بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 2 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 4501 قىتىم كۆرۈلدى
لەقۋا ( يۇز نىرۋا پالىچى )
تونۇش :
بۇ ھەر خىل سەۋەپلەردىن يۈز نېرىپلىرى زەخمىلىنىش ياكى بېسىلىشتىن روھى نەپسانى ۋە قۇۋۋىتى نەپسانى توسقۇنلىققا ئۇچراش نەتىجىسىدە يۈزنىڭ مۇسكۇل ، پەيلىرى بوشۇشىپ ئېغىز بىر تەرەپكە مايماقلىشىش ، قاپاق ساڭگىلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلىش خاراكتىرلىك كېسەللىكتىن ئىبارەت .
سەۋەبى :
1. ماددىسىز ھۆلسوغۇق كەيپىياتنىڭ تەسەرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
2. بەلغەم خىلىتىنىڭكۆپۈيىپ كىتىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
3. گەجسىمان بەلغەم تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
4. مىڭە ئۆسمىسى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
5. مىڭىگە قان چۈشۈش سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
6. مىڭە تىقىلمىسى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
ئالامىتى :
بۇ كىسەللىكتە بىر تەرەپ يۈز مۇسكۇلى ۋە پەيلىرى پالاچلىنىپ بوشاپ كەتكەنلىكتىن ئېغىز ساق تەرەپكە تارتىشىپ مايماق بولۇپ قالىدۇ ، يەڭگىل بولغاندا كۆزدە ئېنىق ئۆزگىرىش بولمايدۇ .ئېغىر بولغاندا ئۇستىنكى قاپاق ساڭگىلاپ كۆزنى ئېچىش توسقۇنلىققا ئۇچرايدۇ . بىمارنىڭ سۆزلەش ، چايناش ، پۈۋلەشۋە يۇتۇش ھەرىكەتلىرى راۋان بولمايدۇ ياكى يوقىلىدۇ . تەم سېزىش ئىقتىدارى سۇسلىشىدۇ ياكى توسقۇنلىققا ئۇچرايدۇ .
دىئاگنوز ئاساسى :
كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ .
داۋالاش پىرىنسىپى :
1. مىزاج بۇزىلىشتىن بولغان بولسا تەڭشەش ۋە تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .
2. مىڭە ۋە باشقا ئەزا كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولسا ئالدى بىلەن شۇ خخل كېسەللىكلەرەە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .
3. مىڭە ، نېرۋا ، پەي ، مۇسكۇل ۋە ئومۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەش تەسىرى بولغان دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ .
داۋالاش ئۇسۇلى :
بىمارغا كېسەللىك باشلىنىپ 3 كۈندىن 7 كۈنگىچە ھىچقانداق تاماق ۋە دورا بەرمەي مائۇل ھەسەل ۋە مائۇل ئۇسۇل بىرىلىدۇ .
ماددىسىز ھۆل سوغۇقلىقنىڭ تەسىرىدىن بولغان بولسا ھۆللىكنى قۇرتۇش ۋە بەدەننى قىززىتىش مەخسىتىدە دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ .
بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن بولغان بولسا ئالدى بىلەن بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچ، مۇسھىلى تاللاپ ئىشلىتىىلىپ كېسەللىك ماددىسى تازلىنىدۇ .
ماددا تازلىنىپ بولغاندىن كىيىن بەدەندىكى ھۆللىكنى يوقۇتۇش ، پەي مۇسكۇللارنى چىڭىتىش مەخسىتىدە ئىچكى ۋە سىرتقى تەرەپتىن تەڭ ، ماس قەدەملىك داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
1-كېسەل باشلىنىپ ئۈچ كۈنگىچە تاماق بېرىشتىن چەكلىنىدۇ ھەم زىيادە ئىسسىق زىيادە سوغوق تەبىئەتلىك ،مايلىق، غىدىقلىغۇچى، تەستە ھەزىم بولدىغان يىمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ
2- كېسەل باشلىنىپ ئۈچ كۈنگىچە پەقەت مائۇل ئۇسۇللا بېرىلىدۇ
3- سوغوق سۇدا يۇيۇنۇش، سوغوق سۇ ئىچىش، سوغوق مۇھىتتا تۇرۇشتىن ، ئېغىر جىسمانى ھەركەت قىلىشتىن ، زىيادە چارچاش غەم ئەندىشە قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم
تەييارلىغۇچى : نىرۋا،سۇيدۇك ، ئىچكى ئاجراتما كىسەللىك بولۈمى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت