busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 11 دىن 4 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 20088 قىتىم كۆرۈلدى

قۇلاق ئاغرىقىنى داۋالاش(3)

21.كۆكنار يېغىنى چىقىرىپ‹يېغىنى چىقىرىش 2خىل بۇلۇپ،بىرى كۆكنارسۇيىنى كۇنجۇت يېغىغا چىلاپ ئاپتاپتا تۇرغۇزۇش ياكى كۆكنار گۈلىنى سىقىپ،چىقىرىلغان سۇيىنى كۇنجۇت يېغى بىلەن قاينىتىش،يەنە بىرى كۆكنار ئۇرۇقىنى جۇۋۋاز ياكى باشقا ياغ تارتىش ماشىنلىرىغا سېلىپ ياغ چىقىرىش›قۇلاققا تېمىتسا،ھەر خىل قۇلاق كېسەللىكلىرىگە شىپا بۇلىدۇ.

22.پىيازدىن سىقىپ چىقىرىلغان سۇنى قۇلاققا تېمىتسا،قۇلاق ئىچىدىكى جاراھەتلەرگە،قۇلاق غۇڭۇلداشقا ۋە قۇلاق ئېغىرلىقىغا شىپا بۇلىدۇ.

23.قۇلاققا ھاشارات كىرىپ كەتكەندە،ئازراق مايغا كاۋاۋىچىن پاراشۇكى سېلىپ قۇلاققا تېمىتسا،ھاشارات ئۆزلىكىدىن چىقىپ كېتىدۇ.

24. 24 گرام بەدىياننى چالا سۇقۇپ 1 كىلۇگىرام سۇدا قاينىتىپ ئىسىسىق ھالدا قۇلاققا تېمىتسا،قۇلاق ئاغرىقى تۇختايدۇ.

25.بەدىياندىن 6 گرامنى چالا سۇقۇپ،250 گرام سۇدا قاينىتىپ 60 گرام قالغاندا 250 گرام كالا سۇتى،12 گرام كالا يېغى ۋە مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر قۇشۇپ ئىسسىق پېتى ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر نەچچە كۇن ئىستىمال قىلسا، مېڭىنى كۇچلەندۇرۇپ قۇلاق ئېغىرلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

ھەر خىل بۇرۇن كېسەللىكلىرىنى داۋالاش

ئەگەر سول بۇرنىڭىز پۈتۈپ قالسا،ئوڭ تەرىپىڭىزنى بېسىپ يېتىپ،ئوڭ قۇلىڭىز بىلەن ئوڭ ئارقا بۇينىڭىزنى تۇتۇپ،ئالىقىنىڭىزنى قۇلاق يۇمشىقىغا يېقىن قىلىپ،بېشىڭىزنى تىرەپ،يۇزىڭىزنى ئوڭ تەرەپكە قىلىپ،جەينەك بۇغۇمىڭىزنى ئوڭدىن يۇقىرىغا سۇرۇپ‹قانچە يىراققا سۇرسىڭىز شۇنچە ياخشى›،بۇھەرىكەتنى يېرىم مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرسىڭىز بۇرنىڭىز ئېچىلىپ كېتىدۇ.

30گرام يۇمغاقسۇتنى 10 گرام سولۇ‹ئۇندۇرمە ئارپا ۋە بۇغداي›شېكىرى بىلەن يېرىم قاچا گۇرۇچ سۇيىنى تەكشى ئارلاشتۇرۇپ قازانغا سېلىپ دۇملەپ،شېكىرى ئېرىگەندىن كىيىن ئىچسە،شامال تېگىپ زۇكامدىغان بۇرنىدىن سۇ ئېقىش قاتارلىقلارغا شىپا بۇلىدۇ.

بۇغداي كېپىكىدىن مۇۋاپىق ئېلىپ،مەلۇم مىقداردىكى ئاچچىقسۇ بىلەن قاينىتىپ مەلھەم تەييارلاپ،يەرلىك ئورۇنغا چاچسا بۇرۇن ياللۇغىغا شىپا بۇلىدۇ.

سېرىقچېچەك ئۇرۇقى ياكى مايسىنىڭ قاينىتىلغان سۇيىنى ئىستىمال قىلسا،بۇرۇن كېسەلللىكىگە شىپا بۇلىدۇ.

600 مىللىلىتىر سىركىگە ئۆلچەملىك تەييارلانغان پۇلات تالقىنىدىن 100 گرامنى 1 ئاي چىلاپ،سۇزۇپ ئېلىۋېتىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە،بۇرۇن قىچىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

خۇلىنجاننى سۇقۇپ تاسقاپ پۇرسا،ئاۋاز بۇغۇلۇش،ئاۋاز غاراڭ-غۇرۇڭ بۇلۇش،دىماغ پۇتۇش قاتارللقلارغا مەنپەئەت  قىلىدۇ.

سىياداننى قاينىتىپ ھۇرىدا بۇرۇن ئىچىنى ھۇردىسا ياكى ئۆمۇچۈكنى تۇتۇپ ئۇنى چۇغ ئۈستىگە تاشلاپ ئۇنىڭ ئىسى بىلەن بۇرۇن ئىچىنى ئىسلىسا،بۇرۇن ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

ھەمشىباھار ئۇرۇقى،كاسىنە ئۇرۇقى،ئىسپىغۇل،ئىت ئۇزۇمى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ،تىرىپلىرىنى سۇزۇۋېتىپ،سۇيىدەيەرلىك ئورۇنىنى يۇسا،بۇرۇن ئۇچى قىزىرىپ ئىشىشىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

بۇرۇن پۇتۇپ قالغاندا باش پىيازنىڭ 1 پارچە ياپىراقچىسىنى سىقىپ سۇيىنى بۇرنىغا تېمىتسا،دەرھال ئېچىلىدۇ.

ئىسىسىق سۇغا بىر نەچچە تېمىم تۇز سېلىپ بۇرنىنى چايقاپ بەرسە،بۇرۇن پۇتۇپ قېلىشنى ساقايتقىلى بۇلىدۇ.

كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن داكىنى ئىلمان سۇغا چىلاپ،داكا بىلەن قۇلاق قىسىمنى ئوراپ بېرىشنى ھەر كۇنى 2~3 قېتىمدىن 4~5 كۇن داۋاملاشتۇرسا،ئاستا خاراكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغى ساقىيىدۇ.

پىيازنى پاكىز يۇيۇپ،تۇغراپ قىيما قىلىپ،بۇنىڭغا پاختىنى چىلاپ،پاختىنى بۇرۇن تۇشۇكىگە ئالماشتۇرۇپ تىقىپ بەرسە،تېز ۋە ئاستا خاراكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

قۇغۇن شاپىقىنى پاكىز يۇيۇپ قۇرۇتۇپ،سۇقۇپ ئۇۋاق ھالەتكە كەلتۇرۇپ،ھەركۇنى 3قېتىم جاراھەت ئۇرنىغا سۇرتۇپ بېرىلسە،ئاستا خاراكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

ئانار گۇلى،ئانار پۇستى،مۇزا،گۈل يېغى قاتارلىقلاردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ،گۈل يېغىدىن باشقا دۇرىلارنى يۇمشاق سۇقۇپ تاسقاپ،ھەممە دۇرىلارنى تەكشى ئارلاشتۇرۇپ سىركە بىلەن زىماد تەييارلاپ،يەرلىك ئۇرۇنغا چاچسا بۇ ئۇرۇندىكى ھەر خىل جاراھەتلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

رەتلەپ ، تەييارلىغۇچى : سوڭەك- بوغۇم كىسەللىك 1- بۆلۇمى پاراكتىكانىت دوختۇر قاھارجان

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282