busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 1 دىن 33 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 21231 قىتىم كۆرۈلدى

قان تۈكۈرۈشنى داۋالاش

1.پىننىنىڭ شىرنىسىنى چىقىرىپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە،قان تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

2.پىننىنى سىركە بىلەن ئىستىمال قىلسا،قان تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

3.قىزىلبۇداشىنى قاينىتىپ،تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ،سۈيىنى ئىچىپ بەرسە،قان تۈكۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

4.يېڭى سامساقتىن ئىككى باشنى ئاقلاپ ئېزىپ،ئۇنىڭغا گۈڭگۈرت تالقىنىدىن 9 گرام،قوۋزاق دارچىن تالقىنىدىن 3 گرام قۇشۇپ يەكشى سۈركەپ تاپانغا چاپلاپ بەرسە،ئۆپكە ئاجىزلىقى خاراكتىرلىك قان تۈكۈرۈشنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

5.بىنەپشە،زىغىر،شومشا ئۇرۇقى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 6 گرامدىن،ئىسپغۇل،قەنتلەرنىڭ ھەر بىرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ،شەربەت تەييارلاپ كۈندە 2 قېتىم،ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلسا،قان تۈكۈرۈش ۋە قان تۈكۈرۈش خاراكتىرلىك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

6.كۈدە يىلتىزىنى سوقۇپ شىرنىسىىنى ئېلىپ،سوغۇق قايناق سۇ بىلەن ئىچىلسە،قان تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

7. 31 گرام كىرپە تېرىسىنى كۆيدۈرۈپ،تەبىئىتىنى ساقلاپ تالقانلاپ،ھەر قېتىمدا 5 گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچسە،قان قۇسۇش،قان تۈكۈرۈشكە شىپا بولىدۇ.

8.كاۋا ساپىقىدىن 4 تالنى سۇدا قاينىتىپ،ئۇدا 3~4 قېتىم ئېچىپ بەرسە،قان تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

رەتلەپ ، تەييارلىغۇچى : سوڭەك- بوغۇم كىسەللىك 1- بۆلۇمى پاراكتىكانىت دوختۇر قاھارجان

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282