busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 17 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 7257 قىتىم كۆرۈلدى

قان بۇزۇلۇش ياكى قاننىڭ غالىپلىقىدىن بولغان يۆتەل

تۇنۇش: قان بۇزۇلۇش ياكى قاننىڭ غالىپلىقىدىن بولغان يۆتەل-قان خىلتىنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كېلىنكىدا چوڭقۇر نەپەس ئېلىش بىلەن سىرىتقا چىققان نەپەس قىزىق بولۇش يۆتۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى: بۇخىل يۆتەل ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل قاتارىغا تەۋە بولۇپ بۇ خىل يۆتەلنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەپ ئېسسىقتىن بولغان يۆتەلنى پەيدا قىلغۇچى سەۋەپلەردىن باشقا يەنە قان خىلتىنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگۇرىشى،يۇقۇرى ھارارەتلىك جايلاردا ئۇزۇن تۇرۇش، قۇملۇق چۆللۇكلەردە تۇرۇش بىلەن ئۆپكىگە يۇقىرى ھارارەت تەسىر قىلىشىىپ ئۆپكىدە ساپ ھاۋا يېتىشمەسلىك ئەھۋالى پەيدا بولىدۇ. يەنە ھاۋاغا بولغان ھاجەت كۆپۇيدۇ. ئۆپكىنىڭ تارتىش قۇۋىتى يېتىشمەسلىك نەتىجىسىدە ئۆپكە غىدىقلىنىش بىلەن يۆتەل پەيدا بولىدۇ.

ئالامىتى : نەپەس ئېلىش چوڭقۇر بولۇپ سىرىتقا چىققان نەپەس قىزىق بىلىنىدۇ، سوغۇق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلغاندا يۆتەل بىر ئاز يىنىكلەشكەندەك بىلىنىدۇ. ئىسسىق ھاۋا ياكى ئىسسىق شارائىت، ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەر يۆتەلنى كۇچەيتىۋىتىدۇ. بىمارنىڭ يۇزلىرى قىزارغان بولىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى: كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەبنى يوقىتىش، قان بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن بولغاندا قان تازىلاش،قاننىڭ غالىپلىقى سەۋەبىدىن بولغاندا قاننىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تەييارلىغۇچى : نەپەس كىسەللىك بۆلۈمى

  يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282