xjtiwip.biz

1
جەمئىي مىكروبلوگ 73 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • كارىل 2016-2-9 19:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، قېرىندىشىم، دادامنىڭ قولى تىترەيدىغان بولۇپ قالدى، بۇنىڭغا بىرەر داۋا بارمىدۇ؟؟

  • مېھر 2016-1-14 11:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسالاممۇ  ئەلەيكۇم  مۇشۇ  ۋختىڭلار خەيرلىك بولسۇن

  • 甜蜜的爱情 2015-10-13 22:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم :مۇنبەردىكى بارلىق ئەزىز  قېرىنداشلار ،مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن!

  • nuraziz 2015-10-10 18:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    kandakilganda danihorakni yokatkiliboldu

  • تېۋىبە 2015-10-6 21:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ! كىچىككەن بولسىمۇ ئايىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • TIWIP 2015-9-21 13:32 [ئىنكاس(2)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .قېرىنداشلار،ھەمىڭلار سالامەت تۇرۇپسىلەرمۇ؟

  • تەجەللي 2015-7-1 16:49 [ئىنكاس(2)] [...]

    مۇنبار ئيگيسسى،بىلەن كانداك كۇرشىمىز

  • مېھر 2016-2-3 10:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالاممۇ  ئەلەيكۇم  سالامەت  تۇردلمۇ

  • دېڭىز 2016-1-5 15:02 [ئىنكاس(0)] [...]

    مىنىڭ كۇزۇم يىراقنى كۈرەلمەيدۇ. قېرىنداشلار بىلىدىغان رىتسىپلىرىڭلاردىن بولسا دەپ بەرگەن بولساڭلار

  • 甜蜜的爱情 2015-10-13 22:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم :مۇنبەردىكى بارلىق ئەزىز  قېرىنداشلار ،مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن!

  • TIWIP 2015-10-9 23:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

  • بىگىم217 2015-10-5 16:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئانانىزىمنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك دورىللىرى  بامۇ

  • تېۋىبە 2015-9-20 13:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋۇ تىۋىپ تورىنى باشقىچە بىر جانلاندۇرۋېتەيلى جامائەت!‘

  • تەجەللي 2015-7-1 16:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوسلا،ئاراڭلاردا دييابيت بيمارليري بولسامەندە100تال دييابيت،كوميليچيني،ھەقسيزتە.....

كۆرۈش: 480|ئىنكاس: 1

تۈشۈك نان (ھىكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

50

تېما

1

ئەگەشكۈچى

233

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1722
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 170
تۆھپە : 0
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-9-11

