busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 11 دىن 0 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 28983 قىتىم كۆرۈلدى

چىراينى ئاسىراش (3)

21.قاپاق ئۇرۇق مېغىزى،قۇغۇن ئۇرۇق مېغىزى،تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزىنىڭ ھەر بىرىدىن 5 گرامدىن ئېلىپ،تازا يانجىپ،50 گرام سىقىلغان پىياز سۇيىدە مەلھەم تەييارلاپ،ھەر كۇنى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۇزنى يۇيۇپ بۇلۇپ،بۇ مەلھەمنى سۇرتۇپ بەرسە،چىرايىغا قۇرۇق چۇشۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كۆرۇنەرلىك ئۇنۇمگە ئېرىشكىلى بۇلىدۇ.

22.تەرخەمەكنى‹خاڭگا›نى ئوتتۇسىدىن ئىككى پارچە قىلىپ،كۇندە 15مىنۇت ئەتىراپىدا يۇزگە سۇرتۇشنى بىر ئاي ئەتىراپىدا داۋاملاشتۇرسا،يۇزددىكى سەپكۇن يۇقىلىدۇ.

23.چىڭسەينى سىقىپ 40گرام سۇينى ئېلىپ،60گرام ئاكۋا بىلەن تەڭشەپ كۇندە بىر ۋاخ 15 كۇن يۇزگە سۇرتۇشنى بىر ئاي ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرسا،يۇزدىكى سەپكۇن يۇقىلىدۇ.

24.ھەشپىچەك ئۇرۇقىنى ئېزىپ،تۇخۇم ئېقى بىلەن خېمىر قىلىپ بىر ئاي ئەتىراپىدا ھەر كۇنى بىر ۋاخ يۇزگە سۇرتسە،يۇزدىكى سەپكۇن يوقىلىدۇ.

25.تۇخۇم ئېقىدا نىشالا چىقىرىپ،يۇز قىسمىغا چاچسا،يۇز تېرىسىنى سېلىقلاشتۇرۇپ پارقىرىتىدۇ.

26.لاچىندانىدىن 10 گرام،ناۋاتتىن 100 گرام ئېلىپ،سۇقۇپ تاسقاپ،سۇپۇپ تەييارلاپ،كۇندە ئۇچ قېتىم ،ھەر قېتىمدا 20گرامدىن ئىستىمال قىلسا،تېرىنى پارقىرتىپ،چىرايىنى جۇلالاشتۇرىدۇ.

27.چىڭگىلىك ئۇتنىڭ سۇتىنى‹ئاق رەڭلىك سۇيىنى›كۇندە بىر قانچە قېتىم يۇزگە چېپىپ بەرسە،داغنى چۇشۇرۇپ چىراينى گۇزەللەشتۇرىدۇ.

28.يەرلىك سەۋزىنى ئۇششاق تۇغراپ،مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتپ،كۇندە بىر قانچە قېتىم سەۋزە قاينىتىلغان سۇ ھۇرىدا يۇزنى ھورلاندۇرسا،داغنى چۇشۇرۇپ،چىرايىنى گۇزەللەشتۇرىدۇ.

29.تۇلۇق پىشقان تاتلىق قۇغۇن مېغىزىنى ئېزىپ،شۇ قۇغۇنىڭ سۇيىگە تەكشى ئارلاشتۇرۇپ يەرلىك ئۇرۇنغا چاپسا،تۇغۇتتىن كېيىنكى داغنى چۇشۇرىدۇ.چىرايدىكى قۇرۇقلارنى يۇقىتىپ،يۇز تېرىسىنى پارقىرتىدۇ ۋە سىلغايتىدۇ.

30.يۇمغاقسۇت ئۇرۇقى بىلەن قىزلگۇل يېغىدا مەلھەم تەييارلاپ،دانىغۇرەك يۇزگە چاپسا،دانىخۇرەكنى چۇشۇرىدۇ.

رەتلەپ ، تەييارلىغۇچى : سوڭەك- بوغۇم كىسەللىك 1- بۆلۇمى پاراكتىكانىت دوختۇر قاھارجان

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282