xjtiwip.biz

1
جەمئىي مىكروبلوگ 73 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • كارىل 2016-2-9 19:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، قېرىندىشىم، دادامنىڭ قولى تىترەيدىغان بولۇپ قالدى، بۇنىڭغا بىرەر داۋا بارمىدۇ؟؟

  • مېھر 2016-1-14 11:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسالاممۇ  ئەلەيكۇم  مۇشۇ  ۋختىڭلار خەيرلىك بولسۇن

  • 甜蜜的爱情 2015-10-13 22:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم :مۇنبەردىكى بارلىق ئەزىز  قېرىنداشلار ،مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن!

  • nuraziz 2015-10-10 18:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    kandakilganda danihorakni yokatkiliboldu

  • تېۋىبە 2015-10-6 21:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ! كىچىككەن بولسىمۇ ئايىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • TIWIP 2015-9-21 13:32 [ئىنكاس(2)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .قېرىنداشلار،ھەمىڭلار سالامەت تۇرۇپسىلەرمۇ؟

  • تەجەللي 2015-7-1 16:49 [ئىنكاس(2)] [...]

    مۇنبار ئيگيسسى،بىلەن كانداك كۇرشىمىز

  • مېھر 2016-2-3 10:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالاممۇ  ئەلەيكۇم  سالامەت  تۇردلمۇ

  • دېڭىز 2016-1-5 15:02 [ئىنكاس(0)] [...]

    مىنىڭ كۇزۇم يىراقنى كۈرەلمەيدۇ. قېرىنداشلار بىلىدىغان رىتسىپلىرىڭلاردىن بولسا دەپ بەرگەن بولساڭلار

  • 甜蜜的爱情 2015-10-13 22:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم :مۇنبەردىكى بارلىق ئەزىز  قېرىنداشلار ،مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن!

  • TIWIP 2015-10-9 23:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

  • بىگىم217 2015-10-5 16:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئانانىزىمنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك دورىللىرى  بامۇ

  • تېۋىبە 2015-9-20 13:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋۇ تىۋىپ تورىنى باشقىچە بىر جانلاندۇرۋېتەيلى جامائەت!‘

  • تەجەللي 2015-7-1 16:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوسلا،ئاراڭلاردا دييابيت بيمارليري بولسامەندە100تال دييابيت،كوميليچيني،ھەقسيزتە.....

كۆرۈش: 432|ئىنكاس: 0

سوغۇق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

78

تېما

0

ئەگەشكۈچى

674

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1580
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 556
تۆھپە : 0
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2016-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-11 20:32:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوغۇق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ئۇسۇلىمۇ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە قەدىمدىن تارتىپ قوللىنىلىىپ كىلىنىۋاتقان داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ بۇ ئۇسۇل بىلەن بەدەننىڭ مەلۇم بىر قىسمىغا ياكى مەلۇم بىر ئەزاغا سىرتتىن سوغۇقلۇق تەسىر قىلدۇرۇش ئارقىلىق ھەر خىل قاناشلارنى ۋە ھەر خىل ئاغرىقلارنى ئۆتكۈر قىزىتمىلارنى شۇنىڭدەك قاتتىق ئىسسىق ئۆتۈپ كەتكەندىن بۇلغان ھەر خىل كېسەللىكلەرنى تىز داۋالىغىلى بولىدۇ. سوغۇق ئۆتكۈزۈپ داۋالاشنىڭ ئۇسۇللىرىمۇ كۆپ خىل بولۇپ گرېلكا بوتۇلكا ھايۋان دوۋساقلىرى ياكى سۇلياۋ خالتا قاتارلىقلارغا ئېلىپ ياكى ھەر خىل دورىلارنىڭ قاينىتىلغان سۇلىرىنى ئەرەقلىرىنى سۇۋۇتۇپ ئىچۈرۈش كلىزما قىلىش ياكى لۆڭگە ماتا قاتارلىقلارغا شۈمۈرتۈپ يەرلىك ئورۇنغا قويۇش ياكى مۇزلىتىپ لۆڭگە ماتادا تەييارلانغان خالتا ۋە باشقىلارنىڭ ئىچىگە مۇز پارچىسى سېلىپ كېسەللەنگەن ئەزاغا قويۇش ئارقىلىق سوغۇق ئۆتكۈزىلىدۇ.
سوغۇق ئۆتكۈزۈپ داۋالاشنىڭ ئالاھىدىلىكى
سوغۇق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.
1) سوغۇق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ئېلىپ بارغاندا سوغۇقلىقنىڭ فىزىكىلىق تەسىرى ئاستىدا توقۇلمىلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ يەرلىك ئورۇننىڭ قان ئايلىنىشى ئاستىلاپ ماددا ئالمىشىش تۆۋەنلەيدۇ. قان تومۇرلار تارىيىپ سپازمىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەرلىك ئورۇندىكى ئاغرىق پەسىيىدۇ ياكى قاناش توختايدۇ.
2) سوغۇق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش بىر قىسىم يۇقىرى ھارارەتلىك كېسەللىكلەر (مەسىلەن كۆيۈك يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىق ئىسسىقتىن بولغان يۈرەك چالاڭغۇراش) گە قارىتا يەرلىك ئورۇندىكى نېرىپلارنىڭ سىزىمچانلىقى تۆۋەنلىتىلىپ تىزلا ئاغرىق پەسەيتىش ۋە ھارارەتنى تۆۋەنلىتىش تەسىرىنى بېرىدۇ بۇ ئارقىلىق خىلىتسىز ئىسسىقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
3) ھە خىل ئىچكى- تاشقى قاناشلارغا قارىتا سوغۇق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ئېلىپ بارغاندا سوغۇقلۇق كەيپىيات يەرلىك ئورۇندىكى قان تومۇرنى تارايتىش تەسىرىنى بېرىپ قاناشنى توختىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

سوغۇق ئۆتكۈزۈپ داۋالاشنىڭ ئۇسۇللىرى
سوغۇق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل بولىدۇ:
1) باش ساھەسىگە سوغۇق ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى
بۇ خىل ئۇسۇل ئادەتتە قىزىتمىغا كۆپ قوللىنىش بىلەن بىرگە قان بېسىمى يۇقىرىلىق سەۋەبىدىن ياكى زەخمىلىنىش بولغان بۇرۇن قاناش قاتارلىقلارغا قارىتا مۇز پارچىسى سېلىنغان گرېلكا ياكى مۇز پارچىسىنىڭ ئۆزىنى باش يەنى پىشانە ۋە ئىككى چېكە ساھەسىگە قويۇپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە باشنى پېشانىسىنى سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇش يەڭگىل دەرىجىلىك بۇرۇن قاناش ۋە يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكلىرىگە پايدا قىلىدۇ.
2) زەخمىلەنگەن ئورۇنغا سوغۇق ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى
زەخمىلىنىش سەۋەبىدىن قان تومۇرلىرى يېرىلىپ قان توختىمىغان ئەھۋال ئاستىدا قانىغان ئورۇنغا مۇز پارچىسىنى بېسىپ يەرلىك ئورۇنىنىڭ قان تومۇرلىرىنى قىسقارتىش ۋە قاننىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش ئارقىلىق قاناشنى توختىتىشقا بولىدۇ.
3) ئاشقازان ساھەسىگە سوغۇق ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى
ئاشقازاندا قاناش بولۇپ ئاشقازاندىن قان كەلگەن ئەھۋالدا ئاشقازان ئۈستىگە مۇز گرېلكىسى قويۇلىدۇ ياكى مۇزنى پارچىلاپ كىچىك مۇز پارچىسى يۇتقۇزىلىپ ئاشقازانغا بىۋاسىتە سوغۇق ئۆتكۈزىلىدۇ
4) قورساققا سوغۇق ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى
ئىسسىقلىقتىن بولغان ئىچى سۈرۈشلەردە قورساققا مۇز گرېلكىسى ياكى مۇز پارچىسى قويۇش ياكى سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇش ئارقىلىق سوغۇق ئۆتكۈزۈپ ئىچى سۈرۈشنى توختىتىشقا بولىدۇ.


ئۇيغۇر تېبابىتى داۋالاش ئۇسۇللىرى ئىلمى ناملىق كېتاب
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

2779009524
在线咨询
ئابدۇللاھ تىۋىپ
13199972967 15509032247

ئۇلىنىش قوشوڭ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى| تىۋىپ ئۇيغۇر تىبابەت تورى|  

GMT+8, 2016-4-14 15:10, Processed in 0.366134 second(s), 36 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش