busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 13 دىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 2856 قىتىم كۆرۈلدى

كۆك يۆتەل

 تۇنۇش: كۆك يۆتەل-ھەرخىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن كېلىپ چىققان 2-8ياش ئارلىغىدىكى بالىلاردا كۆپ كۆرىلىدىغان بىرخىل يۇقۇملۇق ۋە تارقىلىشچان كېسەللىك بولۇپ بۇ كېسەل بىر قېتىم يۇقۇملانسا 2-قېتىم قايتا يۇقۇملانمايدىغان قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىرىدە كۆپ ئۇچرايدىغا كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى: قۇيۇق بەلغەمنىڭ ھاۋا يولىرىغا ئولتۇرشۇپ قېلىشى ئادەتتىكى يۆتەللەرگە دىققەتسىزلىك بىلەن قاراپ ياخشى داۋالاتماستىن سوزۇلما خاراكتېرگە ۋە تەدرىجى كۆك يۆتەلگە ئايلىنىپ قېلىشى كۆپ يۆتەل بىلەن ئاغرىغانلاردىن يۇقتۇرىۋىلىشى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ.

ئالامىتى : كۆك يۆتەل تۇتۇشتىن بۇرۇن ئادەتتىكى يۆتەل بىلەن باشلىنىپ، بۇ نەزلە دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئەھۋال 1-2ھەپتە داۋاملىشىدۇ، ۋە تەدرىجى كۇچيىپ تۇتقاقلىق كۆك يۆتەلگە ئايلىنىپ يۆتەل تۇتقاندا چىراي قىزىرىپ ياكى كۆكىرىپ كېتىدۇ، كۆزلىرى چىڭقىلىپ قىزىرىپ كېتىدۇ، بۇ كۆپۇيۇش دەۋرى بولۇپ 3-6ھەپتە داۋاملىشىدۇ، بەزى بىماردا مۇشۇ دەۋرىدە ئۆپكە  ئىششىقى ۋە قىزىتما پەيدا بولىدۇ، ئەگەر كۆك يۆتەل مۇرەككەپلەشمە كېسەل تۇتقان ۋاقىتتا بىمارنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولىدۇ. يۆتەل تۇتقاندا بىمار جىددىيلىشىدۇ، كالپۇكى كۆكىرىپ ياكى قارىداپ كېتىدۇ، تىللىرى تېشىغا چىقىپ قالىدۇ، سىرىتقى ھاۋانى كۇچەپ ئىچىگە تارتقاندا تۇخۇ چىللىغاندەك ئاۋاز چىقىدۇ ھەمدە قۇسۇپ تاشلايدۇ، قوسىقىدا ئاق شىلىمشىق بەلغەم سۇيۇقلۇقى چىقىپ يۆتىلى قويۇپ بېرىدۇ، ئېغرلىرىدا ئالدى ئارقا تەرەتلىرى ئىختىيارسىز كېتىپ قالىدۇ، ھەتتا بۇرۇن ياكى قولاقتىن قان كېتىدۇ، بىر سوتكا تەخمىنەن 2-3قېتىم تۇتىدۇ. ئېغىرلىرىدا بىر سائەتتە 3-4قېتىم تۇتىدۇ. كۇندىزىگە قارىغاندا كچىسى كۆپ تۇتىدۇ.باشقىلارنىڭ يۆتەلگىننى ئاڭلاش بىلەنلا يۆتەل تۇتۇپ كېتىدىغانلارمۇ بار . ئاغرىپ 8-9ھەپتىدىن كېيىن يۆتلى تەدرىجى يەڭگىللەپ 10-12ھەپتىدە ساقىيىپ كېتىدۇ، بۇ ساقىيىش دەۋرى بولۇپ 2-3ھەپتە داۋاملىشىدۇ.

 داۋالاش پىرىنسىپى: ياللۇغ قايرۇرۇپ بەلغەم بوشىتىش،يۆتەل پەسەيتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

 تەييارلىغۇچى : نەپەس كىسەللىك بۆلۈمى

  يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282