busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 0 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 42756 قىتىم كۆرۈلدى

ئۇرۇقدان ياللۇغى

تۇنۇش : ئۇرۇقداننىڭ ھەرخىل سەۋەپلەردىن كىلىپ چىققان ياللۇغلىنىشنى «ئىلتىھابى خۇسسىيە»« ۋەرەمى خۇسىسىيە» ياكى ئۇرۇقدان ياللۇغى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاغرىشى بولسا ئۇرۇقدان ئاغرىش ياكى «ۋە جىئىولئونىسەيىن» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۇرۇقداننىڭ جاراسمىلاربىلەن يۇقۇملىنىشىدىن يۈز بەرگەن ياللۇغلىنىش كۆپۈنچە جىددى باشلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئادەتتە ئۇرۇقداننىڭ ئىسسىقتىن بولغان ياللۇغى ياكى ئۇرۇقداننىڭ ئۆتكۈر ياللۇغى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇرۇقداننىڭ باشقا سەۋەپلەردىن سادىر بولغان ياكى سوزۇلما ھالەتكە كۆچكەن ياللۇغلىنىشلىرى ئۇرۇقداننىڭ سۇغۇق ياللۇغى ياكى ئۇرۇقداننىڭ سۇزۇلى ياللۇغى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۇرۇقداننىڭ ئۆتكۈر ياللۇغى (ئىلتىھابى خۇسىسيە شەدىيد) .

تۇنۇش : ئۇرۇقداننىڭ ئۆتكۈر ياللۇغى كۆپۈنچە سۆزنەك ، سىبىلىس، ۋە كىچىك بالىلارنىڭ قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغلانغاندا ئۇرۇقداننىڭ ئۆتكۈر ئىششى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولىدۇ. بۇلاردىن تاشقىرى ،ئۆتكۈر بۇغۇم ياللۇغى ، ئۇششاق بۇغۇملارنىڭ ئۆتكۈر ياللۇغى ، سۈيدۈكلۈك ئۆتكۈر ياللۇغى ئۇرۇقدانغا جاراسمىلار ئورۇنلىشىپ جىددى ياللۇغلىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. بەزىدە بىر تەرەپتىكى ، بەزىدە ئىككى تەرەپتىكى ئۇرۇقدان ياللۇغلىنىپ ئىششىيدۇ. بۇ ئۇرۇقداننىڭ ئۆتكۇر ياللۇغى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئالامىتى: ئۇرۇقدان ئىششىپ، قىزىرىپ قالىدۇ. تۇتقىلى قويمايدۇ. قاتتىق ئاغرىيدۇ. ئىسسىق بىلىنىدۇ. خۇسۇسەن ياللۇغلىنىش خاس ئۇرۇقداننىڭ ئۆزىدەبولسا ياللۇغلىنىش قاتتىق بولىدۇ. بىمارنىڭ ئۇمۇمى بەدىندىمۇ مۇناسىپ ھالدا قىزىرىپ ۋە باشقا ئۇمۇمى بەدەن رىئاكسىيەلىرى قوشۇلۇپ كىلىدۇ.

داۋالاش: ئالدى بىلەن ياللۇغلىنىشنى، قىزىتمىنى ۋە ئۇرۇقداندىكى ئششىقنى قايتۇرۇش  ئۈچۈن   چارە قىلىش  لازىم. كۆك يۇمغاقسۈتنى سۇقۇپ ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ چېپىش .

سۆگەت گۈل گۈلىنى ۋاسالغۇ بىلەن بىللە يېرىم سۇقۇپ زىمات قىلىش لازىم .

ئۇرۇقداننىڭ  سۇزۇلما   ياللۇغى    (ئىلتھابى خۇسسىيە بارد )

 تونۇش : بۇ ئۇرۇقداننىڭ سۇزۇلما ياللۇغى بۇلۇپ ئۇنىڭ ئۆتكۈر ياللۇغى ئۆزۋاختىدا مۇۋاپىق داۋالاشقا ئىرىشەلمەي سۇزۇلما ھالەتكە ئۈتۈشىدىن ياكى ئۇرۇقدانغا زەربە تىگىش .سۇزۇلما سۆزنەك .مۇپاسىل .نۇقرەس .ۋە باشقىلار تەسىر قىلىشتىن كىلىپ چىقىدۇ .

ئالامىتى : ئۆتكۈر ياللۇغلىنىشتىكىدەك  قىزىتما .ئۇرۇقدان قىزىرىپ ئىششىش .قاتتىق ئاغرىش بولماي ئۇرۇقدان تىرىسى ئاق .ئاغرىش بوشراق بۇلىدۇ .لىكىن ئەرلىك ئۇرۇقنىڭ ھاسىل بۇلىشى ۋە نەسىللىنىشكە تەسىر كۈرسىتىدۇ .

داۋالاش : بەلغەم خىلىتىنى ھەيدىگۈچى دورىلارنى بىرىپ بىر قانچە قېتىم قەي قىلدۇرۇش يەرلىك ئۇرۇنغا يۇمشاتقۇچى .ئىششىق قايتۇرغۇچى دورىلارنى سۈركەش لازىم .

مەسىلەن :ئۆشنىنى ئىچكۈزۈش  ۋە ئۇرۇقدانغا زىمات قىلىش .ئۇرۇقددننىڭ سۇغۇقتىن بولغان ياللۇغىغا شىپا بۇلىدۇ .بابۇنىنى  .ئىنەك پىتى مېغىزىىنى .باقىلا ئۇرۇغى .نۇقۇت، زىرە، ۋە باشقىلارنى گۈل يېغى ، مومغا ئارىلاشتۇرۇپ زىمات قىلىش كىرەك .

 تەييارلىغۇچى : نىرۋا،سۇيدۇك ، ئىچكى ئاجراتما كىسەللىك بولۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282