busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 2 دىن 8 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 7615 قىتىم كۆرۈلدى

دوۋساق ئاجىزلىغى( زەئىپى مەسانە)

تۇنۇش:

ھەرخىل سەۋەپلەردىن دوۋساقنىڭ سۈيدۈكنى  بەلگىلىك  ۋاقىت ساقلاش  ئىقتىدارى  ئاجىزلاپ ، كېلىنىكىدا سۈيدۈك تۇتالماسلىق ياكى سىيىپ يېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج   بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىك

 دوۋساق ئاجىزلىغى ئۇيغۇ ر تىبابەت  كىلاسسىك  ئەسەرلەردە ‹ زەئىپى مەسانە  ، بەۋلى  فىلفىراش، سىلسىلبەۋل › دەپ ئاتىلىدۇ.

سەۋەبى:

  (1) خىلىتسىز ھۆل سۇغۇق كەيپىياتنىڭ تەسىرى

  (2) تەمسىز بەلغەم   خىلىتىنىڭ تەسىرى

 (3) تۇغما ئامىللار

 (4)   بەل ئۇمۇرتقا ئۆسمىسى

  (5) سىرىتقى زەخمىلىش

 (6) روھى ئامىل قاتارلىق سەۋەپلەردىن كېلىپ چىقىدۇ

ئالامىتى:

سىيىپ يېتىشتا كېچىسى  ئۇخلىغاندا ئۆزى  بىلمىگە ن ھالدا  ئورنىغا  سىيىپ ياتىدۇ .  سۈيدۈك   تۇتالماسلىقتا  مەيلى  كېچە ياكى  كۈندۈز  بولسۇن  سۈيدۈكنى  تىزگىنلەش   ئىقتىدارى  توسقۇنلۇققا  ئۇچراپ ، سۈيدۈك مېڭىپ كېتىش ئالامەتلىرى    كۆرۈلۈش بىلەن  بىرگە قايسى  خىل سەۋەپتىن  كېلىپ چىققان  بولسا شۇ سەۋەپكە ئالاقىدار ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

دىئاگىنوزى:

كېسەل تارىخى ۋە تىپىك ئالامىتىگە ئاساسەن 

داۋالاش پىرىنسىپى:

1. مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا   تەڭشەش ۋە  تازىلاش ئېلىپ  بېرىلىدۇ.

2. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كېسەلگە قارىتا   داۋالاش    ئېلىپ     بېرىلىدۇ .

3. ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، پەي مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، مىڭە ، نېرۋا ۋە ئومۇمى بەدەننى قۇۋەتلەش  مەخسەتتە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى:

خىلىتسىز ھۆل سۇغۇق كەيپىيات تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا قىزىتىش مەخسەتتە   دورا ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن  خولۇنجاننى سوقۇپ ،  كەچتە ئۇخلاش  ئالدىدا قايناقسۇ بىلەن  ئىچىشكە بېرىلىدۇ. زىرە، كۇندۇر، نامازشام گۈلى ئۇرۇغى60 گىرامدىن،  ھەسەلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ، مەجۈن تەييارلاپ 10 گىرامدىن ئىستىمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. جۆيۈز ياكى تاۋۇز پوستىنى يۇمشاق سوقۇپ ، زىمات تەييارلاپ دوۋسۇن ساھەسىگە چېپىلىدۇ. ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇپ، پەي مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، مىڭە ، نېرۋا ۋە ئومۇمى بەدەننى قۇۋەتلەش مەخسەتتە   ماتىدىلھايات ، مەجۈنى سوم، ئىتىرپىل كەبىر، جاۋارىش زەرئۇنى، جاۋارىش كۇندۇر،  جاۋارىش    جالىنوس ،  جاۋارىش مەستىكى قاتارلىقلار ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.

تەييارلىغۇچى : نىرۋا ، سۇيدۇك ، ئىچكى ئاجراتما كىسەللىك بۆلۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282