xjtiwip.biz

1
جەمئىي مىكروبلوگ 73 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • كارىل 2016-2-9 19:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، قېرىندىشىم، دادامنىڭ قولى تىترەيدىغان بولۇپ قالدى، بۇنىڭغا بىرەر داۋا بارمىدۇ؟؟

  • مېھر 2016-1-14 11:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسالاممۇ  ئەلەيكۇم  مۇشۇ  ۋختىڭلار خەيرلىك بولسۇن

  • 甜蜜的爱情 2015-10-13 22:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم :مۇنبەردىكى بارلىق ئەزىز  قېرىنداشلار ،مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن!

  • nuraziz 2015-10-10 18:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    kandakilganda danihorakni yokatkiliboldu

  • تېۋىبە 2015-10-6 21:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ! كىچىككەن بولسىمۇ ئايىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • TIWIP 2015-9-21 13:32 [ئىنكاس(2)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .قېرىنداشلار،ھەمىڭلار سالامەت تۇرۇپسىلەرمۇ؟

  • تەجەللي 2015-7-1 16:49 [ئىنكاس(2)] [...]

    مۇنبار ئيگيسسى،بىلەن كانداك كۇرشىمىز

  • مېھر 2016-2-3 10:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالاممۇ  ئەلەيكۇم  سالامەت  تۇردلمۇ

  • دېڭىز 2016-1-5 15:02 [ئىنكاس(0)] [...]

    مىنىڭ كۇزۇم يىراقنى كۈرەلمەيدۇ. قېرىنداشلار بىلىدىغان رىتسىپلىرىڭلاردىن بولسا دەپ بەرگەن بولساڭلار

  • 甜蜜的爱情 2015-10-13 22:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم :مۇنبەردىكى بارلىق ئەزىز  قېرىنداشلار ،مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن!

  • TIWIP 2015-10-9 23:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

  • بىگىم217 2015-10-5 16:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئانانىزىمنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك دورىللىرى  بامۇ

  • تېۋىبە 2015-9-20 13:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋۇ تىۋىپ تورىنى باشقىچە بىر جانلاندۇرۋېتەيلى جامائەت!‘

  • تەجەللي 2015-7-1 16:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوسلا،ئاراڭلاردا دييابيت بيمارليري بولسامەندە100تال دييابيت،كوميليچيني،ھەقسيزتە.....

كۆرۈش: 2221|ئىنكاس: 2

يۆتەلنىڭ پەيدا بولىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

ئەگەشكۈچى

14

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2589
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 13
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-28 19:04:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يۆتەل-كاناي ۋە كاناي شاخچىلىرى ئۆپكە ۋە ئۆپكە پەردىلىرىنىڭ ئۆزىگە ياقمىغان نەرسىلەردىن قوغدىنىپ ئۆزىنى ساقلاش يەنى غەيرىي تەبىئىي ماددىلارنى ئۆزىدىن چەتلەشتۈرۈش ھەيدەپ چىقىرش ئۈچۈن قىلغان تەبىئىي ھەرىكىتىدىن ئىبارەت. ئۇ مۇستەقىل بىر كېسەللىك ئەمەس. يۆتەلنى پەيدا قىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ تۈرى كۆپ سەۋەبلىرىمۇ مۇرەككەپ.
سەۋەبى. يۆتەلنىڭ سەۋەبلىرى ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ.
1. خىلىتسىز سەۋەبتىن مىزاجنىڭ بۇزۇلۇشى (سۇئى مىزاج) دىن كېلىپ چىقىدۇ.
2. ئەزالاردا يۈز بەرگەن ئىششىق جاراھەت ۋە يارىلاردىن كېلىپ چىقىدۇ.
3. نەپەس ئەزالىرىغا يات نەرسىلەرنىڭ كىرىپ قېلىشى مەسىلەن: سوغۇق شامال بۇس تۈتۈن چاڭ-توزانلار ياكى دىققەتسىزلىكتىن سۇ ۋە تاماق ماددىلىرىنىڭ كانايغا كېتىپ قېلىشى… تۈپەيلىدىن يۆتەل كېلىپ چىقىدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە مۇھىم ئەزا ۋە قوشنا ئەزالارنىڭ مىزاجى بۇزۇلۇشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىكلەر سەۋەبىدىنمۇ يۆتەل كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: زۇكامدىن مېڭە مىزاجى بۇزۇلۇپ نەزلە سۈيى (مەيلى قىزىق ياكى سوغۇق بولسۇن) كاناي ۋە ئۆپكىگە چۈشسە يۆتەلنى پەيدا قىلىدۇ. قىزىلئۆڭگەچ ئاشقازان جىگەر قاتارلىق ئەزالارنىڭ بىر قىسىم كېسەللىكلىرىدە كېسەللىك ئىللىتى ئۆپكە ياكى ئۇنىڭ پەردىلىرىنى غىدىقلاپ يۆتەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كاناي ياكى كاناي شاخچىسى ئۆپكە ۋە ئۆپكىنى قاپلاپ تۇرغۇچى پەردىلەرنىڭ كېسەللىكلىرىدىنمۇ يۆتەل پەيدا بولىدۇ. ئۆپكە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى يۈرەك كېسەللىكلىرىدىنمۇ يۆتەل كېلىپ چىقىدۇ.
ئومۇمەن ئۆپكە كېسەللىكلىرىنڭ سەۋەبلىرى ئەسبابى بادى (دەسلەپكى سەۋەب) ئەسبابى ۋاسىلە (يەتكۈزگۈچى سەۋەب) ئەسبابى سابىقە (ئۆتكەنكى سەۋەب) دەپ ئۈچ خىلغا بۆلىنىدۇ.
مىزاجى سوغۇقتىن ئۆزگەرگەن كشىنىڭ ئۆپكىسىگە تاشقىرىدىن سوغۇق شامال كىرىپ تەسىر قىلىش ياكى مىزاجى ئىسسىق بولغان كىشىنىڭ ئۆپكە ساھەسىگە ئىسسىق بىر نەرسە تەسىر قىلىش تۈتۈن بۇس چاڭ-توزان ياكى ھاۋاغا ئارىلاشقان ئىسسىق سېسىق نەرسىلەرنىڭ زەھەرلىك گازلارنىڭ تەسىر قىلىشى قاتارلىقلار ئەسبابى بادى بولىدۇ.
بەدەننىڭ ئۆزىدە بولغان سەۋەبلەر مەسىلەن: سازەج (خىلىتسىز) ياكى ماددا (خىلىتلىق) بولسۇن مىزاجى ئىسسىققا ئۆزگىرىپ تەبىئىتى غەيرىي تەبىئىيگە ئۆزگىرىش قاتارلىقلار ئەسبابى ۋاسىلە (يەتكۈزگۈچى ۋاسىتە) بولىدۇ. سۇئى مىزاج سازەج ھار (ماددىسىز ئىسسىقتىن بۇزۇلۇش) ياكى سۇئى مىزاج سازەج بارىد (ماددىسىز سوغۇقتىن بۇزۇلۇش) سۇئى مىزاج ھار ماددى (ماددىلىق ئىسسىقتىن بۇزۇلۇش) سۇئى مىزاج ماددى بارىد (ماددىلىق سوغۇقتىن بۇزۇلۇش) دېگەنلەرگە ئوخشاش مېڭىدىن كەلگەن نەزلە سۈيى ئۆپكە كاناي قىزىلئۆڭگەچ ئاشقازان قاتارلىق ئۆپكە بىلەن يېقىن ئەزالارغا چۈشۈش سەۋەبى بىلەن بۇ ئەزالاردا ئىششىق جاراھەت پەيدا قىلسا بۇمۇ ئەسبابى ۋاسىلە (يەتكۈزگۈچى ۋاسىتە) قاتارىغا كىرىدۇ. ئەسبابى ۋاسىلە سەۋدادىن كەمرەك ئۇچرايدۇ.
بەدەندە بولغان ئەسبابى ۋاسىلە سەۋەبلىرىنڭ ئۆتمۈشى ئەسبابى سابىقە (ئۆتكەن سەۋەب) بولىدۇ. مەسىلەن: جىگەر كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان بىمار داۋالاش ئارقىلىق ساقايغان لېكىن جىگەر كېسەللىكىگە قارىتا بېرىلگەن دورىلار ئۆپكىگە يامان تەسىر كۆرسىتىپ يۆتەلنى پەيدا قىلغان مانا بۇ ئەسبابى سابىقە دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مەسىلەن: كېزىك تەپ ۋابا قاتارلىقلاردىمۇ ئۇچرايدۇ.
يۆتەل ئادەتتە قۇرۇق يۆتەل ۋە ھۆل يۆتەل (بەلغەملىك يۆتەل) دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. قايسى سەۋەبتىن بولمىسۇن بەلغەم ياكى باشقا سۇيۇقلۇق كەلمىسە قۇرۇق يۆتەل دېيىلىدۇ. قۇرۇق يۆتەل كۆپىنچە قۇرۇق ئىسسىق قۇرۇق سوغۇق (خىلىتلىق ياكى خىلىتسىز) كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدۇ. يۆتەلگەندە بەلغەم كۆپۈكلۈك سۇيۇقلۇق ياكى يىرىڭلىق خەپرۈك كەلسە ھۆل يۆتەل دېيىلىدۇ. ھۆل يۆتەل كۆپىنچە ھۆل ئىسسىق ھۆل سوغۇق (خىلىتلىق ياكى خىلىتسىز) كېسەللىكلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ.


ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسىدىن 4- جىلىدتىن ئېلىندى.
 تىۋىپ تورى يانفون تېرمىنالىدا يېزىلدىتىۋىپ تورى يانفون تېرمىنالىدا يېزىلدى

87

تېما

1

ئەگەشكۈچى

803

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1580
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 663
تۆھپە : 0
توردا: 114
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2016-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-30 20:24:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىلىمكەن  ،شۇنداق ساقلىق بىلىمرىنى يوللاپ تۇرغايسىز
 تىۋىپ تورى يانفون تېرمىنالىدا يېزىلدىتىۋىپ تورى يانفون تېرمىنالىدا يېزىلدى

1

تېما

0

ئەگەشكۈچى

24

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2628
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 21
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-13 20:44:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىكەن قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن
 تىۋىپ تورى يانفون تېرمىنالىدا يېزىلدىتىۋىپ تورى يانفون تېرمىنالىدا يېزىلدى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

2779009524
在线咨询
ئابدۇللاھ تىۋىپ
13199972967 15509032247

ئۇلىنىش قوشوڭ|يانفون نۇسخىسى| تىۋىپ ئۇيغۇر تىبابەت تورى|  

GMT+8, 2016-7-3 01:23, Processed in 0.091860 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش