busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 13 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 3609 قىتىم كۆرۈلدى

ئىسسىقتىن بولغان زۇكام (زۇكام ھار)

 تۇنۇش: ئىسسىقتىن بولغان زۇكام-زىيادە ئىسسىقلىق تەسىرىدە خىلىتلار تەڭپۇڭلىقىدا ئۆزگىرىش يۇز بېرىپ كېلىنكىدا قىزىش،توڭلاپ تىتىرەش،بۇرۇن تۇشۇكلىرى قىچىشش ۋە ئېچىشش،بۇرۇندىن سۇ ئېقىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى: ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا-دەرمەك ۋە يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ زىيادە تەسىرى ئىسسىق مۇھىتلاردا يۇرۇش ۋە ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش قاتارلىقلار تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: ئىسسىقتىن بولغان زۇكامدا گال، يۇتقۇنچاق قۇرۇق كۆپۇشكەندەك ئاغرىيدۇ، چۇشكۇرىدۇ، دىماغ پۇتۇپ بۇرۇندىن سۇ ئاقىدۇ.(دەسلەپتە سۇزۇك ئاخىرىدا قۇيۇق سىرلىق سۇ)بۇرۇن چاناقلىرى قىزىرىدۇ. ئاۋازى پۇتۇدۇ، بۇلارغا قوشۇلۇپ بىماردا ئۇسسۇزلۇق پەيدا قىلىدۇ. جۇغ-جۇغ بولۇپ يەڭگىل دەرىجىدە قىزىتما بولىدۇ.( تىمپىراتۇرىسى 38 تىن ئاشمايدۇ)قۇرۇق يۆتىلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى : كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەپكە قارىتا تەڭشەش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

 تەييارلىغۇچى : نەپەس كىسەللىك بۆلۈمى

  يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282