بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 13 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 7138 قىتىم كۆرۈلدى
سۈيدۈكتە قان ئۇيۇش
سۈيدۈكتە قان ئۇيۇش بولسا: قان سىيىش كېسەللىكىرىن كىيىن ياكى مەسانىغە تاياق تەككەن ۋە يىقىلغاندىن كېيىن يۈز بىرىدىغان بىرخىل كېسەللىك ئالامىتىدىن ئىبارەت.
ئاساسلىق ئىپادىللىرىدىن: ھۇشدىىن كېتىش، ئىچى تىتىلداپ بىئارام بولۇش، تۇمۇرى ئىنچىكە، تىزچۆكمە ھالەتتە سۇقۇش، قۇل-پۇتلىرى سۇغۇق، بەدەن تىترەش قاتارلىقلار بۇخىل كېسەللىكنىڭ تىپىك ئىپادىسىدۇر.
داۋالاشتا: سۈيدۈكتىكى قاننى ئىرىتىش مەقسىتىدە چارە قىلىنىدۇ. ناۋادا سۈيدۈكلۈكتىكى قان ئىرىمىسە سۈيدۈك ھەيدىگۈچى ئۇششاق تاشلارنى ئەزگۈچى دورىلارنى ئىستىمال قىلدۇرۇش لازىم. پەقەت ئامال بولمىغاندا ئوپراتسىيە قىلىش ئارقىلىق قان نوكچىسىنى ئېلىۋېتىش لازىم.
غىزاسىغا: قارا نۇقۇت، قەۋزاق دارچىن قاتارلىقلارنى سېلىپ تەييارلانغان توخۇ، باچكا شورپىلىرىنى بىرىش پايدىلىق.
تەييارلىغۇچى : نىرۋا،سۇيدۇك ، ئىچكى ئاجراتما كىسەللىك بولۈمى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت