xjtiwip.biz

1
جەمئىي مىكروبلوگ 73 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • كارىل 2016-2-9 19:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، قېرىندىشىم، دادامنىڭ قولى تىترەيدىغان بولۇپ قالدى، بۇنىڭغا بىرەر داۋا بارمىدۇ؟؟

  • مېھر 2016-1-14 11:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسالاممۇ  ئەلەيكۇم  مۇشۇ  ۋختىڭلار خەيرلىك بولسۇن

  • 甜蜜的爱情 2015-10-13 22:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم :مۇنبەردىكى بارلىق ئەزىز  قېرىنداشلار ،مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن!

  • nuraziz 2015-10-10 18:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    kandakilganda danihorakni yokatkiliboldu

  • تېۋىبە 2015-10-6 21:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ! كىچىككەن بولسىمۇ ئايىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • TIWIP 2015-9-21 13:32 [ئىنكاس(2)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .قېرىنداشلار،ھەمىڭلار سالامەت تۇرۇپسىلەرمۇ؟

  • تەجەللي 2015-7-1 16:49 [ئىنكاس(2)] [...]

    مۇنبار ئيگيسسى،بىلەن كانداك كۇرشىمىز

  • مېھر 2016-2-3 10:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالاممۇ  ئەلەيكۇم  سالامەت  تۇردلمۇ

  • دېڭىز 2016-1-5 15:02 [ئىنكاس(0)] [...]

    مىنىڭ كۇزۇم يىراقنى كۈرەلمەيدۇ. قېرىنداشلار بىلىدىغان رىتسىپلىرىڭلاردىن بولسا دەپ بەرگەن بولساڭلار

  • 甜蜜的爱情 2015-10-13 22:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم :مۇنبەردىكى بارلىق ئەزىز  قېرىنداشلار ،مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن!

  • TIWIP 2015-10-9 23:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

  • بىگىم217 2015-10-5 16:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئانانىزىمنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك دورىللىرى  بامۇ

  • تېۋىبە 2015-9-20 13:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋۇ تىۋىپ تورىنى باشقىچە بىر جانلاندۇرۋېتەيلى جامائەت!‘

  • تەجەللي 2015-7-1 16:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوسلا،ئاراڭلاردا دييابيت بيمارليري بولسامەندە100تال دييابيت،كوميليچيني،ھەقسيزتە.....

كۆرۈش: 5417|ئىنكاس: 0

چوڭ بوغۇملار ئاغرىق(ۋەجئۇل مۇپاسىل)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەسئۇل تىۋىپ

763

تېما

4

ئەگەشكۈچى

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 1496
نادىر تېمىسى: 23
تىللا: 5654
تۆھپە : 5000
توردا: 1388
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2016-7-3

تېما ماھىرىمۇنەۋۋەر مەسئۇل

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 20:33:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چوڭ بوغۇملاردا ئاغرىش، ئىششىش، قىزىش، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن ئىپادىلىندىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىك ۋەجئۇل مۇپاسىل( چوڭ بوغۇملار ئاغرىقى )دىيىلىدۇ.

كېسەللىكنىڭ خاراكتىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۆتكۈر بوغۇم ئاغرىقى ۋە سوزۇلما بوغۇم ئاغرىقى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.

1) ۋەجئۇل مۇپاسىل ھاد(ئۆتكۈر بوغۇم ئاغرىغى)

چوڭ بوغۇملاردا ئاغرىش، ئىششىش، قىزىش، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىندىغان، جىددى باشلىنىدىغان، شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى

1. قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

2. سەپرا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىيگە ئۆزگىرىشى بولۇپمۇ تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

3.تەمسىز بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. تەمسىز بەلغەم خىلىتى چوڭ بوغۇملارغا تەسىر قىلش ئارقىلىق بوغۇملارنىڭ ماددا ئالماشتۇرىشىنى سۇسلاشتۇرۇپ، بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، توقۇلمىلارنى غىدىقلاپ بوغۇم ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4.. شورلۇق بەلغەم خىلتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

5. گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

6. سەۋداخىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كىتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

