بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 11 دىن 2 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 26817 قىتىم كۆرۈلدى
21.سېرىق ھېلىلە پۇستىنى سۇقۇپ تاسقاپ،ئۇپا ھالەتكە كەلتۇرۇپ كۆزگە تارتسا،كۆزنىڭ كۆرۇش كۇچىنى ئاشۇرىدۇ.كۆز ياشاڭغىراش كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلدۇ.
22.سېرىق ھېلىلە پۇستىدىن 30 گرام،رۇسۇتتىن 10 گرام ئېلىپ،ئەرەقى بەدىياندا سۇرۇپ كۆزگە تارتسا،كۆزدىكى قىزىللىقنى تۇگىتىدۇ،كۆز ياشاڭغىراشقا شىپا بۇلىدۇ.
23.پىياز ئېزىپ،سۇيىنى چىقىرىپ،مۇۋاپىق مىقداردا سىركە ئارلاشتۇرۇپ،سۇس ئوتتا 10 مىنۇت ئەتىراپىدا قاينىتپ،كۇندە كۆزگە تېمىتىپ بەرسە،كۆنىڭ كۇرۇش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.
24.ئاچچىق ئانار سۇيىنى كۆزگە سۇرمە قىلىپ تارتسا،كۆزدە ئۆسكەن زىيادە گۇشلەرنى ۋە باشقا يات مادىلارنى تازلايدۇ.
25. 600 مىللىلىتىر سىركىگە ئۆلچەملىك تەييارلنغان پۇلات تالقىنىدىن 100 گرامنى 1 ئاي چىلاپ،سۇزۇپ ئېلىۋېتىپ،يەرلىك ئۇرۇنغا چېپىپ بەرسە،كۆز قىچىششنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
26.تاتلىق بادام مېغىزىنى مۇۋاپىق مىقداردىكى ئەنجۇر بىلەن بىرگە ئستىمال قىلىپ بەرسە،كۆزنىڭ كۆرۇش قۇۋۋتىنى ئاشۇرىدۇ.
27.ياڭاق مۇرابباسىنى ئەتىگەن ۋە كەچتە تاماقتىن بۇرۇن ئىستىمالقىلسا،كۆرۇش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىشقا شىپا بۇلىدۇ.
28.بالىلارنىڭ ياكى چۇڭلارنىڭ كۆزى ئاغرىپ،قىزىرىپ قالسا،سەۋزىنى نىپىز قىرىپ،كۆك لاتىغا ئېلىپ كۆزگە 1كېچە تېڭىپ بەرسە،كۆزنىڭ قىزىللىقىنى يۇقىتىدۇ.
29.پىياز ئەرەقىنى كۆزگە تېمىتسا،ناماز شام قارىغۇسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.قزىل پىيازنىڭ سۇيىنى كۆزگە تېمىتسا،كۆزدىكى تىرناقسىمان گۆش ئۆسۇپ قېلىشغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
30.پىيازنىڭ سۇيىنى چىقىرىپ ھەسەل بىلەن ئارلاشتۇرۇپ كۆزگە چېپىپ بەرسە، كۆزدىكى ئاقنى يۇقىتدۇ،كۆرۇش قۇۋۋتىنى ئاشۇرىدۇ.
رەتلەپ ، تەييارلىغۇچى : سوڭەك- بوغۇم كىسەللىك 1- بۆلۇمى پاراكتىكانىت دوختۇر قاھارجان
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت