بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 10 دىن 56 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 29064 قىتىم كۆرۈلدى
چاچ ئاسىراش ئۇسۇللىرى (3)
21.كۆپ يۇپۇرماقلىق قامچىئوتتىن50~100 گرامغىچە،چىراندن 7 دانە،ناېاتتىن 25 گرام،گۇرۇچتىن100 گرام ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك تەييارلاپ،ئالدىبىلەن كۆك يۇپۇرماقلىق قامچوتنى قازانغا تۆكۈپ قاينىتىپ شەربەت چىقىرىپ،شاكاللىرنى ئېلىپ تاشلاپ،چىلان،
گۈرۈچ،ناۋات بىلەن بىرگە شۇۋىگۇرۇچتەك قاينىتىپ ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك تاماقتا ئىچىپ بەرسە،چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
22.قارا كۇنجۇتنى قاسقاندا 9 قېتىم دۇملەپ،9 قېتىم ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ،قىزىل چىرانغا ئارلاشتۇرۇپ كۇمىلاچ قىلىپ دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرسە،چاچنىڭ ئاقىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،چاچنى قارايتىدۇ.
23.كۆپ يۇپۇرماقلىق قامچىئوتتىن 50 گرام،تۇخۇمدىن 2 دانە تەييارلاپ،ئۇلارنى سۇدا بىرگە قاينىتىپ،تۇخۇم پىشقاندىن كىيىن شاكىلىنى ئېلىۋېتىپ،يەنە ئازراق قاينىتىپ،تۇخۇمنى يەپ شۇرپىسىنى ئىچسە،چاچ-ساقىلى بۇرۇن ئاقىرىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
24.كۆپ يۇپۇرماقلىق قامچىئوتتىن 20 گرام،خام ئەگرسۇنايدىن‹ھاراق بىلەن يۇيۇلغىنىدىن›15 گرام تەييارلاپ،ئۇلارنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە،چاچقا بالدۇر ئاق كىرىپ كېتىش،كىچىك تۇرۇپ ئاجىزلاپ كېتىش كېسەللىكلىىرىنى داۋالىغىلى بۇلىدۇ.
25.ھەر كۇنى ئەتىگەندە چاچنى كەينىگە تاراپ،تارغاقنىڭ چىشىنى باشنىڭ تېرىسىگە تەگكۇزۇپ50 قېتىم ئەتىراپىدا تاراپ بەرگەندىن كىيىن،يەنە50 قېتىم تاراپ بەرگەندە،ياشلاردىكى چاچقا ئاق كىرىش ۋە چاچ چۇشۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
26.چاچ چۇشۇپ كەتسە چاچنى چۇشۇرۇۋېتىپ،ھەببىلئاس يېغى، ئامىلە يېغى ۋە باشقا ياغلارنى چاچسا تېز ئۇنۇم بېرىدۇ.
27.چاچ بالدۇر ئاقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھېلىلە،نەلىلە،ئامىلە،نېلۇفەر يىلتىزى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقتداردا ئېلىپ،ئايرىم-ئايرىم سۇقۇپ ئارلاشتۇرۇپ،شىكەر قۇمۇشى سۇيىگە سېلىپ ،تۇمۇر قاچىغا قاچىلاپ 40 كۇن يەرگە كۆمگەندىن كىيىن چاچقا سۇرتسە بۇلىدۇ.
28.تاغ لەيلىسى يۇپۇرمىقىدىن 32 گرام،ماشنىڭ ھۆل پۇستى،ئامىلىنڭ ھەر بىرىدىن 17گرامدىن ئېلىپ،سۇقۇپ سىركىگە ئارلاشتۇرۇپ،ئاپتاپتا 20 كۇن قۇيغاندىن كىيىن چاچقا سۇرتۇلسە،چاچ ئاقىرشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ.
29.تاغ چىغىرىتمىقىنڭ قۇرۇتۇلغان يىلتىزى، قۇرۇتۇلغان تۇرۇپ پۇستى ۋە زەمچىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ سۇقۇپ،جىگدە يىلىمىغا ئارلاشتۇرۇپ باشقا چاپسا،چاچ ئاقىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ.
30.چاچ بالدۇر ئاقىرىشنى ئالدىن داۋالاشتا،تەرخەمەك يىلتىزىنى يۇمشاق سۇقۇپ،باراۋەر مىقداردا كۇنجۇت يېغى ۋە ئومۇمىي دۇرا ۋەزندە سۇ قۇشۇپ قاينىتىپ،سۇ پارغا ئايلىنىپ،ياغ يېرىملاشقاندا ئېلىپ چاچقا سۇرتسە بۇلىدۇ.
رەتلەپ ، تەييارلىغۇچى : سوڭەك- بوغۇم كىسەللىك 1- بۆلۇمى پاراكتىكانىت دوختۇر قاھارجان
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت