busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 17 دىن 13 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 27267 قىتىم كۆرۈلدى

يۈرەك رېتىمسىزلىغى

         تونۇش :

ھەر خىل يۈرەك كېسەللىكلىرى ۋە مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن يۈرەكتىكى روھ قۇۋەتلەرنىڭ ئايلىنىشى قالايمىقانلىشىپ .كىلىنىكىدا يۈرەك ھەركىتى تېزلىشىش ئھستىلاش ياكى يۈرەك رېتىمى تەكشى بولماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغانبىر خىل كېسەللىك بولۇپ ئۇيغۇر تىبابىتىدە «خەفىقان» دەپ ئاتىلىدۇ

يۈرەك رېتىمسىزلىغى ىاراكتىرنىڭ ئوخشىماسلىغىغا قاراپ ئەزا خارەكتىرلىك يۈرەك رېتىمسىزلىغى ۋە مىزاج بۇزلۇش خارەكتىرلىك يۈرەك رېتىمسىزلىغى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ

1)   ئەزا خارەكتىرلىك يۈرەك رېتىمسىزلىغى

تونۇش:

ھەر خىل يۈرەك كېسەللىكلىرى ۋە باشقا سەۋەپتىن يۈرەكنىڭ ئۆتكۈزۈش سېستىمىسىدا نورمالسىزلىق يۈز بېرىپ، كىلىنىكىدا يۈرەك ھەركىتى تېزلەش، ئاستىلاش ياكى يۈرەك رېتىمى تەكشى بولماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خارەكتىرلىك كېسەللىك

ئەزا خارەكتىرلىك يۈرەك رېتىمسىزلىغى-سىنوس خارەكتىرلىك يۈرەك رېتىمسىزلىغى، مۇددەتىن بۇرۇن قىسقىراش، تۇتقاقلىق يۈرەك ھەركىتى تېزلىشىش،يۈرەك تىتىتەش قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ

(1) سىنوس خارەكتىرلىك يۈرەك رېتىمسىزلىغى

تونۇش:

ھەر خىل كېسەللىك سەۋەپلىرى تەسىردىن سىنۇس تۈگۈنچىسنىڭ ئىمپىلوس ھاسىل قىلىشى ۋە ئىمپىلوس قويۇپ بېرىش خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ .كىلىنىكىدا يۈرەك ھەركىتى تېزلىشىشى ،يۈرەك ھەركىتى ئاستىلاش، يۈرەك رېتىمى تەكشى بولماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.

سەۋەبى:

قان ئازلىق، قىزىتما، قالقان بەز خىزمىتى ئېشىپ كېتىش، شوك، يۈرەك زەئىپلىشىش، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، قاناش ياكى قان سىغىمچانلىغى تۈۋەنلەش، يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى، مىڭە ئىچكى بېسىمى ئارتىپ كېتىش، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش، كېزىك، رىماتىزىم خارەكتىرلىك ئىككى قاپقاق كىلاپان تاريىش ياكى ئائورتا كىلاپان كېسىلى قاتارلىقلار، ئاداشقان نېرۋا ۋە سىمپاتىك نېرۋا خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ يۈرەك ھەركىتى تېزلەش، ئاستىلاش ياكى يۈرەك رېتىمى قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ .

بەزى فىزولوگىيلىك ئەھۋالدىمۇ سىنوس خارەكيىرلىك يۈرەك رېتىمسىزلىغى كېلىپ چىقىدۇ مەسلەن: روھى جىددىلىك، تويۇنۇپ تاماق يىيىش، ھاراق ئىچىش ،جىسمانى ئەمگەك ۋە تەنەركەت پائاليەتلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇش، قېنىق چاي ۋە قەھۋە ئىچىش بىلەنمۇ يۈرەك ھەركىتى تېزلەش كېلىپ چىقىدۇ .

كېسەللىك ئالامىتى:

1-سىنۇس خارەكتىرلىك يۈرەك ھەركىتى تېزلەشتە يۈرەك سېلىش، چارچاش، تەشۋىشلىنىش، جىددىلىشىش،  غەم ئەندىشە كۆپ بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرلۈش بىلەن بىرگە يۈرەك ھەركىتى ھەر مىنۇتىغا 100~ 150 قېتىم ئارلىغىدا بولىدۇ بەزى كىشىلەردە 150 قېتىمدىن ئېشىپ كېتىدۇ  . كىچىك بالىلاردا 200  قېتىمدىن ئېشىپ كېتىدۇ . يۈرەك ئۇچى ۋە بويۇن ئارتىايەسى سوقۇشى كۈچۈيدۇ  يۈرەك ئاۋازى جاراڭلىق بولىدۇئاز ساندىكىلەردە يۈرەك ئۇچى رايۇنىدىن قىسقىراش دەۋىرلىك شاۋقۇن ئاڭلىنىدۇ.

2-سىنۇس خارەكتىرلىك يۈرەك ھەركىتى زىيادە ئاستىلاشتا يۈرەك قېتىمى ئاستا بولغاچقا باش قايىدۇ،ماغدۇرىسزلىنىدۇ ،نەپەس سىقىلىدۇ ،ئەس ھۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچۇرايدۇ ،يۈرەك زەئىپلىشىش ياكى مىڭىگە قان يىتىشمەسلىك ئىپادىلىرى كۆرىلىدۇ ،قان بېسىمى تۈۋەنلەيدۇ، يۈرەك ھەركىتى مىنۇتىغا  60 قېتىمدىن تۈۋەن بولىدۇ    

3- سىنۇسلۇق يۈرەك رېتىمى قالايمىقانلىىشىشتا ئادەتتە ھىچقانداق ئالامەت بولمايدۇ ئېغىر كېسەللەردە باش قايىدۇ ،ماغدۇرسىزلىنىدۇ، يۈرەك ھەركىتى بىردەم تېز بىردەم ئاستا بولۇپ رېتىمى تەكشى بولمايدۇ

دىئاگىنۇز ئاساسى

  1-    سىنۇس خارەكتىرلىك يۈرەك ھەركىتى زىيادە تېزلەشنىڭ دىئاگىنۇزى

1)  تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگىنۇز قويىمىز .

2)  قۇشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگىنۇز قويىمىز .

يۈرەك ئېلىكتىروەاردىئوگىراممىدا تەكشۈرگەندە سىنوسلۇ ق يۈرەك رېتىمىنىڭ نورمال ئالاھىدىلىگى بولغاندىن سىرىت  پ دولقۇننىڭ چاستوتىسى100 قېتىمدىن ئېشىپ كېتىدۇ

 2   - سىنۇسلۇق يۈرەك ھەركىتى زىيادە ئاستىلاشنىڭ دىئاگىنۇزى .

1)    تىپىك كېسەللەك ئالامىتىگە ئاساسەن دىاگىنۇز قويىمىز .

2)  قۇشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگىنۇز قويىمىز

يۈرەك ئېلىكتىركاردىئوگىراممىدا تەكشۈرگەندە نورمال سىنوسلۇق يۈرەك رېتىمى بولۈاندىن سىرىت p  دولقۇن مىنۇتىغا 60 قېتىمدىن ئاز بولىدۇ

3- سىنوسلۇق يۈرەك رېتىمى تەكشى بولماسلىقنىڭ دىئاگىنۇز ئاساسى:

1)    تىپىك كىلىنىكا ئىپادىسىگە ئاساسەن دىئاگىنۇز قويىمىز

2)    قۇشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرگە ئاساسەن دىئاگىنۇز قويىمىز

داۋالاش ئۇسۇلى ۋە پىرىنسىپى:

ھەر خىل يۈرەك رېتىمسىزلىغى يۈرەكتىكى ھەر خىل كېسەللىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولغاچقە ئادەتتە داۋالاشتا قايسى خىل كېسەللەكتىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كېسەللىكنىڭ داۋالاش پىرىنسىپى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى بويچە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ

(2) مۇددەتىن بۇرۇن قىسقىراش

تونۇش:

ھەر خىل يۈرەك كېسەللىكلىرى ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يۈرەكنىڭ ئۆتكۈزۈش سېستىمىسىدىكى سىنۇس تۈگۈنىدىن باشقا ئورۇنلاردا ھاسىل بولغان ئىمپىلوسلارنىڭ تەسىردىن كېلىپ چىققان يۈرەكنىڭ مۇددەتىن بۇرۇن قىسقىرىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ياشانغانلاردا نىسبەتەن كۆپ ئۇچۇرايدۇ بالىلاردا نىسبەتەن ئاز ئۇچۇرايدۇ

سەۋەبى:

1-ھەر خل يۈرەك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ مەسلەن :يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، رىماتىزىملىق يۈرەك كېسىلى ، يۈرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق كېەللىكلەر سەۋەبىدىن

2-ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەل سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ مەسلەن ئىسكارلاتىنا، بىرۇتسىللىيوز كېسىلى، يۇقۇرى نەپەس يولى يۇقۇملۇنۇش، ئۆت يولى ۋە سۈيدۈك يوللىرى يۇقۇملۇنۇش قاتارلىقلار

3-  باشقا ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ

4-بەزى فىزولوگىيەلەك ئەھۋاللەردىمۇ كېلىپ چىقىدۇ مەسلەن روھى جىددىلىك، ھاياجانلىنىش ،زىيادە چارچاش، ھاراق ئىچىش ،تاماكۇ چىكىش قاتارلىقلار

ئالامىتى:

مۇتلەق كۆپ ساندىكى بىمارلاردا يۈرەك سېلىپ، يۈرەك ئالدى رايۇنى يېقىمسىزلىنىدۇ، يۈرەك رېتىمى قالايمىقانلىشىدۇ ،ئارلاپ يۈرەك ھەركىتى تېزلىشىدۇ، قىسمەن بىمارلاردا كىكىرتەك تارتىكغاندەك ياكى كەپلىشىپ قالغاندەك سىزىم بولىدۇ، تۇتقاقلىق يۆتىلىدۇ ئەگەر مۇددەتىن بۇرۇن قىسقىراش مىڭە ۋە تاجىسىمان ئارتىريە قېتىش كېسەللىكى بىلەن ئاغىرغان كىشىلەردە كۆرۈلسە باش قايىدۇ ،ئەس ھۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچۇرايدۇ، يۈرەك سانچىغى قوزغۇلۇدۇ، مىڭىگە قان يىتىشمەسلىكنىڭ ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ

تىڭشاپ تەكشۈرگەندەمۇددەتىن بالدۇر پەيدا بولغان زىيادە بالدۇر سوقۇش تاۋۇشى ئاڭلىنىدۇ

دىئاگىنۇز ئاساسى:

1-  تىپىك كىلنىكا ئىپادىسىگە ئاساسەن دىئاگىنۇز قۇيىمىز

2-  قۇشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگىنۇز قويىمىز

سېلىشتۇرما دىئاگىنۇزى:

كىلىنىكىدا 3 خىل بالدۇر سوقۇشنىڭ يۈرەك ئېلىكتىروكاردىئوگىراممىدىكى ئۆزگىرىشى پەرىقلەندۈرۈلىدۇ

داۋالاش ئۇسۇلى ۋە پىرىنسىپى:

قايسى خىل كېسەللىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كېسەلنىڭ داۋالاش پىرىنسىپى ۋە ئسۇلى بويچە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ

(3) تۇتقاقلىق يۈرەك ھەركىتى زىيادە تېزلەش

تونۇش:

ھەر خىل يۈرەك كېسەللىكلىرى ۋە باشقا ئامىللىرنىڭ سەۋەبىدىن يۈرەكنىڭ ئۆتكۈزۈش سېستىمىسنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، كىلنىكىدا يارەك ھەركىتى تۇتقاقلىق خارەكتىرلىك تۇيۇقسىز تېزلىشىش ۋە تۇيۇقسىسز توختاش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.

تۇتقاقلىق يۈرەك ھەركىتى زىيادە تېزلىشىش – قېرىنچە ئۈستى خارەكتىرلىك يۈرەك ھەركىتى زىيادە تېزلىشىش ، قېرىنچە خارەكتىرلىك يۈرەك ھەركىتى زىيادە تېزلىشىش دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ

سەۋەبى:

1-  بىر قىسىم كېەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ

2-  بەزى فىزولوگىيلىك ئەھۋاللەردىمۇ يۈرەك ھەركىتى زىيادە تېزلەش كېلىپ چىقىدۇ

3-  باشقا ئامىللار: مەسلەن يۈرەك ئوپىراتسىيەسى، يۈرەككە نەيچە كىرگۈزۈش قاتارلىقلار.

ئالامىتى:

يۈرەك ھەركىتى تۇتقاقلىق خارەكتىردە قوزغىلىپ تېزلىشىدۇ. تۇيقسىز توختايدۇ ،يۈرەك قوزغىلىش بىرقانچە سېكىنۇت، بىرقانچە مىنۇت ، بەزىدە بىرقانچە سائەت بولىدۇ .يۈرەك سېلىپ باش قېيىپ ئىسىلىدۇ، نەپەس سىقىلىپ ھاسىرايدۇ، تەرلەيدۇ، كۆپ سىيىدۇ ،كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇدۇ، پۇت قوللار قولىشىدۇ، ئەگەر تۇتۇش ۋاختى ئۇزۇنغا سوزلۇپ كەتسە قان بېسىمى تۈۋەنلەيدۇ

دىئاگىنۇز ئاساسى:

1-  تىپىك كىلنىكا ئىپادىسىگە ئاساسەن دىئاگىۇز قۇيىمىز

2-  قۇشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرگە ئاساسە دىئاگىنۇز قۇيىمىز

سېلىشتۇرما دىئاگىنۇزى:

قېرىنچە ئاستى خارەكتىرلىك يۈرەك ھەركىتى زىيادە تېزلىشىش، قېرىنچە خارەكتىرلىك يۈرەك ھەركىتى زىيادە تېزلىشىشۋە سىنۇسلۇق يۈرەك ھەركىتى زىيادە تېزلىشىشنى ئۆزارا پەرىقلەندۈرمىز

دااۋلاش:

تۇتقاقلىق يۈرەك ھەركىتى زىيادە تېزلىشىش كۆپىنچە ھەر خىل كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولغاچقا داۋالاشتا قايسى سەۋەپدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كېسەللىكنىڭ داۋالاش پىرىنسىپى بويچە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرى ئۇيغۇر تىبابەت جىددى قۇتقۇزۇش دەرسلىەىدە تەپسىلى سۆزلىنىدۇ

2 ) مىزاج بۇزلۇش خارەكتىرلىك يۈرەك رېتىمسىزلىغى

تونۇش:

ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يۈرەكنىڭ مىزاجى بۇزلۇپ يۈرەكتىكى روھ قۇۋەتلەرنىڭ ئايلىنىشى قالايمىقانلىشىپ كىلىنىكىدا يۈرەك ھەركىتى تېزلىشىش، يۈرەك ھەركىتى ئاستىلاش، يۈرەك چالاڭغۇراش، قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزلۇش خارەكتىرلىك كېسەللىك

سەۋەبى:

1- ماددىسىز قۇرۇق ئىسىقنىڭ تەسىرىدىن

2-ماددىسىز قۇرۇق سوغاقنىڭ تەسىرىدىن

3-  ماددىسىز ھۆل سوغوقنىڭ تەسىرىدىن

4-  ماددىسىز ھۆل ئىسسىقنىڭ تەسىرىدىن

5-  قان خىلىتىنڭ ئازىيىشىدىن نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282