busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 2 دىن 19 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 4154 قىتىم كۆرۈلدى

پالەچ

تۇنۇش :

 مەلۇم بىر ئەزا ياكى مەلۇم بىر ئورۇننىڭ ھەركەت ۋە سىزىمنىڭ پۇتۇنلەي يۇقۇلىشى ياكى نىسبي يۇقۇلىشى ، ياكى مەلۇم توسقۇنلىققا ئۇچۇرشىنى كۆرسىتىدۇ. .

پالەچنىڭ تۇرلىرى: پالەچ بولغان ئۇرۇننىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن بەش تۇرلۇك بولىدۇ .

1) كەسمە پالەچ : بەدەننىڭ ئوڭ ياكى سول تەرىپىنىڭ ھىس ھەركىتىنىڭ يوقۇلىشىنى كۆرسىتىدۇ.

2) يىرىم پالەچ :بەلنىڭ ئاستى ياكى ئۇستى قسمىنىڭ ھىس- ھەركىتىنىڭ يۇقۇلىشىنى كۆرسىتىدۇ.

3) ئەتراپ نىرۋا پالىچى ياكى تىترەشلىك پالەچ : بىر ئەزا ياكى مەلۇم بىر ئورۇنغا بارىدىغان نىرىپلارنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى بىلەن ئۇنىڭ ھەركىتى ۋە سىزىمى تۇلۇق بولماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

4) لەقۋا: يۇز مۇسكۇللىرىدىكى ھىس – ھەركەت سىزىمىنىڭ يۇقۇلىشى بىلەن يۇز مۇسكۇللىرىدا بۇشاپ كىتىش بولۇپ ئاندىن ئىغىزىدا مايماقلىشىش ئالامەتلىرى بۇلۇش بىلەن ئىېادىلنىدىغان كىسەللىكنى كورسىتىدۇ .

5) بالىلار پالىچى: بالىلاردا بولىدىغان پالەچنى كۆرسىتىدۇ.

كسەللىك سەۋەبى:

1)      بەلغەم خىلىتنىڭ تەبىئي مىقدارىنىڭ ئارتىپ كىتىشىدىن بولىدۇ.

2)      بەلغەم خىلىتنىڭ قان خىلىتغا ئارلىشىشىدىن يەنى بەلغىمى شىرىندىن بۇلىدۇ.

3)   قان خىلىتنىڭ تەبىئي مىقدارىنىڭ ئىشىپ كىتىشى ياكى قان خىلىتنىڭ ھەر خىل جاراسىملار بىلەن يۇقۇملىنىشى ،چىرشىدىن كىلپ چىقىدۇ.

4)      غەيرى تەبىئي سەۋدا خىلىتىدىن كىلىپ چقىدۇ.

5)  ئىستىپراغنىڭ بەك كۆپ بولۇشى (يەنى كۆپ ئىچى سۇرۇش، كۆپ تەرلەش، كۆپ قەي قىلىش، كۆپ قاناش ) سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

6) داۋالاش جەريانىدىكى نا توغرا مەشغۇلاتلارسەۋەبىدىن كىلپ چىقىدۇ.

7) ھەرخىل ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش قاتارلىق سىرتقى زەخمە ۋە قىيىن تۇغۇت سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

8) ھەرخىل روھىي ئامىللار سەۋەبىدىنمۇ پالەچلىنىش كىلىپ چىقىدۇ.

كىسەللىك ئالامىتى: بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسملىرىدا جىددىى ياكى ئاستا پەيدا بۇلىدىغان ھىس-ھەركەت توسقۇنلۇققا ئۇچراش بولۇپ، يۇقارقى بەش خىل تۇردىكى پالەچنىڭ بىرەرسى ياكى بىر ئىككى خىل ئوخشىمىغان دەرىجىدە كۆرىلىدۇ. بۇ ئەھۋال بەزىدە يەڭگىل بەزىدە شۇ چاغدا بىراقلا باشلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە مىزاج، خىلىتلارغا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر قۇشۇلۇپ كىلىدۇ.

داۋالاش: داۋالاشتا سەۋەبىگە قارىتا چارە قوللۇنىلىدۇ . 

