busy

بۇ مەزمۇن 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 18 دىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 744 قىتىم كۆرۈلدى

غەيرى تەبىئى سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان ئويقۇسىزلىقنى ئويغۇر تىبابىتىدە داۋالاش

قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە سوزۇلما خارەكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئۇيقۇسىزلىقنى ئويغۇر تىبابىتى بويىچە داۋالاش جەھەتتىكى تەجرىبىلەر تونۇشتۇرىلىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئويقۇسىزلىق،داۋالاش

ئويقۇ ئىنسان ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان فىزىئولوگىيىلىك ھالەت بولۇپ،ئويقۇ نورمالدىن ئېشىپ كەتسە ياكى بەك كەم بولۇپ كەتسە كىسەللىك ھىساپلىنىدۇ.

نورمال ئويقۇ ئورگانىزىمدىكى ماددا ئالمىشىش جەريانىدا خوراپ كەتكەن روھى قۇۋۋەتلەرنى تولۇقلاپ،ئورگانىزىمدىكى كۈچ-قۇۋۋەتلەرنىڭ ئەسلىگە كىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.روھى نەپسانى ۋە قۇۋۋىتى نەپسانىنىڭ سىرتقى بەش سىزىم ۋە ئىچكى بەش سىزىم قۇۋۋەتلىرى ئارقىلىق بىرىدىغان جىددىيلىك تۇيغۇلىرىمۇ تەدرىجى يەڭگىللەپ،ھەرىكەت ۋە سىزىم نىرىپلىرىنىڭ سىزىمچانلىقىنى تۈۋەنلىتىدۇ.قىسقىسى نورمال ئويقۇ،روھ ۋە ھەرخىل قۇۋۋەتلەرنى كۈچلەندۈرىدۇ.ئەزا ۋە توقۇلمىلارنى جانلاندۇرىدۇ،بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ،ھاردۇق چىقىرىدۇ.

نورمال ئويقۇ ئادەتتە سۈت ئىمىۋاتقان بالىلارنىڭ بەدىنى ئاجىز ھەم ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئويقۇغا بولغان ئىھتىياجى كۆپ بولىدۇ.شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ بىر سوتكىدىكى ئويقۇسى 16 سائەتتىن كەملەپ كەتمەسلىكى كىرەك.تۆت ياش ئەتراپىدىكى بالىلارنىڭ 12 سائەت،ئۆسمۈرلەرگە 10 سائەت،ياشلار 8-9 سائەت،ياشانغانلار 6-8 سائەت ئەتراپىدا ئۇخلىسا نورمال ھىساپلىنىدۇ.

ئادەتتە ئويقۇسىزلىقنىڭ سەۋەبى كۆپ خىل بولسىمۇ لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر كىسەللىكنىڭ ئەسلى سەۋەبىگە سەل قاراپ،نوقۇل ھالدا بىر قىسىم نىرۋا خىزمىتىنى تورمۇزلاپ،ئاغرىق پەسەيتىپ ،تىنىچلاندۇرغۇچى دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىپ،ئاخىرىدا بەدەننىڭ بۇ خىل دورىلارغا كۈنۈپ قېلىشى ۋە بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كىيىن دورا ئۈنۈمى كۈرۈلمەي تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ھورمۇنلۇق دورىلارنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان بولۇپ،بۇ خىل دورىلارنىڭ بەدەنگە بىرىدىغان ئەكىس تەسىرىگە سەل قاراپ كەلمەكتە.بۇ بىر قىسىم كىشىلەردە نىرۋا خىزمىتى قالايمىقانلىشىش،مالىخۇلىيا،مىڭە يىگىلەش قاتارلىقلارنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولماقتا.شۇڭا ئويقۇسىزلىققا سەل قارىماي ئۇنى ۋاختىدا ئىلمى ئۇسۇل بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىش ئىنتايىن زۆرۈر.

تۈۋەندە ئويقۇسىزلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرىنىڭ بىرى بولغان سوزۇلما خارەكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان ئويقۇسىزلىق توغرىسىدا ئورتاقلىشىپ ئۆتىمىز.

سوزۇلما خارەكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئۇيقۇسىزلىق ھەرخىل سەۋەپلەردىن بۇرۇن شىللىق پەردىللىرى ياللۇغلىنىپ، مىڭىنىڭ ھاۋائى نەسىمى(ئوكسىگىن) بىلەن تەمىنلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ،بىر سوتكا ئىچىدىكى ئويقۇنىڭ نورمال ئۆلچەمدىن تۈۋەنلەپ كىتىشى ياكى ئويقۇ كىلىپ ئازراق ئۇخلىغاندىن كىيىن ئويغىنىپ كىتىپ،كىچىنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئويغاق ھالەتتە ئۆتكۈزۈش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كىسەللىك بۇلۇپ بىمار دائىم ئويقۇ چىراي كۈرىنىدۇ.بۇرۇن تۈشۈكچىللىرى قۇرۇق بولۇپ،ئۇسسۇزلىقى كۈچلۈك بولىدۇ،باش قىسمى قىزىق بىلىنىدۇ،يۈرەك ھەرىكىتى كۈچلۈك بولۇپ،روھى چۈشكۈنلۈك بولىدۇ،كىچىسى ئويقۇ كەلمەيدۇ.بەزىدە ئويقۇ تۇتۇپ مۈگدىگەندەك ھىس قىلسىمۇ،بىر ئازدىن كىيىنلا ئويغىنىپ كىتىدۇ.چىرايى تاتىراپ،ماغدۇرسىزلىنىدۇ.بەدىنى بوشاپ كۆپ ئەسنەيدۇ،ئوزۇن داۋاملاشسا ئاسان ئاچچىقلىنىش،ئونۇتقاقلىق ئەھۋاللىرى كۈرىلىدۇ.بۇ خىل كىسەللىك سوزۇلما خارەكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغى سەۋەبىدىن بۇرۇن شىللىق پەردىللىرى قىزىرىپ ،ئىششىش،قېلىنلاش،بۇرۇن شىللىق پەردە مۇنچاق گۆش ئۈسۈش قاتارلىق پاتولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بۇرۇن كانالچىسىنى قىسمەن ياكى ئوتتۇرىھال دەرىجىدە توسۇۋېلىشى نەتىجىسىدە بۇرۇن پۈتۈش،پۇراش سىزىمى تۈۋەنلەش ئەھۋاللىرى كۈرۈلۈش بىلەن بىرگە ھاۋائى نەسىمى(ئوكسىگىن) نىڭ بۇرۇن يان كاۋىكى ئارقىلىق مىڭىگە يىتىپ بېرىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ نەتىجىدە مىڭىنىڭ ھاۋائى نەسىمى(ئوكسىگىن) بىلەن تەمىنلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ،مىڭە توقۇلمىللىرى ۋە نىرىپلارنىڭ نورمالنى ئوزۇقلىنىشى ۋە ماددا ئالماشتۇرىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ،بۇنىڭ بىلەن نىرىپلارنىڭ ۋە ئۇيقۇ مەركىزىنىڭ نورمالنى خىزمەت پائالىيىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ،چوڭ مىڭە پوستىلىقىنىڭ قوزغىلىشى ۋە نىرىپلارنىڭ سىزىمچانلىقى كۈچىيىپ كىتىپ ئاخىرىدا ئويقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سوزۇلما خارەكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغى سەۋەبىدىن ئويقۇسىزلىق كىلىپ چىقىش بىلەن بىرگە بەدەننىڭ تەبىئى قۇۋۋىتى(ئىممۇنىت كۈچى) ئاجىزلاپ باشقا ئەگەشمە كىسەللىكلەر كىلىپ چىقىدۇ.ئەگەر كىسەللىككە قارىتا ۋاختىدا جىددى داۋالاش ئېلىپ بارمىغاندا كىسەللىك ئوزۇنغا سوزۇلۇپ كىتىپ،نىرۋا ئاجىزلىقى،مالىخۇلىيا ،يۈرەك چالاڭغۇراش،ھەتتا ساراڭلىق كىسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بىرى دوختۇرخانىمىزنىڭ نىرۋا-سۈيدۈك ئىچكى ئاجراتما كىسەللىكلەر بۈلىمىدە يېتىپ داۋالىنىۋاتقان بىمارلاردىكى ئويقۇسىزلىق كىسەللىكلىرى ئىچىدە سوزۇلما خارەكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئويقۇسىزلىقنى داۋالاش جەھەتتە بىر قەدەر ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشتۇق.

تۈۋەندە بۇ خىل كىسەللىكنى داۋالاشتىكى كىلىنىك تەجرىبىلەر تونۇشتۇرىلىدۇ.