7. تاشقى زەخمىلىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى

كېسەل تۇيۇقسىز توڭۇپ تىترەش، جۇغ-جۇغ بولۇش بىلەن باشلىنىدۇ، قىزىيدۇ. 36-24 سائەتتىن كېيىن پۇت-قول بوغۇملىرى قاتتىقلىشىشقا باشلاپ چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئاغرىيدۇ. بوغۇملار تۇيۇقسىز ئىششىشقا باشلايدۇ. ھەتتا بادامسىمان بەزلەرمۇ ئىششىپ كېتىدۇ. بوغۇملار ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. قىزىتما 10-8 كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ. تومۇرى ناھايىتى تېز سالىدۇ. تىل ئۈستىدە بىر قەۋەت ئاق گەز بولىدۇ. ئۇسسۇزلۇقى يۇقۇرى، ئىشتىھاسى تۆۋەن بولىدۇ. قەۋزىيەتنىڭ شىكايىتىنى قىلىدۇ. بەدەنلىرى تەرلەيدۇ. ئەگر قان خىلىتىدىن بولغان بولسا بوغۇم تېرە رەڭگى قىزىل بولىدۇ، ئىششىق تارقىلىشچان بولىدۇ، يىڭنە سانجىغاندەك قاتتىق ئاغرىيدۇ. سەپرا خىلىتىدىن بولسا بوغۇم تېرىلىرىنىڭ رەڭگى سېرىق، ئىششىقنىڭ تارقىلىشى ئازراق، ئاغرىش يىڭنە سانجىغاندەك بولىدۇ، ئېسىلىپ قالىدۇ. سەپراغا ئائىت باشقا ئالامەتلەر ئېنىق كۆرىلىدۇ. لېكىن سەپرا خىلىتىدىن بولغىنى ناھايىتى كەم ئۇچرايدۇ. بەلغەم خىلىتىدىن بولسا ئاغرىش ھاۋا ئۆزگەرگەندە، سوغۇق ھاۋاغا يولۇققاندا كۈچىيىدۇ. 50-30 ياشتىكىلەردە كۆپرەك كۆرىلىدۇ. بوغۇملار ئىششىيدۇ، بوغۇملاردا ئېغىرلىق بولىدۇ، يەڭگىل دەرىجىدە داۋاملىشىش خاراكتىرلىك ئاغرىش بولىدۇ، قىزىتما بولمايدۇ، بوغۇملارنىڭ رەڭگىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ. تومۇرى توم، ئاستا، سوغۇق سوقىدۇ. بەلغەم خىلىتىنىڭ غالىپلىق ئالامىتى بولىدۇ. شور بەلغەم خىلىتىدىن بولسا بوغۇملار ئىششىيدۇ، سانجىپ ئاغرىيدۇ، بوغۇملاردا كۆيۈشكەندەك سېزىم بولىدۇ. ئىششىق ئانچە روشەن بولمايدۇ. ئۆزى ئاجىز. ھەركىتى ئاز، مىجەزى چۇس، قۇرۇق ئىسسىق مىزاجلىق كىشىلەردە كۆپ كۆرىلىدۇ. سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن بولسا بوغۇملار قۇرۇق بولىدۇ، بوغۇملار رەڭگى قارامتۇل بولۇپ، ئىششىقنىڭ ماددىسى قاتتىق بولىدۇ. سەۋدا خىلىتىنىڭ غالىپلىق ئالامەتلىرى بولىدۇ.تومۇرى ئاستا، ئىنچىكە، قاتتىق سالىدۇ. تاشقى زەخمىلىنىشتىن بولسا بوغۇملار زەخمىلىنىش تارىخى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بوغۇملاردا قاتتىق ئاغرىش، زەخمىلەنگەن بوغۇملار ئىششىش، بوغۇم بوشلۇقىغا قان يىغىلىش، ئەتراپتىكى توقۇلمىلاردا جىددىيلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ. بوغۇم ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ بەزىسى تېزلا ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ، بەزىسى سوزۇلمىغا ئۆزگىرىپ ئاسارەت قالىدۇ.

2) ۋەجئۇل مۇپاسىل مۇزمىن ( سوزۇلما بوغۇم ئاغرىغى)

چوڭ بوغۇملاردا ئاغرىش، ئىششىش، قىزىش، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىندىغان، باشلىنىشى ئاستا، ئۇزۇنغا سوزۇلغان شەكىل بۇزلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىكتىن ئىبارەت. 40 ياشتىن ئاشقان كىشىلەردە كۆپ كۆرىلىدۇ. ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە كۆپ بولىدۇ. ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكنى كۆپ قىلىدىغان، تۇرمۇش شارائىتى ناچار، ئوزۇقلىنىشى يېتەرلىك بولمىغان كىشىلەردە بولىدۇ.

سەۋەبى

(1) ماددىسىز ھۆل سوغۇق كەيپىياتلارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.ھاۋاسى سوغۇق، يامغۇر كۆپ ياغىدىغان جايلاردا ياشىغۇچىلاردا سوغۇق ئۆتۈش، يامغۇردا قېلىش، سۇدا، ھۆلچىلىك ئورۇنلاردا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش قاتارلىقلاردىن بولىدۇ.

(2) بەلغەم خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىيگە ئۆزگىرىشىدىن بولۇپمۇ تەمسىز بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. تەمسىز بەلغەم خىلىتى چوڭ بوغۇملارغا تەسىر قىلىش ئارقىلىق بوغۇملارنىڭ ماددا ئالماشتۇرىشىنى سۇسلاشتۇرۇپ، بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، توقۇلمىلارنى غىدىقلاپ بوغۇم ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4.. شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

5. گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

6. سەۋداخىلىتىنىڭ كۆپۈيۈپ كىتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى

بەلغەمدىن بولسا بوغۇملار ئاغرىيدۇ، ئىششىيدۇ، بوغۇملاردا ئېغىرلىق بولىدۇ، يەڭگىل دەرىجىدە داۋاملىشىش خاراكتىرلىك ئاغرىش بولىدۇ، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، سوغۇق پەسىللەردە ياكى ھاۋا ئۆزگەرگەن ۋاقىتلاردا ئاغرىش كۈچىيىدۇ، بوغۇملارنىڭ رەڭگىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ. كېچىسى ئۇخلىغاندا ئاغرىش باشلىنىدۇ، بىمار ئاغرىق ئازابىدىن ئۇيقۇسىزلىقنىڭ شىكايىتىنى قىلىدۇ. كېسەللەنگەن بوغۇمغا يېقىن قوشنا مۇسكۇللاردا ئاجىزلىشىش، ئورۇقلاش بولىدۇ.بىمار ھەزىم بۇزۇلۇشنىڭ شىكايىتىنى قىلىدۇ. تومۇرى توم، ئاستا، سوغۇق سوقىدۇ. قىزىتما بولمايدۇ ياكى ناھايىتى يەڭگىل بولىدۇ.ھەركەت قىلمىغاندا ئاغرىق بىر ئاز يېنىكلەيدۇ، كېسەللەنگەن بوغۇمنى بېسىپ سالسا ئاغرىققا چىدىغىلى بولمايدۇ. ئەگەر سەۋدا خىلىتىدىن بولسا بوغۇملار سانجىلىپ ئاغرىيدۇ، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، بوغۇملار قاتتىقلىشىپ مىدىرلىيالماس بولۇپ قالىدۇ. بەزىدە ئاغرىق بەل، كۆكرەك، ساغرا قىسىملارغىچە تارقايدۇ. سەۋدا خىلىتىنىڭ غالىپلىق ئالامىتى بولىدۇ.
تور بېكەت باشلىقى :ئابدۇللاھ تىۋىپ. دۇرا زاكاس قىلىش ۋە تىببى مەسلىھەت سوراش يانفۇن نۇمۇرى:13199972967 كوت كوت :2779009524 سودا سانائەت بانكا كارتا نۇمۇرى:6212263015000405303 پوچتا بانكا كارتا نۇمۇرى:62179988000550407 يېزا ئامانەت قەرز بانكا كارتا نۇمۇرى:6212872032418280 كا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

2779009524
在线咨询
ئابدۇللاھ تىۋىپ
13199972967 15509032247

ئۇلىنىش قوشوڭ|يانفون نۇسخىسى| تىۋىپ ئۇيغۇر تىبابەت تورى|  

GMT+8, 2016-7-3 01:18, Processed in 0.229484 second(s), 36 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش