىپ ئاغرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
4.سۇڭپىياز كېكىردەك ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ .
زۇكام سەۋەبىدىن كېكىردەك ئاغرىغاندا، سۇڭپىيازنى كېكىردەككە سىرتىدىن تاڭسا، ئاغرىقنى پەسيتىپ، زۇكام ئېغىرلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. كېكىردەك قىزىرىپ ئىششىغاندا، بەش سانتىمېتىر ئەتراپىدا توغرالغان سۇڭپىياز ئېقىنى ئوتتۇرىدىن تىك يېرىپ، ئون تالنى ئىسسسىق سۇغا چىلاپ، يۇمشىغاندىن كېيىن كېكىردەككە سىرتىدىن تاڭسا، ئىششىقنى ياندۇرۇپ يۆتەلنى توختىتىدۇ.
5.ئوتقا قاقلانغان سۇڭپىياز زەخمىلىنىشنى داۋالايدۇ .
يېقىلىش ياكى سوقۇلۇش تۈپەيلى بەدەنگە كۆك چۈشكەندە، سۇڭپىياز ئېقىنى ئوتتۇرىدىن تىك كېسىپ ئوتقا قاقلاپ قىزىتقاندىن كېيىن، كۆك چۈشكەن ئورۇنغا چاپلىسا، كۆكنى يوقىتىدۇ.
6.قاينىتىلغان سۇڭپىياز سۈيى ئۈششۈكنى داۋالايدۇ .
سۇڭپىيازنىڭ بەدەننى ئىللىتىپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش رولى بولغانلىقتىن، بىر تال سۇڭپىيازنى سۇس ئوتتا قاينىتىپ، سۈيىنى ئۈششۈگەن ئورۇنغا سۈركەپ ئۇۋۇلىسا، ئۈششۈكنى داۋالايدۇ. ئېغىر دەرىجىدە ئۈششۈگەن ئورۇننى بىۋاستە قاينىتىلغان سۇڭپىياز سۈيىگە چىلىسا بولىدۇ.
7. سۇڭپىيازنىڭ ئالاھىدە غىدىقلىغۇچى پۇرىقى كىشىنى تىنىچلاندۇرۇپ ئۇيقۇنى كەلتۈرىدۇ.
پاراكەندە بولۇپ ئۇخلىيالمىغاندا، مۇۋاپىق چوڭ-كىچىكلىكتە توغرالغان سۇڭپىيازنى ياستۇق يېنىغا قويۇپ قويسا، ناھايىتى ئاسانلا ئۇخلىغىلى بولىدۇ.
8.سۇڭپىيازنىڭ ساقلاش ۋاقتىنى ئۇزارتاي دىسىڭىز ...
سۇڭپىيازنى ساقلاش بىرقەدەر قىيىن، بولۇپمۇ ھۆل-يېغىن مەزگىلىدە ئاسانلا يۇمشاپ سېسىپ كېتىدۇ. ئوتتۇرىدىن ئىككىگە بۆلۈنگەن سۇڭپىيازنى نەمدەلگەن گىزىتكە ئوراپ، سولياۋ خالتىغا سېلىپ، ئاندىن توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلاش ئورنىغا سالسا، سۇڭپىيازنى 2-3 ھەپتىگىچە ساقلىغىلى بولىدۇ. توڭلىتىش ئۆيىدە ساقلىغاندا، سۇڭپىيازنى توغراپ، يېيىپ، سۇ تەركىبى يوقالغاندىن كېيىن توڭلىتىش ساندۇقىغا سالسا بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا سۇڭپىيازنى ئىككى ئايدىن ئارتۇق ساقلىغىلى بولسىمۇ، بىراق سۇڭپىيازنىڭ ئالاھىدە پۇرىقى يوقىلىپ كېتىدۇ.
«قانداق غىزالىنىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.


 تىۋىپ تورى يانفون تېرمىنالىدا يېزىلدىتىۋىپ تورى يانفون تېرمىنالىدا يېزىلدى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

2779009524
在线咨询
ئابدۇللاھ تىۋىپ
13199972967 15509032247

ئۇلىنىش قوشوڭ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى| تىۋىپ ئۇيغۇر تىبابەت تورى|  

GMT+8, 2016-4-14 09:03, Processed in 1.221214 second(s), 36 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش