busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 1 دىن 13 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 6147 قىتىم كۆرۈلدى

تۇتقاقلىق (سەرئى)

تونۇش :

تۇتقاقلىق كىلاسسىك ئەسەرلەردە « سەرئى » دەپ ئاتىلىدىغان كېسەللىك . ئۇ ھەر خىل سەۋەبلەر تەسىرىدىن مىڭە ۋە نېرۋا خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ تۇيۇقسىز ئەس-ھۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ بەدەن تارتىشىش ، ئېغىزدىن كۆپۇك ئېقىش ، چىشلار كىرشىپ قېلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىك بولۇپ بالىلار ، ياشلار ۋە ھامىلدار ئاياللاردا  كۆپ ئۇچرايدۇ .

سەۋەبى :

1.      سەپرا خىلىتىنىڭ غالىپلىقىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

2.     قاننىڭ قويۇلۇپ قېلىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

3.     گەجسىمان بەلغەم تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

4.     سەۋدا خىلىتىنىڭ غالىپلىقىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

5.     ئىرسىيەتلىك تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

6.     پاسسىپ روھى كەيپىياتلار تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

7.     تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ قالايمىغان بولىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

8.  مىڭىدىكى باشقا كېسەللىكلەر ، يەنى  مىُڭە ئۆسمىسى ، مىڭە سۇلۇق ئىششىقى ، مىڭە پارازىت قۇرتى مىڭە زەخمىلىنىش ، مىڭە پەردە ياللۇغى قاتارلىقلارغا ئوخشاش كېسەللىكلەر تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

9 . باشقا سەۋەبلەر .

قوزغاتقۇچى ئامىللار :

روھى جىددىلىك ، قورقۇش ، غەزەپلىنىش ، چارچاش ، زىيادە خۇشال بولۇش ، كۆپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش ، ھېيىز قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلارغا ئوخشاشلار بۇ كېسەللىكنىڭ ئاساسلىق قوزغاتقۇچى ئامىلىرىدۇر .

ئالامىتى :

كېسەللىك قوزغالغاندا ئەس- ھۇشى توسقۇنلىققا ئۇچرايدۇ ، پۈتۈن بەدەن تارتىشىدۇ . بۇ كېسەللىكنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانى بىشارەت دەۋرى ، تارتىشىش دەۋرى ۋە تارتىشىشنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچ بويىچە بولىدۇ : ئۇندىن باشقا خىلىت ئىتىۋارى بىلەن پەيدا قىلغان خىلىتقا خاس بولغان ئالامەتلەر قوشۇمچە ئىپادىلىنىدۇ .

تۇتقاقلىقنىڭ تىپلىرى :

1.      چوڭ قوزغۇلۇش ( ئومۇمى بەدەنلىك تارتىشىش ) .

2.     كىچىك قوزغۇلۇش .

3.     روھى ھالەت خىراكتىرلىك قوزغۇلۇش .

4.     چەكلىك دائىرلىك قوزغۇلۇش .

5.     ئىزچىل قوزغۇلۇش .

دىئاگنوز ئاساسى :

1.      تېپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ .

2.  مىڭە ئېلىكتىر رەسىمىدە تەكشۈرۈش ، رېنتىگىنلىق تەكشۈرۈش قاتارلىقلارغا ئوخشاش قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويىلىدۇ .

سېلىشتۇرما دىئاگنوزى :

1.             كىچىك قوزغۇلىش بىلەن ھۇشىدىن كىتىش پەرقلەندۈرلىدۇ .

2.            چوڭ قوزغىلىش بىلەن ھېستىريە پەرقلەندۈرلىدۇ

3.             بىرلەمچى تۇتقاقلىق بىلەن ئىككىلەمچى تۇتقاقلىق پەرقلەندۇۈرلىدۇ .

ئاقىۋىتى :

ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا جىددى تەدبىر قوللانمىغاندا تۇيىقسىز كىسەل تۇتۇپ، چىشلىرى كىرىشىپ تارتىشىش سەۋەبىدىن تىل، كالپۇكلىرىنى چىشلەپ زەخمىلەندۈرۈش ،يىقىلىش سەۋەبىدىن مېڭە زەخمىلىنىش ، مىڭىگە قان چۈشۈش ،سۇسىزلىنىش،نەپەس زەئىپلىشىش ،  قان ئايلىنىش زەئېپلىشىش ۋە ئۈلۈپ كىتىشتەك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى :

1. خىلىت تەسىرىدىن كىلىپ چىققان بولسا ، ئالدى بىلەن مۇنزىچ ، مۇسھىل بىرىلىپ تازىلاش ئېلىپ بېرىلىپ ئاندىن كېسەللىكنىڭ ئۆزىگە قارىتا توسالغۇلارنى ئېچىش ، مىڭىنى تازىلاش ، مىڭە ، نېرۋا ۋە ئومۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەخسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ

2.باشقا كېسەللىك سەۋەبىدىن بولغان بولسا ئالدى بىلەن شۇ خىل كېسەللىكنى داۋالاپ سەۋەبىنى يوقۇتۇپ ، ئاندىن كېسەللىكنىڭ ئۆزىگە قارىتا توسالغۇلارنى ئېچىش ، مىڭىنى تازىلاش ، مىڭە ، نېرۋا ۋە ئومۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەخسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ

داۋالاش ئۇسۇلى :

1. سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىشىدىن بولغان بولسا ئالدى بىلەن خاس سەپرانىڭ مۇنزىچ ، مۇسھىلىنى بىرىپ ماددا تازىلىنىپ بولغاندىن كىيىن مىڭىنى قۇۋۋەتلەش ، توسالغۇلارنى ئېچىش تەسىرىگە ئىگە دورىلار ئىشلىتىلىدۇ .

2. قان خىلىتىنىڭ قويۇلۇپ قېلىشىدىن بولغان بولسا ، قاننى سۇيۇلدۇرۇش مەخسىتىدە چىلان شەربىتى ، زىرىق شەربىتى ، سەندەل شەربىتى ، ئەينالۇ شەربىتى ، تەمرىھىندى شەربىتى ، لىمۇن شەربىتى قاتارلىقلارغا ئوخشاش دورىلار بىمارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىش بىلەن بىرگە ، سافىن تومۇردىن قان ئېلىنىدۇ ۋە پاقالچەككە لوڭقا قويىلىدۇ .

3. گەجسىمان بەلغەم تەسىرىدىن بولغان بولسا ئالدى بىلەن خاس گەجسىمان بەلغەمنىڭ مۇنزىچ ، مۇسھىلىنى بىرىپ ماددا تازىلىنىپ بولغاندىن كىيىن مىڭىنى قۇۋۋەتلەش ، توسالغۇلارنى ئېچىش تەسىرىگە ئىگە دورىلار ئىشلىتىلىدۇ .

4. سەۋدانىڭ تەسىرىدىن بولغان بولسا ئالدى بىلەن خاس سەۋدانىڭ مۇنزىچ ، مۇسھىلىنى بىرىپ ماددا تازىلىنىپ بولغاندىن كىيىن مىڭىنى قۇۋۋەتلەش ، توسالغۇلارنى ئېچىش تەسىرىگە ئىگە دورىلار ئىشلىتىلىدۇ .

5. مىڭىدىكى توسالغۇلارنى ئېچىش ، مىڭىنى تازىلاش مەخسىتىدە مەتبۇخى ئەفتىمۇن ، ھەببى غارىقۇن ، ھەببى ئايارەچ ، ھەببى قوقىيا ، ھەببى ئىستەمىىقۇن قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ ئىشلىتىلىدۇ .

تەييارلىغۇچى : نىرۋا،سۇيدۇك ، ئىچكى ئاجراتما كىسەللىك بولۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282