busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 17 دىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 5439 قىتىم كۆرۈلدى

سوغۇقتىن بولغان يۆتەل

 تۇنۇش : سوغۇقتىن بولغان يۆتەل-غەيرى تەبىئى بەلغەم ۋە سوغۇقتا قېلىش،سوغۇق تەبىئەتلىك غىزا ۋە دورىلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش كاناي ۋە كاناي شاخچىلىرىغا سوغۇق ئۆتكۇزىۋىلىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كىلىنكىدا سۇزۇلما ھالەتتە يۆتۇلۇش،بەلغەم تۇكۇرۇش،يۇز تېرىسى ئاق رەڭدە ياكى كۆككە مايىل بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى : بۇخىل يۆتەلنىڭ سەۋەبى ئاساسەن ئىسسىقتىن بولغان زۇكامنىڭ سەۋەپلىرىگە ئوخشاش ئامىلاردىن تاشقىرى ئۆزگىرىشى تەسىرىدىن ۋە ئۇزۇقلىنىشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن بەدەن مىجەزى بولۇپمۇ ئۆپكە ۋە ئۆپكىگە مەنسۇپ ئەزالارنىڭ مىجەزى سوغۇق ھالەتكە ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن بولىشى مۇمكىن.

ئالامىتى : كېسەل كىشىدە قىزىتما بولمايدۇ، بېشى ئېغىرلىشىپ قېيىپ ئاغرىيدۇ، قېقىلىپ يۆتىلىدۇ،دىمىغى پۇتۇپ قالىدۇ، بۇرنىدىن كەلگەن نەرسە قويۇق،رەڭگى ئاق ياكى كۆككە مايىل بولىدۇ، سوغۇق تەبىئەتلىك نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلسا سوغۇق تەگسە يۆتەل كۇچىيدۇ، كۆڭلى ئېلىشىدۇ، يۇزىنىڭ رەڭگى ئاق ۋە كۆكۇشكە مايىل،تىل ئاق،لىۋى ئاقارغان ھالەتتە بولۇپ تۇمۇرى ئاستا ۋە ئاجىز سالىدۇ.

داۋالاش پىرىسنسىپى : كېسەللىك سەۋەبىنى يوقىتىش،ياللۇغ قايتۇرۇش،يۆتەل پەسەيتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تەييارلىغۇچى : نەپەس كىسەللىك بۆلۈمى

  يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282