busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 0 دىن 37 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 14847 قىتىم كۆرۈلدى

ئەرلەر كىسەللىكلىرى

جىنىسيەت كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش، روھى ھالەت ،ساغلاملىق ،ئەۋلات قالدۇرۇش مەسىللىرىگە چىتىشلىق  بولغان كىشىلەرنىڭ ھاياتى پائالىيتىگە مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدە سىستىما . نۇرغۇن  تارىخى ۋە ئىجتىمائى سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن ئەرلەردىكى جنسىيەت مەسىللىرى كىشىلەر ئىغىزغا ئىلىشتىن خىجىل بولىدىغان "چەكلەنگەن تىما "دەپ قارىلىپ خىلى يىقىنقى بىرزامانغىچە كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىكى جىسمانى كىسەللىكلىرگىلا ئەھمىيەت بىرىدىغان جىنسى ئاجىزلىق مەسىللىرىگە سەل قارايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت ئىدى. يىقىنقى يىللاردىن بىرى كىشىلەرنىڭ  ساپاسىنىڭ يۇقرى كۆتۇرلىشىگە ئەگىشىپ جنسىيەت ئىلمىنى مەخسۇس مۇنتىزىم تەتقىق قىلىدىغان، جنسىيەت دىن مەسلىھەت بىرىدىغان ۋە داۋالايدىغان ئاپراتلار ئارقا ئارقىدىن كۆپلەپ قۇرۇلدى.نۆۋەتتە ئەرلەر دۇچ كىلىۋاتقان تۇرلۇك ئىجتىمائى بىسىمنىڭ تەسىرىدە ئەرلەردىكى جىنسىيەت مەسىللىرى بارغانسىرى كۆپىيپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سۇپتى، جىسمانى  ۋە روھى ساغلاملىقىغا، خىزمەت،ئۇگۇنىش ۋە تۇرمۇش پائالىيەتلىرىگە  ناھايتى چوڭ تەسىر كۆرسەتمەكتە . ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە ئەرلەرنىڭ دوختۇرغا كۆرىنىش نىسبىتى ئاياللارغا قارىغاندا 1.5ھەسسە تۆۋەن بولۇپ، ھەرخىل ئىغىر كىسەللىكلەر تۇپەيلىدىن ئۆلۇپ كىتىش نىسبىتى ئاياللارغا قارىغاندا يۇقرى ئىكەن. ھەم ئۇلارنىڭ ئوتتۇرچە ئۆمرى ئاياللارغا قارىغاندا 6-8يىل تۆۋەن ئىكەن. جىنسىيەت ئىلمى جەھەتتىن سىلىشتۇرغاندىمۇ ئەرلەر كىسەللىكلىرى ئىلمىنىڭ پەيدا بولىشى ئاياللار كىسەللىكلىرى ئىلمىگە سىلىشتۇرغاندا 100يىل كىين كىچىكىپ پەيدا بولغان .

ئەرلەر كىسەللىكلەر ئىلمى دىگەن ئاتالغۇ 1951-يىلى پەيدا بولۇپ ناھايتى تېز سۇرەتتە ياۋرىپا ۋە ئامرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە تېز كىڭىيپ مەخسۇس تەتقىقات ئورۇنلىرى ،ئىلمى جەمىيەت قاتارلىقلار ئارقا ئارقىدىن قۇرۇلدى. بولۇپمۇ  يىقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە خەلىق ئەرلەرنىڭ كۆپىيش ساغلاملىق مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۇل بۆلمەكتە .

 دۆلىتىمىزمۇ ئەرلەر كۆپىيش ساغلاملىق مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۇل بۆلۇپ دۆلىتىمىزدە ھەريىلى 10ئاينىڭ 28كۇنىنى ئەرلەر ساغلاملىق كۇنى دەپ بىكىتتى. ئەرلەر كىسەللىكلىرىنىڭ ئۆز ئىچىگە ئىلىش دائىرسى ناھايتى كەڭ بولۇپ،ئاساسلىقى ئەرلەرجىنسىيەت پىزولوگىيەسى ۋە پاتولوگىيەسىگە ئائىت مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىگە چىتىلىدۇ.

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282