busy

بۇ مەزمۇن 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 11 دىن 52 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 543 قىتىم كۆرۈلدى
80 نەپەر بىماردىكى ئىسىقتىن بولغان دىئابىت كىسىلنى داۋالاشتىن دوكلات
    قىسقىچە: مەقسەت: ئىسىقتىن بولغان دىئابىت كىسەللىكىنى ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى بىلەن داۋالاش ئۈنۈمنى كۆزتىش؛ ئۇسۇل قىلش: 80نەپەر بىماردىكى ئىسىقتىن بولغان دىئابىت كىسەللىكىنى قۇرسى زىيابىتۇس، سۇفۇپى سەندەل قاتارلىق دورىلاربىلەن داۋالاش؛ نەتىجە: بىمارلار ئىچىدە داۋالاش ئۈنۈمى كۆرنەرلىك بولغانلار 46 نەپەر (%57.7) ، ئۈنۈمى كۆرۈلگەنلەر 28نەپەر (35%)،ئۈنۈمى كۆررۇلمىگەنلەر 6نەپەر(7.5%)نداۋالاشنىڭ ئومومى ئۈنۈم بىرىش نىسبىتى 92.5%. يەكۈن: ئىسىقتىن بولغان دىئابىت كىسىلگە قارتا كىلىنكىلىق كۈزتىش ئىلىپ بىرىپ، دەسلەپكى قەدەمدە دىئاگىنۇز ئاساسى، داۋالاش لاھىيىسى ھەم داۋالاش ئۇسۇلى تۇرغۇزۇلۇپ، ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ ئىسىقتىن بولغان دىئابىت كىسەللىكنى داۋالاش ئۈنۈمنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى يەكۈنلەپ چىقىرىلدى.
 ئاچقۇچلىق سۆزلەر: ئىسىقتىن بولغان دىئابىت كىسەللىكىنى داۋالاش.
ئىسىقتىن بولغان دىئابىت كىسەللىكى قان ياكى سەپراخىلتىنىڭ غەيرى تەبئىي ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن ئىچكى ئاجراتما بەزلەر خىزمىتى بۇزۇلۇپ، بىماردا كۆپ ئۇسساش، كۆپ يىيىش، ئورۇقلاش، ماغدۇرسىسزلىنىش ئالامەتلىرى بىلەن ئىپادىلنىدىغان ، ماددا ئالماشتۇرۇش خىزمىتى قالايمىقانلىشىش خاراكتىرلىك كىسەللىكتىن ئىبارەت. دوختۇر خانمىزدا 2007-يىلى6-ئايدىن 2009-يىلى6-ئايغىچە بولغان جەرياندا، ئىسىقتىن بولغان دىئابىت كىسىلگە گىرىپتار بولغان 80 نەپەر بىمارنى داۋالاپ كۆرنەرلىك ئۈنۈمگە ئىرىشتۇق.تۆۋەندە بۇخىل كىسەللىكنىڭ داۋالاش جەريانى ۋە نەتىجىسنى دوكلات قىلىپ ئۆتىمىز.
ماتىرىيال ۋە ئۇسۇل
ئادەتتىكى ماتىرىيال 80نەپەر بىمار ئىچىدە ئەرلەر 45نەپەر (56%)، ئاياللار 35نەپەر(44%)، ياش ئايرىمىسى جەھەتتە 17ياشتىن 27ياشقىچە بولغانلار 7نەپەر، 27ياشتىن 37ياشقىچە بولغانلار 9نەپەر، 27ياشتىن 47ياشقىچە بولغانلار11نەپەر، 47ياشتىن 57ياشقىچە بولغانلار 24نەپەر، 57ياشتىن 70ياشقىچە بولغانلار 30نەپەر، يىزا ئاھاللىرى 23نەپەر، شەھەر ئاھاللىرى 47نەپەر.
دىئاگىنۇز قويۇش: دىئاگىنۇز قويۇشتا بىمارنىڭ تومۇر رايى، تىپىك كىلىنكىلىق ئالامەتلىرى، بەدەن بەلگىسى ۋە قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسى قاتارلىقلار ئاساس قىلىندى.
داۋالاش: داۋالاشتا باشتىن-ئاخىر يىمەكلىك پەرزى چىڭ تۇتۇلۇپ، قەنىت تەركىبلىك يۇقىرى ئاقسىللىق، يۇقىرى مايلىق يىمەك ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدى.
