busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 23 دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 13077 قىتىم كۆرۈلدى

ئىھتىلام بۇلۇش

تۇنۇش:

ئۇخلاۋېتىپ چۈشىدە جىما قىلىپ چۈشەپ غەيرى ئىختىيارى مەنى چىقىرىش. « ئىھتىلام بۇلۇش » ياكى « شەيتان ئاتلاش » دەپ ئاتىلىدۇ.

سەۋەبى:

 مەنىنىڭ كۆپلىكى ، مەنىنىڭ تىزلىكى، مەنىنىڭ فالىتنىڭ ئاجىزلىشىشى، بۆرەك ئاجىزلاپ كىتىش، جىنسى ئالاقە لەۋۋالىق، جەلەق بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىش، قەۋزىيەتلىك، سۈيدۈك يوللىرى قىچىشىش، بۇۋاسىر، ئۈچەيلەرگە يەل تۇلىۋېلىش، ھەزىم بۇزۇلۇش، ھاراقنى كۆپ ئىچىش، شەھۋانى خىياللارنى كۆپ قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كىلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى:

 ھەر ئىككى ئۈچ كىچىدە بىر قېتىم، بەزى چاغلاردا ھەر كىچىدە بىر قېتىمم، كىسەل ئېغىر بولغاندا بىر كىچىدە ئىككى ئۈچ قېتىم، بەزى چاغلاردا كۈندۈزدە ئۇخلىغاندىمۇ ئىھتىلام بۇلىدۇ.

كېسەل كىشى سىيگەندە سۈيدۈك ئېچىشىش بىلەن كىلىدۇ. سۇسلۇق ۋە ئاجىزلىق بارغانسىرى كۈچىيىپ كىتىدۇ. ئىھتىلام بولغان ۋاقىتتا كېسەلگە قانداقلا ۋاقت بولسىمۇ ئۇيقۇ كىلىدۇ. ئۇيقۇسىدىن ئۇيغانغاندا ئىلگىرى ئۇخلىغانلىقى ياكى ئىھتىلام بولغانلىقى ئىسىدە تۇرمايدۇ. بەزىدە ئۇرۇقدان ئاغرىشتىن شىكايەت بىرىدۇ. تەبىئىتىدە ناھايتى سۇسلۇق بۇلىدۇ. بىلى ئاغرىيدۇ. بۇلۇپمۇ ئىھتىلام بۇلۇش كۆپ بۇلۇپ كەتسە كېسەل كىشى ناھايتى ھۇرۇنلىشىپ ۋە ئاجىزلىشىپ قالىدۇ. خىياللىرى چېچىلغان ۋە ناھايتى خاپا بۇلىدۇ. ئارقا- ئارقىدىن يۇقارقىدەك ئالامەت بۇلۇپ تۇرىدۇ. ئۇندىن باشقا ئەھۋاللار مەنى تۇتالماسلىق بابىدا بايان قىلىنىدۇ.

بەزى تىنى ساغلام كىشىلەر ئايدا بىرەر قېتىم ياكى ئىككى ئۈچ قېتىم ئىھتىلام بۇلۇش ئادەتتىكى ئىش. ئۇنى كېسەل دەپ گۇمان قىلمىسىمۇ بۇلىدۇ. ئۇنىڭغا ئىلاج قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.

داۋالاش:

ھەممىدىن ئىلگىرى خىيالنى پاكىز تۇتۇشنى بىرىنچى ئۇرنغا قۇيۇش ۋە ئۆزىنىڭ تەبىئىتىنى ياخشى باشقۇرۇش زۆرۈر. شۇنىڭدەك شەھۋانى خىياللارنى كۆڭلىگە كەلتۈرمەسلىكى كېرەك. شۇ چاغدىلا ئۇخلىغاندا تۇتۇش قۇۋۋىتى كۈچلۈك ۋە مەزمۇت بۇلىدۇ. بۇلۇپمۇ چالا ئۇيقۇلۇقتا، ھەرخىل شەھۋانى خىياللارنى ئويلاپ جىنسى ئالاقە ھەۋىسى باشلانغاندا ئىرادە كۈچلۈكلۈك سەۋەبىدىن ئىھتىلام تۇسۇلۇپ قالىدۇ. يىمەك- ئىچمەك ۋە ھەزىم خىزمىتىنى توغرا تەرتىپكە سېلىش كېرەك. قەۋزىيەت قىلىدىغان يىمەك- ئىچمەكلىكلەرنى يىمەسلىك كېرەك. ئەگەر ئۈچەيدە مەددە قۇرت بولسا چۈشۈرىۋېتىش لازىم. ئىسسىق ئۆي، يۇمشاق ۋە ئىسسىق كۆرپىلەردە ئۇڭاي ئىھتىلام بۇلغان بولسا، ئۇنداق بىمارلارغا ھاۋاسى ياخشىراق ئۆيدە ياتقۇزۇش. ياتاق كۆرپىلەرنى بەك ئىسسىق قىلىۋەتمەسلىك كېرەك. داۋاملىق ئوڭدا يېتىش ھالىتىنى ئۆزگەرتىش، ئەگەر مۈمكىن بولسا بىر پارچە قوغۇشۇننى نىپىز تاخا ھالىتىگە كەلتۈرۈپ بەلگە تېڭىۋېلىش جەريانى مەنى كېسەللىگە ۋە كۆپ ئىھتلام بۇلۇشقىمۇ پايدىلىق.

ھەركۈنى كەچتە ئۇخلاش ئالدىدا پاختىلىق ماتانى ئىلمان سۇغا چىلاپ پۈتۈن بەدەننى سۈرتۈشنى ئادەت قىلىش، ئەسەبلەرنى چىڭىتىپ كۆپ ئىھتىلام بۇلۇشنى داۋالايدۇ.

يەككە دورىلاردىن:

مەۋسەل سەفدنى قائىدە بۇيىچە ئۇزۇنغىچە يۈگۈزۈش.

خورما ئۇرۇقىنى سۇقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تەك مىقداردا ئاق شىكەر قۇشۇپ يۈگۈزۈش ئىھتىلام ھەم مەنى تۇتالماسلىق ئۈچۈن پايدىلىق.

 تەييارلىغۇچى : نىرۋا،سۇيدۇك ، ئىچكى ئاجراتما كىسەللىك بولۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282