1) غەيرى تەبىئي بەلغەم خىلىتدىن بولغان بولسا، تاماق ھەم سۇنى ئازايتىش بىلەن بىرگە خالىس بەلغەمنىڭ مۇنزىچىنى، 9 - 5 كۇنگىچە بىرىپ، ماددا پىشقاندا خالىس بەلغەمنىڭ مۇسھىلىنى 3 كۇن بىرىمىز. 10 – كۇنى يەنە يۇقارقى ئۇسۇلنى بىرقىتىم تەكرارلاپ ئاندىن مائۇل ئۇسۇل شەربىتىنى تەييارلاپ 40 كۇن ئەتراپىدا بىرىمىز. ئاندىن ھەببى قۇقيا بىلەن 3 قىتىم تەنقىيە قىلىپ بولغاندىن كىيىن بەدەننى كۇچلەندۇرۇش مەقستىدە ماددەتولھايات، مەجۇنى سوم، مەجۇنى بالادۇر، ھەببى ئازاراقى قاتارلىق دورىلاردىن بىرنى تاللاپ بىرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كۆپرەك ھەركەت قىلدۇرۇلۇپ، سىرتتىن ئىسسىق تەبىئەتلىك ياغلار بىلەن ياغلاش ئىلىپ بىرىلىدۇ.

2) غەيرى تەبىئىي قان خىلىتىدىن بولغان پالەچنى داۋالاش: قان خىلىتىدىن بولغان پالەچ ئاساسلىقى قان قۇيۇقلىشىش، قان بىسىمى يۇقىرلىقتىن  بولغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا داۋالاشتا ئالدى بىلەن بىمارنى تىنىچلاندۇرۇپ مىدىرلاتماسلىق ھەمدە قان خىلىتىنىڭ ھارارىتىنى، قان بىسىمىنى تۇۋەنلىتىپ،  قان تازلاش مەقسىتىدە ئەرقى شوخلا ، ئەرقى كاسىنە، بىنەپشە شەربىتى، ياكى لىمون شەربىتى قاتارلىق دورىلار بىرىلىدۇ ياكى بىمارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ مەتبۇخى ئەپتىمۇن تەييارلاپ بىرىلىدۇ. ئەگەر مىڭىدە ياللۇغلىنىش ئەھۋالى بولسا، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە سىرتتىن زىمات ( چاپقۇلۇق ) تەييارلاپ بىرىلىدۇ.

3) غەيرى تەبىئي سەۋدا خىلىتىدىن بولغان پالەچنى داۋالاش: كىسەللىك سەۋەبىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئىنىقلاپ، كىسەللىكنى پەيدا قىلىشقا سەۋەپ بولغان غەيرى تەبىئىي خىلىتقا قارىتا مۇنزىچ، مۇسھىل بىرىلىدۇ. مۇنزىچ بىرىش ۋاقتى 15 كۇندىن كەم بولماسلىقى كىرەك.

4) ئىستىپراغنىڭ كۆپ بۇلۇپ كىتىشىدىن بولغان پالەچنى داۋالاش: بۇنىڭدا سەۋەبىگە قارىتا مۇۋاپىق چارە قوللىنىش لازىم. يەنى قان كۆپەيتىش مەقستىدە ئانار شەربىتى، شەربىتى زەبىب، مائۇل لەھمىي قاتارلىقلارنى تەييارلاپ بىرىلىدۇ ياكى قان سىلىنىدۇ.

5)  سىرتقى ئۇرۇلۇش، سۇقۇلۇش قاتارلىق زەربىدىن پەيدا بولغان پالەچنى داۋالاش: زەخمىلىنىشتىن بولغان پالەچ كۆپۇنچە مىڭىگە قان چۇشكەنلىكتىن بولۇپ، قان بىسمى يۇقۇرى ھالەتتە كىلىدۇ. شۇڭا قان بىسمىنى تۈۋەنلىتىش مەقسىتىدە ئەرقى سەندەل، ئەرقى بىدەمىشكى بىرىلىدۇ. ئاندىن قان تۇمۇرىنى كىڭەيتىش، مىڭىگە چۇشكەن قاننى شۇمۇرتۇش مەقسىتىدە مەتبۇخ ئەپتىمۇن بىرىلىدۇ. سىرتىدىن ياللۇغ قايتۇرغۇچى، ئاغرىق پەسەيتكۇچى ياغلاردىن بادام يىغى، بىنەپشە يىغى قاتارلىق ياغلار بىلەن ياغلىنىدۇ. ئاخىرىدا كۇچلەندۇرگۇچى دورىلاردىن خىمىيرى گاۋزىبان ئەنبىرى خىمىيرى مەرۋايىت، داۋائى مىشكى مۆتىدىل قاتارلىقلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

 تەييارلىغۇچى : نىرۋا،سۇيدۇك ، ئىچكى ئاجراتما كىسەللىك بولۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282