busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 0 دىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 30204 قىتىم كۆرۈلدى

ئەرلەردىكى تۇغماسلىق

ئەرلەردىكى تۇغماسلىقنىڭ سەۋەبى ناھايتى كۆپ بولۇپ ئەرلەر كۆپىيش ئەزالىرىنىڭ ئاناتومىيسى ۋە فىزولوگىيەسى جخنسى ھورمۇنلار نىڭ سەۋىيسى ۋە نېرۋا سىستىمىسى قاتارلىق ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك.

 خاراكتىرىنىڭ ئوخسشىماسلىقىغا ئاساسەن 3تۇرگە بۆلىنىدۇ.

1.   ئۇرۇقنىڭ شەكىللىنىشى ۋە پىشىپ يىتىلىشى توسقۇنللۇققا ئۇچراش (ئۇرۇقنىڭ سانى ،ھايات قىلىش نىسبىتى، ھاياتى كۇچى،شەكلى قاتارلىقلاردىكى نۇرمالسىزلىق) بۇ ئۇرۇقداننىڭ يىتىلىشى  ۋەھىپوپىز تەنچىسى ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

2.  ئۇرۇقنىڭ چىقىرىش يوللىرى تۇسۇلۇش تۇغما ياكى يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى توسۇلۇپ قىلىش (ئۇرۇقدان يالۇغى ،سىلى ،ئۆسمە)

3.  ئۇرۇقنىڭ ئورۇنلىششى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ( مەنىى چىقىرالماسلىق، سىرىتقى جخنسى ئەزا غەيرىلىكى،جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ۋە بىرقىسىم روھى ئامىللار كەلتۇرۇپ چىقارغان جىنسى ئاجىزلىق )

4.      قوشۇمچە جىنسى بەزلەرنىڭ ئىقتىدارى نۇرمالسىزلىق مەزى بىزى ياللۇغى .

ئەرلەر جىنسى ئەزا كىسەللىكى

1.      زەكەرنىڭ نۇرمالسىز قايىم بولىشى

2.  جىنسى ئەزا،جىنسى بەز،ۋە قوشۇمچە جخنسى بەزلەرنىڭ ياللۇغى (مەزى بىزى ياللۇغى، ئۇرۇق خالتا ياللۇغى، قوشۇمچە ئۇرۇقدان ۋە ئۇرۇقدان ياللۇغى، ئۆسمە

3.     ئەرلىك جىنسى ئەزالارنىڭ تۇغما ۋە تۇغۇلغاندىن كىينكى ھەرخىل زەخمىلنىشلىرى...

 ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىلمىنىڭ يۇقارقى كىسەللىكلەرنى  تونۇش ۋە داۋالاشتىكى ئالاھىدىلكى ۋە ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە بولۇپ،  نەچچە ئەسىرداۋاملىشىپ كەلگەن بۇنىڭغا ئائىت نۇرغۇن قەدىمى مىراسلار تا بۇگۇنگە قەدەر ئۆز قىممىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

ئەرلىك كۆپىيش ئەزالىرىنىڭ ئاناتومىيەلىك تۇزىلىشى :

ئەرلەر كۆپىيش سىستىما ئەزالىرى ئىچكى كۆپىيش ئەزالىرى ۋە سىرىتقى كۆپىيش ئەزالىرى(تاش خالتىسى ۋە زەكەر ) دەپ 2تۇرگە بولىنىدۇ.

ئىچكى كۆپىيش ئەزالىرى –ئۇرۇقدان، ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى ۋە قوشۇمچە جىنسى بەز( ئۇرۇق خالتا بىزى، مەزى بىزى، سۇيدۇك يولى شارچە بىزى) قاتارلىقلاردىن تۇزۇلگەن.ئۇرۇقدان ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىدىغان ۋە ئەرلىك ھورمۇن ئاجىرتىپ چىقىرىدىغان ئەزا. ئۇرۇقدان ئىشلەپ چىقارغان ئۇرۇق ئالدى بىلەن قوشۇمچە ئۇرۇق بىزىدە ساقلىنىپ مەنى ئىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى ۋە سۇيدۇك يولىدىن سىرىتقا چىقىرلىدۇ.ئۇرۇقدانغا ناھايتى كۆپ نېرۋىلار تارقالغان ،ئۇندىن باشقا مەركىزى نېرۋا سىستىمىسى تۆۋەنكى دوڭچە مىڭە قويۇپ بەرگەن مىڭە ھىپوپىز تەنچىسى ئاجىرتىپ چىقارغان جىنسى ھورمۇننىڭ ئاجىرلىشىنى ئىلگىر سۇرگۇچى ھورمۇننىڭ كونتىروللىقىنى قوبۇل قىلىدۇ.    ئۇرۇق خالتا بىزى ،مەزى بىزى ۋە سۇيدۇك يولى شارچە بىزى ئاجىرتىپ چىقارغان سۇيۇقلۇقلار مەنى سۇيۇقلىقىنى شەكىللەندۇرۇشكە قاتنىشپ ئۇرۇقنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ ئۇنىڭ ھاياتى كۇچىنى ئاشۇرىدۇ. . مەزى بىزى بولسا بەزتوقۇلمىسى ۋە مۇسكۇل توقۇلمىسىدىن تۇزۇلگەن مەنئى سۇيۇقلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبى بولغان مەزى بىزى سۇيۇقلىقى ئاجىرتىپ چىقىرىدىغان ئەزا بولۇپ، دوۋسۇن ئاستغا جايلاشقان .سۇيدۇك يولىنى ئوراپ تۇرىدۇ. نۇرمال ئەھۋالدا بىرقىتىمدا ئىتىپ چىقارغان مەنئى  سۇيۇقلىقى 2.5م ل بولۇپ ھەر 1م ل مەنئى تەركىۋىدە 10مىلىيوندىن 200مىلىيون غىچە ئۇرۇق بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئاياللارنىڭ تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ چۆگۇن قوساق قىسمىغا يىتىپ بارالايدىغىنى 200دىن ئىشىپ كىتەلمەيدۇ. ئۇرۇقنىڭ سانى 5مىلىيوندىن تۆۋەنلەپ كەتسە ئاسانلىقچە ھامىلدار بولمايدۇ.2مىلىيوندىن تۆۋەنلەپ كەتسە ئەرلىك تۇغماسلىق كىسىلى ئىپادىلىنىدۇ.

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282