1. ئوزۇقلۇق پەرۋىشىگە ۋە تۇرمۇش ئادىتىگە ئەھمىيەت بىرىش لازىم.بۇنىڭ ئۈچۈن تەستە ھەزىم بولىدىغان،يەل پەيدا قىلغۇچى،غىدىقلىغۇچى،مايلىق يىمەك-ئىچمەكلەر(مەسىلەن: قورىغان گۆش،لازا-ئاچچىقسۇ ،قىيمىلىق تائاملار) دىن پەرھىز قىلدۇرۇلۇپ،ئاسان ھەزىم بولىدىغان،ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يىمەك-ئىچمەكلەردىن كالا سۈتى،شوۋىگۈرۈچ،سەي شورپىسى، مېغىزلار ھالۋىسى،ئارپا ئېشى،سەي-كۆكتاتلار ،ئانار،ئۈزۈم،ئامۇت،قاتارلىق ئاسان ھەزىم بولىدىغان يىمەك-ئىچمەك ۋە مىۋە-چىۋىلەرنى ئىستىمال قىلدۇرۇش، ئوغلاقنىڭ باش ۋە پۇت گۆشلىرىنى ،چۈجە گۆشلىرىنى بىرىش لازىم. كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، كۆپ كىتاپ ئوقۇش،كۆپ تەپەككۇر قىلىش چاڭ-توان،ئىس-تۈتەكلىك مۇھىتتا تۇرۇشتىن،ئىسسىق تەبىئەتلىك چاي دورىلىرى ،قېنىق دەملەنگەن قارا چاي،قەھۋەلەرنى كۆپ ئىچىش، ئىسسىقتا ئەمگەك قىلىش،ئاپتاپتا ئوزۇن ئولتۇرۇش ئەپيۇن،نەشە،تاماكىلارنى كۆپ چىكىش،جەلىق ۋە جىنسى ئالاقە بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىش،داۋاملىق غەم-قايغۇ،روھى جىددىيلىك ئىچىدە ياشاش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىپ،ياخشى ئارام ئېلىش ، توغرا تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش كىرەك.

2. بۇرۇن تازىلىقنى ياخشى ئىشلەش لازىم.بۇنىڭدا بۇرۇننىڭ تازىلىقىنى ياخشى ئىشلەش،بۇرۇننى پاسكىنا نەرسىلەر بىلەن خالىغنچە كوچىلىماسلىق،سۈرتمەسلىك،بۇرۇنغا خالىغانچە دورا تېمىتماسلىق،بۇرۇندىن ئاجرالغان ھەرخىل ئاجرالما ماددىلارنى ۋاختىدا پاكىزە نەرسىلەر بىلەن ئېلىپ تۇرۇش، شۇنداقلا سوغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشتىن،زۇكام بولۇشتىن ساقلىنىش،شەخسى تازىلىق ۋە مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلاش كىرەك.

3. كىسەللىك سەۋەپچىسىنى يۇقىتىپ، يۇقىرىقى نەپەس يوللىرىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.يەنى ئويقۇسىزلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ كىسەللىك تارىخىنى تەپسىلى سوراپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق،بىمارنىڭ كەسپى،تۇرمۇش ئادىتى،تۇرالغۇ مۇھىتى،يىمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىدىكى كىسەللىك سەۋەپچىللىرىنى تېپىپ چىقىپ،بۇ خىل ئامىللاردىن يىراقلاشتۇرۇش كىرەك. يەنى بۇرۇن شىللىق پەردىللىرىنىڭ ياللۇغلىنىشىغا قارىتا بىمارنىڭ ئەسلى مىزاجى ۋە ئۆزگەرگەن مىزاجىغا قارىتا خىلىت ئىتىبارى بىلەن قايسى خىل خىلىت تەسىرىدە بۇرۇن شىللىق پەردىسى ياللۇغلانغان بولسا شۇ خىل غەيرى تەبىئى خىلىتقا قارىتا مۇنزىچ-مۇسھىل بىرىلىپ،بەدەننىڭ زىيادە سىزىمچانلىقى تۈۋەنلىتىلگەندىن كىيىن ياللۇغ قايتۇرۇپ،ئىششىق ياندۇرۇش،نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش مەخسىتىدە ئىچكى قىسىمدىن سەرپىستان جەۋھىرى،بادام جەۋھىرى،ئەرىقى چۆبىچىن،مەجۈنى چۆبىچىن،ئۆشبە دانىچىسى،بىنەپشە شەربىتى،نىلۇپەر شەربىتى قاتارلىق دورىلار مىقدارى بويىچە ئىچىشكە بىرىلدى.گۈل يېغى بىلەن بۇرۇن ئىچى شىللىق پەردىسى پەلكۈچ بىلەن مايلاپ بىرىلدى.

توسالغۇلارنى ئېچىش،مىڭىنىڭ قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ،مىڭىنىڭ ھاۋائى نەسىمى(ئوكسىگىن) بىلەن تەمىنلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ،مىڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش مەخسىتىدە ئىككى چىكە ۋە پىشانە قىسمىنى بادام يېغى ۋە قاپاق ئورۇقى يېغىدا ياغلاپ،قاپاق مېغىزىنى ئىزىپ،كالا سۈتىگە ئارىلاشتۇرۇپ پىشانە ۋە چىكە ساھەسىگە چېپىپ بىرىلدى.باش ساھەسىگە قاپاق مېغىزى،تاۋۇز مېغىزى،بادام مېغىزى،ئاق سەندەل،يۇمغاقسۈت ئورۇقى،ئوسۇڭ ئورىقىدىن ئالتە گىرامدىن ئېلىپ،60 مىللىلىتىر گۈل ئەرىقىدە ئىزىپ،گۈل يېغىدىن 12 مىللىلىتىر قوشۇپ،كۆك يۇمغاقسۈت سۈيىدىن 30 مىللىلىتىر قوشۇپ باش ساھەسىگە چېپىشكە بىرىلىدى .

ئۇندىن باشقا گۈلبىنەپشە،نىلۇپەر،ئوسۇڭ ئورىقى،يۇمغاقسۈت ئورىقى بىر 20 گىرامدىن،كۆكنار شاكىلىدىن 10 گىرام ئېلىپ چالا سوقۇپ،مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا بىر كىچە چىلاپ،ئەتسى قاينىتىپ،ئىلمان ھالەتتە باشنى يۇيۇشقا بىرىلدى.

ياللۇغ قايتۇرۇپ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش،مىڭىنىڭ ئوكسىگىن بىلەن   تەمىنلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئويقۇنى ياخشىلاش مەخسىتىدە بابۇنە،ئىكلىلمىلىك، بادرەنجىبۇيا،گاۋزىبان ، زاراڭزا مېغىزى،گۈل گاۋزىبان،مەرزەنجۇش،بىنەپشە ،نىلۇپەر،قاپاق مېغىزىدىن 30 گىرامدىن ئېلىپ، قائىدىلىك بۇسلانما تەييارلاپ،كۈندە بىر قېتىم بۇرۇن ساھاسىنى بۇسلاشقا بىرىش بلەن بىرگە ئادراسمان ئورىقى 25 گىرام،ئىزخىر،دارچىن،بابۇنە،گۈلبىنەپشە،قىزىلگۈل،ئامىلە 12 گىرامدىن،تۇز بەش گىرام،گۈل يېغىدىن 100 مىللىلىتىر ئېلىپ ،دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،گۈل يېغى بىلەن قوشۇپ زىماد تەييارلاپ،كۈندە بىر قېتىم بۇرۇن يولىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا تېڭىپ بىرىلدى ھەمدە گاۋزىبان،ئەفتىمۇن، ئۈستىقۇددۇس،شاھتەررە،دارچىندىن 10 گىرامدىن ئېلىپ،چالا سوقۇپ چايلىق تەييارلاپ،دەملەپ ئىچىشكە بىرىلدى. زۆرۈر تېپىلغاندا قىز بالا ئىمىتىۋاتقان ئايالنىڭ سۈتىگە قاپاق ئورۇغىنىڭ مېغىزىنى سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ باشقا چېپىپ بىرىش بىلەن بىرگە سېرىق چىچەكتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ،قاينىتىپ سۈيىدە باشنى يۇيۇشقا بىرىلدى.

4.كىسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كىيىن مىڭىنىڭ قان ھەم ئوكسىگىن (ھاۋائى نەسىمى) بىلەن تەمىنلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش،نىرۋىنى كۈچلەندۈرۈپ،ئويقۇنى ياخشىلاش،ئومۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەخسىتىدە ئۈستىقۇددۇس شەربىتى،بادرەنجى بۇيا شەربىتى،مەجۈنى داۋائىمىشكى،ئامىلە نۇشدارى لۆلىۋى،مۇپەررىھ ھار قاتارلىق دورىلار تاللاپ بىرىلدى.

قىسقىسى، سوزۇلما خارەكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئويقۇسىزلىقنى داۋالاشتا،ئالدى بىلەن بىمارنىڭ يىمەك-ئىچمەك ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى تەرتىپكە سېلىش،كىسەللىك سەۋەبىگە قارىتا ياللۇغ قايتۇرۇپ،نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش، مىڭىنىڭ قان ھەم ئوكسىگىن (ھاۋائى نەسىمى) بىلەن تەمىنلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش،نىرۋىنى كۈچلەندۈرۈپ،ئويقۇنى ياخشىلاش،ئومۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەشتىن ئىبارەت تەرتىپلىك بولغان داۋالاش پىرىنسىپىنى قوللىنىپ داۋالاش ئېلىپ بارغاندا،يۇقىرى بولغان داۋالاش ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

ئاپتۇرى : مەمتىمىن ئېلى   توختى رۇزى داۋۇت 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282