busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 13 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 3216 قىتىم كۆرۈلدى

قۇرۇقلۇقتىن بولغان يۆتەل

 تۇنۇش: قۇرۇقلۇقتىن بولغان يۆتەل-ھەرخىل نەپەس يوللىرىغا ۋە ئۆپكىگە قۇرۇقلۇق يېتىشتىن كېلىپ چىققان كېلىنكىدا يۆتىلىشى كۇچلۇك بولماي بىماردا ھاسىرا دەم سىقىلىش كۆرۇلۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى: نەپەس يولىرى جۇملىدىن ئۆپكىگە قۇرۇقلۇق يېتىشتىن ئىبارەت بولۇپ نەپەس يولىرىدا ھارارەت يۇقۇرىلىق سەۋەب بولىدۇ، شۇنىڭدەك ھەرخىل ئىتفراقلارنى كۆپ قىلىش،قان سۇيۇقلۇقى يۇقۇشلارمۇ بەدەننى جۇملىدىن نەپەسلىنىش يوللىرىنى قورغاقلاشتۇرۇپ قۇرۇقلۇقتىن يۆتەل پەيدا قىلىدۇ.

ئالامىتى : قورساق ئاچ ۋاقىتتا ئۇسسىغاندا، جىسمانى ھەركەت قىلغاندا ئازغىنە يول ماڭغاندا يۆتەل قوزغىلىپ ھاسىراش يۇز بېرىدۇ(چۇنكى بۇ ئىشلار ھۆللۇكنى يوقۇتىشقا سەۋەپچى بولىدۇ)ئادەتتىكى چاغدا يۆتەل كۆپ بولماي ھاسىراش دەم سىقىشلار كۆرىلىدۇ. تۇمۇرى تىز دەم ئارقىمۇ-ئارقا سالىدۇ، قۇرۇقلۇقتىن بولغان يۆتەل داۋالانماي ئۇزۇققا سوزۇلسا كېسەللىك يۇرەككە تەسىر قىلىپ خوراتقۇچى قىزىتما (تەپدىققا)ئايلىنىپ كېتىش ئىھتىمالى بار.

داۋالاش پىرىنسىپى :كېسەللىككە قارىتا ھۆللۇك يەتكۇزگۇچى ياللۇغ قايتۇرۇپ يۆتەل پەسەيتكۇچى دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

 تەييارلىغۇچى : نەپەس كىسەللىك بۆلۈمى

  يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282