busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 17 دىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 3393 قىتىم كۆرۈلدى

يۇقۇملۇق يۆتەل

تۇنۇش : يۇقۇملۇق يۆتەل-ھەرخىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن ھاۋانىڭ بولغىنىشى ۋە بوزۇلىشى تەسىرىدە ئۆپكىنى زەھەرلەيدىغان ئېغىرلاشقاندا ھاياتقا خەۋىپ يەتكۇزىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت، بۇ خىل يۆتەل چوڭلاردا بالىلاردا خۇسۇسەن ئەمچەك يېشىدىكى بالىلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ، خەتەرلىك ئۆتىدۇ.

سەۋەبى: ھاۋانىڭ بولغىنىشى ۋە بوزىلىشى تەسىرىدىن بولغانغان ھاۋا ئۆپكە ۋە كانايچىلارغا تەسىر قىلىپ ياللۇغ پەيدا قىلغانلىق ھەمدە بەزى يۇقۇملۇق زۇكام قاتارلىقلار تەسىرىدىنمۇ بۇخىل يۆتەل كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى : ھاۋارايىدا ئۆزگىرىش بولۇپ مۇھىت بولغانغاندا كۆپ كۆرىلىدۇ، دەسلەپتە كېسەل كېشىدە يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالامەتلىرىگە ئوخشاش باش ئاغرىش،قىزىرىش،گال ۋە ئۆپكە قىسمى ھەمىشە يۆتۇلۇشكە قىستاش ھەمدە يۆتۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۇلىدۇ. ئېغىر بولغاندا بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ ئېلىپ كېلىدۇ،  بۇخىل يۆتەل كۆپۇنچە يۇقۇملۇق زۇكام تارقالغان مەزگىلدە كۆپ يۇز بېرىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى : يۇقۇملىنىش ۋە ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرۇش ۋە يۆتەل پەسەيتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تەييارلىغۇچى : نەپەس كىسەللىك بۆلۈمى

 يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282