busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 22 دىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 48375 قىتىم كۆرۈلدى

سەپكۈننى يۇقىتىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى

     يۈزدىكى سەپكۈننى ئاسانلىقچە يوقاتقىلى بولمايدۇ . لېكىن تۇرمۇشتا ئاددىي ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇنىڭ پەيدا بولۇشىنى ۋە تارقىلىشىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ .

    لىمون سۈيى ۋە كالا سۈتى : تېرىسى مايلىق ياكى ئوتتۇراھال كىشلەر قەرەللىك ھالدا لىمون سۈيىگە كالا سۈتىنى قوشۇپ ، ئۇنىڭدا يۈزىنى يۇيۇپ بەرسە ، تېرىنى ئاقارتىپ ، پارقىراق قىلىدۇ.

    شوخلا سۈيى : بىر دانە شوخلىنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ ، ئۇنىڭغا بىر قوشۇق گلىتسېرىن قوشۇپ ئاندىن بۇ سۇيۇقلۇق بىلەن يۈزنى ھەر كۈنى 10–15 مىنۇت ئەتراپىدا يۇيغاندىن كېيىن ، ئىلىمان سۇ بىلەن تېرىنى چايقاپ ، تېرە ئاسراش مەلھىمى سۈرتۇۋالسا بولىدۇ . بۇ ئۇسۇلنى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرسا يۈزدىكى سەپكۈننى سۇسلاشتۇرىدۇ ھەتتا سەپكۈننى يوقىتىدۇ .

    سەۋزە شىرنىسى : ئىككى قوشۇق سەۋزە شىرنىسىگە 20 تامچە لىمون سۇيى قوشۇپ ، كۈنىگە ئىككى–ئۈچ قېتىمدىن يۈزگە سۈرتۈپ ، 20–30 مىنۇت ئەتراپىدا تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋېتىپ ، تېرە ئاسراش مەلھىمى سۈرتۇپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ .

    مامكاپ گۈلى سۈيى : بىر تال مامكاپ گۈلىنى بىر ئىستاكان قايناقسۇغا چىلاپ ، سوۋۇغاندىن كېيىن ، مامكاپ گۈلىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ ، سۈيى بىلەن ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە سەپكۈن ئورنىنى يۇيۇپ بەرسە ، ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ .

    لىمون ۋە تەرخەمەك سۈيى: ھەر كۈنى يۈزنى يۇيغاندىن كېيىن ، لىمون ۋە تەرخەمەك سۈيىنى بىر نەچچە قېتىم سەپكۈن ئورنىغا سۈرتۇپ ، بىر سائەت ئەتراپىدا تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتسە ھەم بۇ ئۇسۇلنى بىر ئايغىچە داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە ، سەپكۈننى يوقىتىپ ، تېرىنى ئاقارتىدۇ .

    تۇرۇپ ۋە شوخلا ياپراقچىسى : يۈزنى پاكىز يۇيۇپ ، تېرە ئاسراش مەلھىمى سۈرتۈپ ، ئاندىن يۈزگە بىر نەچچە پارچە تۇرۇپ ياكى شوخلا ياپراقچىسى چاپلاپ ، يېرىم سائەت تۇرغۇزغاندىن كېيىن ، سوغۇق كالا سۈتى بىلەن يۇيسا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ . ئادەتتە ئالما ۋە بىيە ياپراقچىسىنىڭ ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولىدۇ.

    يوپۇرماق مەلھىمى : خۇشبۇي كەرەپشىنىڭ يېشىل يوپۇرمىقىنى ئۇششاق چاناپ ، ئۇنى بىر ئىستاكان قېتىققا ئارىلاشتۇرۇپ ئىككى–ئۈچ سائەتكىچە تۇرغۇزۇپ ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە سەپكۈننى يوقىتىدۇ .

    تىرناقگۈل يوپۇرمىقى شىرنىسى : تىرناقگۈل يوپۇرمىقىنىڭ شىرنىسىنى يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە ، يۈزدىكى سەپكۈننى يوقىتىپ ، تېرىنى ئاقارتىدۇ.

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282