 دورا بىلەن داۋاشتا، ئالدى بىلەن غەيرى تەبئىي سەپرا خىلتىنىڭ مۇنزىچ-مۇسھىلى بىرىلدى. قان خىلتىدىن بولغانلار غا قارتا تەڭشەش ئىلىپ بىرىلدى،قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىش، ئاشقازان ئاستى بىزى ۋەبۆرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش، ئۇسۇسلىقنى پەسەيتىش مەقسىتىدە، سۆئىلەپ، شاقاقۇل، قىزىلگۈل، يۇمغاقسۈت ئۇرقى، ئاق سەندەل قاتارلىق دورىلاردىن 100گىرامدىن ئىلىپ، چايلىق تەييارلاپ بىرىلدى،ئەزا توقۇلمىلارنىڭ سۇغا بولغان ئىھتىياجنى قاندۇرۇش، ئۇسۇزلىقنى پەسەيتىش مەقسىتىدە سىمىز ئوت ئۇرقى تەرخەمەك ئۇرۇغى، ئىسىپولدىن 20گىرامدىن ئىلىپ، مۇۋاپىق مىقتىداردىكى سۇغا چقىلاپ شىرنىسىنى ئىلىپ، كۈندە ئۈچ قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 20مىللتىردىن ئىستىمال قىلدۇرىلىىدۇ.
ئىككىنجى قەدەمدە، جىگەر ۋە ئاشقازان ئاستى بەزخىزمىتنى كۈچەيتىش ، توسالغۇلارنى ئىچىش ھەزىمنى ياخشلاش مەقسىتىدە دىنار شەربىتى(شىكەرسىز)،سۇفۇفى سەندەل بىرلدى. ئۇنىڭدىن باشقا رۇبىسۇس، تاباشىردىن ئۈچ گىرامدىن، ئوسۇڭ ئۇرۇقى، ئانارگۈلى، ئاقاقيا، سەمىغى ئەرەبىدىن ئىككى گىرامدىن، ئاق سەندەل،قىزىل سەندەلدىن تۆت گىرامدىن ئىلىپ، يومشاق سوقۇپ، ئاچچىق ئانار سۈيدە يۇغۇرۇپ، قۇرۇس تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قىتىم بەش داندىن بىرىلىدۇ، قۇرسى زىيابىتۇس، قۇرسى تاباشىر كۈندە ئىككى قىتىم 5-7دانغىچە، ئەرقى گۈل كۈندە ئىككى قىتىم، تاماقتىن كىيىن 100مىللىتىردىن ئىچىشكە بىرىلدى. قان قەنتىنى تۆۋەنلىگۈچى، سەپراخىلتىنىڭ ئۆتكۈر ھارارىتىنى پەسەيتكۈچى دورىلاردىن قىزىلگۈل، تەرخەمەك ئۇرقى، ئانار گۈلى، ئاق سەندەل قاتارلىق دورىلاردىن مۇۋاپىق مىقتىداردسدائىلىپ، يۇمشاق سوقۇپ كۈندە ئىككى قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 15گىرامدىن ئىستىمال قىلدۇرىلىدۇ.
كىسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كىيىن، بۆرەك ھەم ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە لوبۇبى كەىر، قۇرسى جاۋارىش زەرئۇنى، قۇرسى مادەتۇلھايات، خىمىرى مەرۋايىت، قۇرسى داۋائىمىشكى قاتارلىق دورىلار تاللاپ ئىستىمال قىلىندى.
نەتىجە:
 بىمار يۇقىرىقى ئۇسۇل بويچە 30-45 كۈنگىچە داۋالاپ ئاخىرخى نەتىجىسنى كۈزەتكىنمىزدە، داۋالاش ئۈنۈمى كۆرنەرلىك بولغانلار 46نەپەر بولۇپ، 57.5%نى، ئۈنۈمى كۆرۈلگەنلەر 28نەپەر بولۇپ 35%نى ئۈنۈمى كۆرۈلمگەنلەر 6نەپەر بولۇپ،7.5%نى ئىگەللەپ، داۋالاشنىڭ ئومومى ئۈنۈم بىرىش نىسبىتى 92.5%گە يەتتى.
مۇھاكىمە:
 1.3. كىلىنكىلىق كۈزتىشىمىز ئارقىلىق ئىسىقتىن بولغان دىئابىت كىسەللىكنىڭ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا كۆپ كۆرلىدىغانلىقىنى، كىسەللىك تەرەققىياتىنىڭ ياشلارغا قارىغاندا ياشانغانلاردا سەل ئاستا، كىسەللىك ئالامەتلىرىنىڭمۇ نىسبەتەن يەڭگىل بولدىغانلىقنى ، پەقەت تەكشۈرۈش جەرياندا قان تەركىبىدە قەنىت بايقىلىپ، سۈيدۈك تەركىبىدىن قەنىت تاپالمايدىغانلىقى، يەنە قان تەكشۈرگەندە ئىسىقتىن بولغان دىئابىت بولدىغانلىقى بايقالدى.  
 ئاپتۇر : خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدىن مۇدىر ۋىراچ: مۇھەممەتئىمىن ئېلى
يوللىغۇچى : ئالىمجان مەخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282