busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 2 دىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 5834 قىتىم كۆرۈلدى

سۈيدۈك يوللىرىغا تاش چۈشۈش

سۈيدۈك يوللىرى (بۆرەك، سۈيدۈك كانىلى، دەۋساق، سۈيدۈك يولى )قاتارلىقلارغا تاش بولۇش كېسەللىكىدىن ئىبارەت.

سەۋەبى:

ئىچكى بەزلەر خىزمىتى تەرتىپسىزلىنىش :يەنى قالقانبەز يانبېزى خىزمىتى كۈچۈيىپ كەتكەندە  قان تەركىبىدە كالتىسى  ماددىسى بەك كۈپىيىپ كىتىپ سۈيدۈكتىكى كالتىسىي ماددىسى كۆپلەپ چىقىدۇ دە –تاش شەككىلىنىدۇ.

ئۇزۇقلىنىشنىڭ ناچارلىقى :

يىمەكلىك ۋە ئىچىدىغان سۇ تەركىبى پاكىزە بولماسلىق (سۇ تەركىبىدە ئاھاك ۋە باشقا ئىرىگەن غەيرى تەركىبنىڭ كۆپ بولۇشى

يۇقۇملىنىشلار :

سۈيدۈك يوللىرى يۇقۇملانغاندىن كېيىن جاراسىملار ۋە ئۇلارنىڭ ياللۇغلاندۇرۇلىشىدىن ھاسىل بولغان ئاجراتمىلار بەدەن ھارارىتىدە قۇرۇپ كاللەكلىشىپ تاش پەيدا بولىدۇ.

سۇددە (توسۇلۇش) سەۋەبىدىن : سۈيدۈك چىقىرىش سۇددىلەر .

مەسىلەن: سۈيدۈك يوللىرىنىڭ ئەگىرلىكى غەيرى شەكىلدە بولىشى .مەزىبېزى چوڭىيىش قاتارلىقلار .

يات جىسىملار:

تىپىك ئىپادىلىرى : بەل ئاغرىش ،قۇسۇش، ئۇمۇمى بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئىپادىلەر كۈرۈلىدۇ.

داۋالاش:

بەدەن ئۆتكۈر بولمىغان سۈرگۈ ۋە سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى بىرىش بەدەن تازىلىنىپ بولغاندىن كىيىن تاش ئىرىتكۈچى دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بۆرەك ۋە سۈيدۈك يوللىرىنى تازىلاش لازىم. ناۋادا قەۋزىيەتلىك ئەھۋال كۆرۈلسە :تەرەتنى يۇمشاتقۇچى دورىلارنى بىرىش كېرەك .

دورىلاردىن مەجۇن ئەقرەب ، مەجۇن ھەجەرۇل يەھۇد ، جاۋارىش زەر ئۇنى قاتارلىق دورىلارنى كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ بىرىش كېرەك

  پەرھىز: زىيادە تۇزلۇق، يەللىك ، غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىپ لەتىف غىزالار بىلەن ئۇزۇقلاندۇرىلىدۇ.

 تەييارلىغۇچى : نىرۋا،سۇيدۇك ، ئىچكى ئاجراتما كىسەللىك بولۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282