تېما ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-13 08:50:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(ھېكايە)
ـــ تۆشۈك ناندىن قارىما ، بالام .
ـــ نېمە بولىدۇ ؟
ـــ يامان بولىدۇ .
ـــ يامان بولسا نېمە بولىدۇ ؟
ئۇنىڭغا ئانىسىنىڭ «يامان بولىدۇ» دېگەن سۆزى بىردە چۆچەكلەردىكى بەھەيۋەت دېۋىلەردەك قورقۇنچلۇق تۇيۇلسا، بىر تۇرۇپ رىۋايەتلەردىكى «ئېچىل داستىخان» ياكى «ئالتۇن تېزەكلەيدىغان ئېشەك» تەك سىرلىق، جەلپكار تۇيۇلاتتى .
ـــ چۆچەك ئېيتىپ بېرە، ئانا .
ـــ قايسى چۆچەكنى ئېيتىپ بېرەي ، بالام ؟
ـــ « ئوغۇزخان » نى .
ـــ باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئەسكەرلىرى بۆرىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگشىپ ….
ـــ باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئەسكەرلىرى بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدىنمۇ ئۆتكەنمۇ ؟
ـــ بىلمەيدىكەنمەن .
ـــ ئەمىسە بىلدىغىنىڭنى سورايمۇ ؟ تۆشۈك ناندىن قارىسا نېمە بولىدۇ ؟
ـــ سەن سورىما ، مەن ئېيىتماي .
ـــ ياق، سەن ئېيتىپ بەر، ـــ ئۇ بىردىنلا يىغلامسىرىدى . كۆكۈش ، ئېقى يوغان كۆزلىرىدىن قەيسەر، سوغۇق بىر ئۇچقۇن چاچرىدى . ئانىنىڭ تېنى شۈركۈنۈپ كەتتى .
ـــ دەرتە قالارسەنمىكىن ؟ ماقۇل ، خۇدايىم ساقلار. تۆشۈك ناندىن قارىسا ، ھەر قانداق نەرسىنى كۆرگىلى بولىدىكەن ، مۇبادا ئۆينىڭ سىرتىدا تۇرۇپ ناننىڭ تۆشۈكىدىن قارىسا ، ئۆينىڭ ئىچىدىكى ھەر قانداق نەرسىنى كۆرگىلى بولارمىش . سەن ئۇنداق قىلما جۇمۇ ، بولمىسا ، كۆزۈڭ كۆرمەس بولۇپ قالىدۇ…
شۇندىن باشلاپ بالىنىڭ قورسىقىغا جىن كىردى، بىر نەرسە ئىچىنى غىدىقلاپ ئارام بەرمىدى، ناننى تېشىپ قاراپ باقماقچى بولدىيۇ ، يەنىلا قورقتى .
بىر كۈنى ئۇ مەكتەپتىن بالدۇر كېلىپ ، ھويلىغا كىرىپلا چۆچۈپ كەتتى . ئۆينىڭ ئىشىكى قىيا ئوچۇق بولۇپ ، ئچكىرىكى ئۆينىڭ ئشىكى ئىچىدىن ئېتىۋىتىلگەنىدى . ئۆي ئچىدىن ھاسىراپ - ھۆمىدىگەن ئاۋاز كېلىۋاتاتتى .
ــ ئوغرى ، چوقۇم ئوغرى ، ــ بالا قورققىنىدىن ئۆپكىسى گېلىغا قاپلىشىپ نەپەس ئالالماي قالدى . لېكىن ئۇ بىردىنلا دېدىللەشتى ، قولىغا دادىسى ئوتۇن يارىدىغان پالتىنى ئېلىپ ، شەپە چىقارماستىن ئىچكىرىكى ئۆينىڭ ئىشكى ئالدىغا كەلدى .
ــ ۋىيەي ، ئاستىراق ، ئەسكى .
بىر ئايالنىڭ بوش ئەمما ئۈزۈك - ئۈزۈك نازلىنىپ ھاسىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .
ــ جىم تۇر جېنىم ، تىپىرلىما .
ــ دادامنىڭ ئاۋازىغۇ بۇ ، ــ ئۇ بىردىنلا قىزىقسىنىپ دېرىزىدىن مارىدى . دېرىزە پەردىسى چۈشۈرۈۋېتىلگەچكە ، ھېچنەرسىنى كۆرەلمىدى . پەقەت ھاسىراش –ھۆمۈدەشلەر داۋام قىلىۋاتاتتى .
راست ، تۆشۈك نان بىلەن … ئۇ ئاشخانا ئۆيدىن بىر گىردىنى ئېلىپ چىقىپ ئوتتۇرسىنى مىڭ تەسلىكتە تەشتى- دە ، قارىدى . قارىدىيۇ، ئۆي ئىچىدىكى كارامەتنى كۆرۈپ ، ئارقىسىغا تىرىڭڭىدە ئۇچۇپ كەتكىلى تاس قالدى . دادىسىى ـــ ئۇنىڭ ئەڭ ئامراق ۋە سۆيۈملۈك ، ئىشخانىسىدا گىدىيىپ ئولتۇرۇپ ھاجەتمەنلەرنىڭ ئىلتىماس-ئەرزلىرىگە تەستىق يېزىپ ، تامغا باسىدىغان سالاپەتلىك دادىسى سا چۈجىنى پوكىنىغا باسقاندەك  بالا باققۇچى قىزنى پوكىنىغا باسقىنچە بوينىغا چىڭ گىرە سېلىپ ئۇنىڭ لەۋلىرىگە چوپۇلدىتىپ      « تامغا باسماقتا » ئىدى…
***     ***       ***
ــ  ئانا ، چۆچەك ئېيتىپ بېرەيمۇ ؟
ــ ۋاي ماقۇل ئاپئاق قوزام ، سەنمۇ چوڭ بولۇپسەن - دە!
ــ كۆرگىنىمنى ئېيتايمۇ ، ئاڭلىغىنىمنىمۇ ؟
ــ كۆرگىنىڭنى .
ـــ دادامنىمۇ چاقىرايلى، ئۇمۇ بىللە ئاڭلىسۇن .
دادىسى كىرىپ ئۇنى قۇچىقىغا ئالماقچى بولغانىدى ئۇ بىردىنلا يۇلقۇنۇپ دادىسىنىڭ قۇچىقىدىن چۈشۈپ كەتتى . دادىسى ئۇنىڭغا تولىمۇ يات ، ئادەم قېنىنى شورايدىغان يەتتە باشلىق يالماۋۇزدەك كۆرۈنۈپ كەتتى .
ـــ ئاپئاق قوزام ، داداڭنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇر .
ـــ مەن دادامنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرسام ، بالا باققۇچى قىز نەدە ئولتۇرىدۇ ؟
ـــ ئاغزىڭنى يۇم ، ۋۇ ، شۇم !
كۆزلىرىگە زەرب بىلەن تەگكەن تەستەكتىن بالىنىڭ كۆزلىرىگە قىزىللىق تىقىلىپ ئالەم قاراڭغۇلاشتى…
***        ****              ****
ـــ ئانا !
ئۇ قاتتىق ۋارقىراپ ، چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى .
ـــ ئانا چۆچەك ئېيتىپ بەر !
ـــ ئۇخلا بالام ، ئەتە داداڭ بىلەن كۆزۈڭنى دوختۇرغا كۆرسەتكىلى بارىسىلەر .
ـــ جېنىم ئانا ، ئەمدى كۆزۈم ھەرگىزمۇ ساقايمايدۇ . بولسا ساقايمىسۇن .
ـــ نېمە دېگىنىڭ بۇ ، بالام . نېمىشقا ساقايمايدىكەن ؟
ـــ مەن دادامغا تۆشۈك نان بىلەن قارىغان تۇرسام…
ـــ ھە !؟
… … …
ـــ ئانا يەنە توپان بالاسى بولارمۇ؟
ـــ نېمىشقا بۇنداق دەيسەن ، بالام؟
ـــ توپان دادامنى ئېقىتىپ كەتكەن بولسىچۇ! …
ـــ … … !؟؟
مەنبە : «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى .
 تىۋىپ تورى يانفون تېرمىنالىدا يېزىلدىتىۋىپ تورى يانفون تېرمىنالىدا يېزىلدى

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

53

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2626
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 36
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2016-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-17 11:34:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

2779009524
在线咨询
ئابدۇللاھ تىۋىپ
13199972967 15509032247

ئۇلىنىش قوشوڭ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى| تىۋىپ ئۇيغۇر تىبابەت تورى|  

GMT+8, 2016-4-14 17:35, Processed in 0.177820 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش