busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 2 دىن 27 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 6460 قىتىم كۆرۈلدى

دىئابىت ( قەنت سىيىش كىسىلى )

 بەدەن ئىچىدىكى ئاجراتمىلارنىڭ خىزمەت پائالىيىتى قالايمىقانلىشىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بەدەندە قەنت ئالمىشىش قالايمىقانلىشىش يۈز بىرىپ كىلىنكىدا كۆپ سىيىش، كۆپ ئىچىش، كۆپ يىيىش، ئۇرۇقلاش، سۈيدۈكتە شىكەر تېپىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلنە ئىپادىلىنىدىغان ، ئاقىۋىتى نىسبەتەن خەتەرلىك بولغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى:

1- ئاشقازان ئاستى بەز ئارالچىسىنىڭ ئىنسولىن ئاجرىتىپ چىقىرىشى يىتەرلىك بولماسلىق.

2- ئىنسولىننىڭ نىسبى يىتىشمەسلىك.

3- ئىرسىيەت ئامىلى.

4- روھى نىرۋا ئامىللار تەسىرى تۈپەيلىدىن بۇلىدۇ.

ئاساسلىق ئىپادىلىرى: بىماردا كۆپ ئۇسساش، كۆپ يىيىش، بەدەن ئېغىرلىقى تۈۋەنلەش، كۆپ سىيىش، ( سۈيدۈك مىقدارى تەخمىنەن كۈنىگە e 5000 – 3000 ) ماغدۇرسىزلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

ئەگەشمە كېسەللىكلەردىن:

1)  يۇقۇملىنىش. 2) بۆرەك خىزمىتى تۇلۇق بولماسلىق. 3) نىرۋا سېستىمىسىدىكى ئەگەشمە كېسەللىكلەر.4) يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئۆزگۈرۈشلىرى. 5) كىتونلۇق كىسلاتادىن زەھەرلىنىش ۋە ھۇشسىزلىنىش.

داۋالاش: ئاساسلىقى شىكەرنىڭ سۈيدۈكتىن كۆپلەپ چىقىپ كىتىشىنى تىزگىنلەش، ئاشقازان ئاستى بەز خىزمىتىنى ياخشىلاش، بۆرەك ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش. مەقسىتىدا دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

مەسىلەن: ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە ئەرقى گۈل، ئەرقى چۆبىچىن، قۇرسى زىيابىت قاتارلىق دورىلار بېرىلىدۇ.

يۇقارقى دورىلار بىرىلىپ كېسەللىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولسا ئومۇمىي بەدەن ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار بىرىلىدۇ. مەسىلەن: ماددەتۇل ھايات..............دىگەندەك.

پەرھىز: يۇقۇرى ئاقسىللىق، تەتلىق يىمەك- ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىپ سىڭىشلىك لەتف غىزالار بىلەن ئۇزۇقلاندۇرىلىدۇ.

 تەييارلىغۇچى : نىرۋا،سۇيدۇك ، ئىچكى ئاجراتما كىسەللىك بولۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282